ئوخشاپ قاپسەن خېنىم مىجەزگە
پۈكتۈڭ سەن قەلبىڭگە نىملەرنى ئوغلان.
بولدۇڭمۇ ۋە ياكى ۋىجداندىن قوغلان؟
نى ھەۋەس قىپ كەپسەن بولۇشقا چولپان،
خەلقىڭنىڭ دورىسى نىمىكىن ئويلان.
ئايلىناي قىپ يۈرگەن پەردازلىرىڭدىن،
ئارقىڭدىن پەرىقسىز جىنسىڭ قىز-ئوغۇل؟
ئايلىناي بوپ يۈرگەن سەردارلىقىڭدىن،
سىنىڭدىن نى نۇمۇس خەلقىڭگە ئۇيۇل.
سەپكىنىڭ بەك سېسىق نەنىڭ ئەترىسى؟
بويلىرىڭ "كىلىشكەن "كىمنىڭ نەۋرىسى؟
ئۈزۈلمەس بۇ كىمنىڭ كەچلىك بەزمىسى؟
غەزەپتە سىلكىنەر ئەجداد قەبرىسى.
كىيىمىڭ باھاسى ئالىدۇ جاننى،
قىزلاردەك ياسىنىپ يۈرىسەن ئەجەپ.
چەكلىسە نىمىنى قىلىسەن شۇنى،
بولدىلا سۆز ئاچماي سەندىكى ئەدەپ.
ئايلىناي سەن كىيگەن شۇ ئاياغلاردىن،
بەش غېرىچ چەمىلىك پاناق ئېغىر كەش.
ھەتتاكى پايپىقىڭ داڭلىق ماركىلىق،
كۆزۈمدىن بالدۇرراق يۈتكىنە"ئادەش".
زامانغا ماسلاشتىم دەيسەن بۇلارنى،
ئويلاشماي قىپ قويۇپ نۇرغۇن ئۇياتنى،
يوقالسۇن مەنىسىز بۇنداق زامانەڭ،
قايتۇرۋال ئەجدادىڭ مىراس"سۇبات"نى.
ئۆتمىسە ھىچ ئىنسان يېنىڭدىن سوقۇپ،
ئويلىما ھۆرمىتىم ئابرۇيىمكەن دەپ.
سېنىڭدىن يىرگىنش،سەسكىنىش ئەسلى،
بۇ مەسلە تۈپىدىن ۋىجداندىكى گەپ.
بولدى قىل تالاشما مېنىڭدىن سۇئال،
سۆزۈمنىڭ ئاخىرى تېخىمۇ قوپال.
سۆزلىسەم يەنىمۇ بوپ قالما ئوسال،
ئەمدى سەن ئابرويغا ئېيتىپ قوي "يوقال"!
بىلمىدىم قەلبىڭگە نىملەرنى ئويغان؟
خىيالىڭ قۇشلىرى نەلەرگە قونغان؟
كۆزۈڭ ئاچ تاڭ ئاتتى ئەمدى تىز ئويغان،
ئېزدىمە شۆھرەتنى قەيەردە قويغان.
گىپىمنى ئىلىك ئال ياكى ئالمىغىن،
ئىختىيار سېنىڭدىن يېزىش مېنىڭدىن.
يوللۇرىڭ ھىلىھەم راۋانە شانلىق،
ماڭامسەن،ماڭمامسەن تاللاش سېنىڭدىن.
مەنبە:قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-30 09:17 PM