|
|
|
|
"ئۇرۇش ۋە قۇماندان" ئەزىزوف قاسىمنىڭ كىتابى بولۇپ،1994 -يىلى خەلق نەشرىياتى تەرپىدىن نەشر قىلىنغان. بۇ كىتاپتا ئۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىكى تاكتىكىلار ھەققىدە خېلى كۆپ مەلۇماتلار بار.ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدا نەشىر قىلىنغان نوپۇزلۇق كىتابلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىتاپنىڭ يەنە بىر قىممەتلىك يېرى قاراخانلار سۇلالىسىنىڭ ئۇرۇش تاكتىكىلىرى ھەققىدە خېلى ئەتىراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن. سۇنزىنىڭ ھەربىي ئىشلاردىكى تاكتىكىلىرنى يىشىپ چۈشەندۈرگەن. سىزنىڭ قەدىمكى دەۋىردىكى ئۇرۇش ۋە قۇماندانداننىڭ مەسئۇلىيەت-مەجبۇرىيەتلىرىنى چۈشىنىشىڭىزگە خېلى چوڭ ياردىمى تېگىدۇ. ئېلكىتاپ ياساش تېخنىكامنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلى.كىتاپ بەتلىرىنى بىر بەت بىر بەتتىن قىلىشقا ئىمكان بولمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر بەتنى بىردىن ئايرىپ قىلسام كىتاپنىڭ سىغىمى ئېشىپ كېتىپ چۈشۈرۈشكە قولايسىز بولغىدەك. قارىماققا خەت شەكلى كىچىكتەك بولسىمۇ، كۆرۈنۈش پىرسەنتىنى يۇقىرى كۆتۈرسىڭىز يەنىلا ئېنىق ۋە ئوچۇق كۆرگىلى بولىدۇ. ئاساسلىق مەزمۇنى:
.1باپ ئۇرۇش ۋە ھەربىي قۇراللارنىڭ تەرەققىياتى
1)ئۇرۇش توغرسىدا ئومۇمىي چۈشەنچە
2)قۇلدارلىق تۈزۈمى دەۋرىدىكى ئۇرۇش ۋە ھەربىي قۇراللار
3)فىيوداللىق تۈزۈمى دەۋرىدىكى ئۇرۇش ۋە ھەربىي قۇراللار
4)كاپىتالىزىم تۈزۈمىدىكى ئۇرۇش ۋە ھەربىي قۇراللار
5)جاھانگىرلىق دەۋرىدىكى ئۇرۇش ۋە ھەربىي قۇراللار
2.باب «سۇنۋۇ ۋە سۇنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۇرى»
1)قەيسەر قۇماندان سۈنۋۇ
2)"سۈنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۇرى"
3)ھۇجۇم پىلانى مەسلىسى
4)يەر تۈزلىشىدىن پايدىلىنىش
5)ئايغاقچىلارنى ئىشقا سېلىش
6)سىتىراتىگىيە ۋە تاكتىكىغا ئەھمىيەت بېرىش
7)مەملىكىتىمىزنىڭ قەدىمكى زامان تارىخىدا ئۆتكەن ئۈچ مەشھۇر ھەربىي سەركەردىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش
3.باب تارىختىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىي سىتىراتىگىيىسى ۋە تاكتىكىسى
1)قاراخانىلار دەۋرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتى
2)قاراخانلار دەۋرىدىكى ھەربىي تەشكىلات
3)يۈرۈش ھالىتىدىكى قوشۇننىڭ نامى
4)ھەربىي تەشكىلاتلار،ھەربىي ئۇنۋان-دەرىجىلەر
5)ھەربىي قۇراللار
4.باب ئۇرۇش ھېيلە بىلەن بولىدۇ.
1)غالىب كېلىش ئامالى
2)قايمۇقتۇرۇش ئامالى
3)ھۇجۇم قىلىش ئامالى
5)ئۇستاتلىق ئامالى
6)يېڭىلدۈرۈش ئامالى
5.باب قۇماندان ۋە ئۇرۇشقا قۇماندانلىق قىلىش سەنئىتى
1)قۇماندان
2)قۇماندان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك
3)ھەربىي-پەن تېخنىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشى ۋە قۇماندان
4)قۇماندان ئۇرۇشنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا تەتقىق قىلىشى كېرەك
5)قۇماندان ئۇرۇشقا يىتەكچىلىك قىلىشقا ئۇمۇمىي ۋەزىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك
6)قۇمانداننىڭ ئەسكەر ئىشلىتىش سەنئىتى كىتابنىڭ چۈشۈرۈش مەنبەسى: http://www.lopnuri.com/?p=2430
|
|
|
|
|
|