تېڭىرقاش
تېڭىرقاش ئىلكىدە ئۆتمەكتە كۈنۈم،
يۈرىمەن يۈگەنسىز ھايات يولىدا.
قەلبىمنى تۇمانلار قاپلىدى توستى،
ئايلىنار ھاياتىم رومكا قولىدا.
ئەسلىمەم ئازاب ھەم نەپرەتكە ھامى،
كۈلكىنى ئۇنتۇدۇم قەلبىم لەىتە قان .
شەيتانلار كەينىمدىن كەتمەيدۇ ئەگىپ،
ئۇلارغا بوي بىرەر ئىرادەم ھامان.
قەلبىمدە ئەۋجىيدۇ پىغانلىق بىر مۇڭ،
خارلانغان ئەقىدە بۇ مۇڭغا سىرداش.
ئېچىلماي توزۇغان غۇنچىلەر يىغلار،
بۇ سەۋدا كۆڭلۈمگە سۆيگۈ چىگرىداش.
كىچىلەر ئۇيقۇنى قىلىمەن بىزار،
يىشەلمەي يۈرەكنى تاڭغان چىگىشنى.
يىغلايدۇ يۈرگىم زارلار ئەقىدەم
ئويلىسام سۆيگۈنى ئۇنتۇپ كىتىشنى.
مۇھەممەد رېھىم (ئوت)
2012.8.12
تۈن لىرىكىسى
بىر تامچە سۇ چۈشتى پەلەكتىن،
باشلىدى ئۇ قارايامغۇرنى.
بىر يىگىت بار يامغۇرغا تەشنا
مۇزلاتماقچى كۆيگەن يۈرەكنى.
بىر تال ئالما ئۈزۈلدى شاختىن،
يەرگە چۈشتى ئۇ زىدە بولدى .
بىر قىزىل گۈل ئېچىلدى ئۈنسىز
سولاشتى ئاستا،ئۇ بەرگى سۇلدى.
بىر شوخ يىگىت بىر قىزنى كۆردى،
كۆردى شۇدەم بىلەكنى تۈردى.
بىر چاغلاردا تۆكتى دەردىنى
رەت قىلىندى ئۈمۈدنى ئۈزدى.
بىر ئازابقا دۇچار بولدى ئۇ ،
يۈرەگىنى چوقۇدى ھەسرەت.
بىر بورانلىق تەنھا كىچىدە
ھەمرا ئىدى ئۇنىڭغا نەپرەت.
مۇھەممەد رېھىم (ئوت)
2012.8.29
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-30 09:20 PM