كۆڭۈلگە ياقىدىغان گەپلەر
ئادالەتنىڭ مەنىسى خەلىققە باراۋەر سىياسەت يۈرگۈزۈش دىمەكتۇر،ئادالەت قانات يايدۇرۇلسا،ساختىلىققا ئورۇن قالماس،ئادالەت ھاۋاسى مەمىلىكەتكە گۈزەللىك بەخىش ئىتىدۇ.ئادالەت بىر ئاپتاپتۇركى ،ئۇنىڭ نۇرى بىلەن قاراڭغۇلۇق يورىيدۇ،ئادالەت بارچە سۈپەت ۋە پەزىلەتلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ھىساپلىنىدۇ،زۇلۇم ھەممە ئىللەتلەرنىڭ شۇمراقىدۇر.ئادالەتنىڭ نەتىجىسى ۋەتەننىڭ كۈچىيىشى ،روناق تىپىشى ،خەزىنە بايلىقلىرىنىڭ كۆپىيىشى ،خەلىق تۇرمۇشىنىڭ ئاۋات بولمىقىدا ئىپادىسىنى تاپىدۇ،زۇلۇم مىۋىسى مەملىكەتنى ھالاك بولىشىغا ئىلىپ بارىدۇ.
موللا مۇھاممەد تۆمۈر كاشغەرىي
ھەرقانداق ئىنسان بىر دەقىقە ۋاقىتنىمۇ بىكارغا ئۆتكۈزمەسلىكى كېرەك،تەپەككۇر قىلمايدىغان ،يەپ ئىچىپلا يۈردىغان كىشلەرنىڭ مۇردىدىن پەرقى يوقتۇر.
فىسا غۇرۇس ھەكىم
ئىنسانلار ئارسىدا شۇنداق خىسلەت باركى ،ئۇ پۈتۈن بەخىت _سائادەتنىڭ كانىدۇر.يەنى ھەقىقەت يولىدا راستچىل بولۇش ،ئۆز نەپسىگە قارىتا قەھىر غەزەپلىك بولۇش،بىلىملىك كىشلەر بىلەن ھەمسۆھپەت بولۇش،چوڭلارنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاش،كىچىكلەرگە شەپقەتلىك بولۇش،دوست يارانلار بىلەن ئىناق ئۆتۈش ،يوقسۇللارغا قولى كەڭ بولۇش بىلىمسىزلەرگە نەسىھەتجى بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ھەكىم ئەبۇ ئەلىئىبن سىنا
ئەڭ ياخشى كىشىنىڭ ئىككىلا قولى توغرا بولىدۇ،ئۇ بىر قولى بىلەنلا ئەمەس ،ئىككى قولى بىلەنياخشىلىق قىلىدۇ.
ئەبۇ يەزىد
يالغان سۆزلىمەك ،ئەزمىلىك ،تەكەببورلۇق ،چېقىمچىلىق كىشىنىڭ ئابرويىنى تۆكىدۇ.ۋاپادارلىق ،سەۋىر قىلىلماق،ئەستايىدىل بولۇش كىشىنىڭ ئابىرويىنى كۆتۈرىدۇ.
ئالىم شەيىخ
مەنبە :كۆڭۈلگە ياقىدىغان گەپلەر
شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-1 03:07 AM