يىغلىما ، يېشىڭنى كۆرمىسۇن گۈللەر
بۇلبۇلنىڭ يۈرىكى لەختە-لەختە قان،
گۈللەرنىڭ يۈرىكى سۈپ-سۈزۈك بۇلاق.
گاھ بوران ، گاھ يامغۇر ، ئۈششۈك ھەم جۇدۇن،
باغرىمغا قادالغان قوش بىسلىق پىچاق.
نىمىشقا ناتۇنۇش بۇ يەردە ھەممە،
تاپالماي مەن سېنى بولدۇم پايپىتەك.
تاپالماي ئۆزۈمنى يۈرىكىم چۈچۈل،
يۈرىسەن نەلەردە چوكان سېكىلەك ؟
شۇ كۈلرەڭ ئارمانلار ئېيتىدۇ ناخشا،
كۆز ياشلار شامالنى يۇيماقتا پاكىز.
ئۇخلىدىڭ قەيەردە گۈل ئۇخلىغاندەك،
مەن سېنى بېغىڭدا بىتاقەت ھازىر.
يارىدار كېچىنىڭ ھەسرىتى چەكسىز،
ياپ-يېشىل زىندانغا سولانغان شامال.
چايانلار ئاپىتى باسمىسۇن سېنى،
مەن سېنىڭ دەردىڭدە يۈردىم ئاي جامال .
زۇلمەتنىڭ لىۋىنى چىشلىدىم قاتتىق،
كۆكسۈمدىن ئىزدىدىم سېنى ھەر كۈنى.
يىغلىما،يېشىڭنى كۆرمىسۇن گۈللەر،
كۆزۈڭدىن ئاقمىسۇن تۇزنىڭ يامغۇرى.