ئاۋازىڭ كەتمەكتە شامالنى قوغلاپ
ئاۋازىڭ كەتمەكتە شامالنى قوغلاپ،
ھەسرەتلەر قەلبىمدە تاغلار ياسىدى.
يۈرەكنى ھىجراننىڭ چوغىغا كۆمدۈم،
سۈيۈشلەر مەڭگۈگە مېنى ياتلىدى.
ئاۋازىڭ كەتمەكتە شامالنى قوغلاپ،
بۇ غېرىپ يۈرىكىم ئوتنىڭ ئىچىدە.
ھىجرانلار تىك تۇردى چوقىدىن ئېگىز،
بىر ئۇچۇم تۇپراقنىڭ دەردى تاغلارچە.
ئاۋازىڭ كەتمەكتە شامالنى قوغلاپ،
سېغىنىش چۆلىدە قىلىدۇ نىدا.
باياۋان ئارىلاپ يىغلار بۇقۇلداپ،
بۇ قاقاس كۈنلەردە قاقاس بىر دەريا.
ئاۋازىڭ كەتمەكتە شامالنى قوغلاپ،
ئەتراپنى تىترىتىپ كوچىلار ئارا.
تاغلاردا مۇڭدىشىپ ئولتۇرغان تاشلار،
بىردىنلا ھەركەتكە كەلدى مىڭ توۋا...
ئاۋازىڭ كەتمەكتە شامالنى قوغلاپ،
قاپقارا ئورماندا باغرى تىلىنغان.
بۇقۇلداپ يىغلىدى غەمكىن بۇلۇتلار،
ھىجرانغا پايلىماي قەلبى يىرتىلغان.