قاراقاشقا كەلدى تۆت ئەدىب،
خۇددى نۇرلۇق چولپاندەك يېنىپ.
كەلسۇن دەيمىز ئۇلارنى يەنا،
مەڭگۈ سولماس گۈللەرنى ئېلىپ.
قاراقاش ناھىيىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپىگە بىنائەن داڭلىق ئەدىب ۋە تەتقىقاتچىلىرىمىزدىن ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن رۇزى، ئابلەھەت ئابدۇرېشىت بەرقى ۋە قۇربانجان ئابدۇقادىر قاتارلىق ئەزىز مېھمانلار 9-ئاينىڭ 26-كۈنى چارشەنبە چۈشتىن كېيىن دىيارىمىزغا مەخسۇس مائارىپ توغرىلىق لىكسىيە سۆزلەش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى. بۇلارنىڭ ناھىيەمىزگە تەكلىپ بىلەن لېكسىيە سۆزلەش ئۈچۈن كېلىشى تۇنجى قېتىملىك ئىش بولۇپ، بۇ قاراقاش مەدەنىيەت-مائارىپ تارىخىدىكى تەسىرى ۋە خاتىرە ئەھمىيىتى زور بولغان ئالاھىدە پائالىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇلار كەلگەندىن كېيىن ئۆز ئارا گۇرپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ۋاقىتنى كونتورل قىلىپ، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدا ۋە ناھىيە ئىچىدە لىكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. تۈرلۈك تەييارلىق ئىشلارنى ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى. لىكسىيە باشتىن-ئاخىرى ناھايىتى جانلىق، ياخشى داۋام قىلدى. لىكسىيە ئاڭلىغۇچىلار خۇددى بۆكىنى بىرسى ئېلىپ كەتسىمۇ سەزمىگۈدەك دەرىجىدە جىمجىت ئولتۇرۇپ، ئوتلۇق ھاياجان، قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە لىكسىيە ئاڭلىدى.
قاراقاش ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى 27-چىسلا كەچ سائەت 6:00 دە ئۇلارنى كۈتۈۋېلىش ۋە دىدارىغا تەشنا بولىۋاتقان ئىلىم ئەھلىلىرىنى ئۇلار بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش مەقسىتىدە ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ يان تەرىپىدىكى غىزاخانىدا داستىخان تەييار قىلدى. داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن بۇ مۆھتەرەم زاتلار ئۆز ئارا دىدار-مۇلاقەتتە بولۇپ ئەركىن پىكىر، مۇلاھىزىدە بولدى ۋە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، بۇ تۆت ئاقىلنىڭ ناھىيەمىزگە قەدىم تەشرىپ قىلىشى خۇددى قاغجىراۋاتقان يەرگە يامغۇر ياغقاندەك، چۆلدەرەۋاتقان باغۇ-بوستانغا سۇمرۇغ كەلگەندەك خاسىيەتلىك بىر ئىش.
ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن نۇرمۇھەممەت تۇردىئەخمەت
تۆۋەندە 27-چىسلا كەچ غىزاخانىدىن چىققاندىن كېيىن تارتىلغان سۈرەتلەر ۋە 29-چىسلا چۈشتىن كېيىن ناھىيەلىك تىياتىرخانىدا تارتىلغان سۈرەتلەر بىرگە يوللاندى. نەق مەيداندا ئېلىنغان ئۈن خاتىرىسى ئۇزاققا قالماي يوللىنىدۇ.