ئىسىت سۇمبۇل چاچلار
بۇ مۇخەممەسنى ھازىرقى زامانىمىزدىكى زامانىۋى مودا قوغلىشىپ ئۇيغۇرلارغا خاس سالاپىتىدىن ئىستىپا بەرگەن نادانلارغا بىغىشلايمەن . بىراق بۇ سۆيۈملۈك ،ئىمانلىق ،سۇمبۇل چاچلىق ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ جۇلالىق ئوبرازىغا ھەرگىزمۇ نۇقسان قوشالمايدۇ . ئەسلىدە ئۇيغۇرۇمنى سۆككۈم يوق ئىدى بىراق چوڭ جۇل تاملىق سەھرادىن شەھەرگە كىلىپلا قالسا كىشى باشقىچىلا بولۇپ قالىدىكەن . ھەممىڭلارنىڭ توغرا پىكىرلىك بىلەن تىرەن تەكلىپلەرنى بىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن . سۆزلىرىمنى ئاڭلىغان نادانلارغا ئاللاھتىن ئىنساپ،ھىدايەت تىلەيمەن،چىچىنى كىسىپ ئۈلگۈرمىگەن ياكى كەستۈرمىگەن بوستان چاچلارغا نۇسرەت يار بولغۇسى!
شەھەرلەردە مەدەنىيەت بەك ئۆزگىرىپ كەتكەنمۇ؟
كۆپىيىپتۇ بۈدۈر چاچ پاخما باشلار ئەجەپمۇ،
قۇندۇز چاچتىن بىلمىدىم بىرەر قازا يەتكەنمۇ؟
بىزنىڭ ئاتا - بوۋىلار بىزدىن بۇنى كۈتكەنمۇ؟...!
ئېسىت!ئېسىت!سۇمبۇل چاچ زادى نەگە كەتكەندۇ؟
كالتە چاچلار مودا بوپ يۈرگەن ئۈشبۇ شەھەردە،
ئۇيغۇرۇمنى ئۇچراتماق بولدى ئەجەپ بەك تەستە،
نەرى ئاڭا ياراشقان قىزىل،يىشىل بىنەپشە...
ھەرخىل رەڭدىن ئۆرگىلەي ئۆزگىرىپسەن بۈگۈندە،
ئېسىت!ئېسىت!سۇمبۇل چاچ زادى نەگە كەتكەندۇ؟
بىزنىڭ ئانا-مومىلار قايسى بىرى چاچ كەسكەن،
ياغلىق تاشلاپ پوسمىدەك بىر نىمىنى ھەم كەيگەن،
ئويلىغانچە ئادەمنىڭ كۆڭلى شۇنچە يىرگەنگەن،
يا بىلمىدىم بۇ قىزلار ئۇزۇن چاچتىن كۆپ بەزگەن،
ئېسىت!ئېسىت!سۇمبۇل چاچ زادى نەگە كەتكەندۇ؟
سۇمبۇل چاچنى كەسكەندۇ قايسى ساتىراچ قايچىسى؟
بۇدرە قىلىپ بوياشقا كەتكەن پۇلدىن قانچىسى؟
ئانا تۇرۇپ،قىز تۇرۇپ بولالماي ئەل ئۈلگىسى،
پەرزەنتىنى تەربىيىلەپ قانداق قاتارغا قوشقۇسى،
ئېسىت!ئېسىت!سۇمبۇل چاچ زادى نەگە كەتكەندۇ؟
ئويلىنايلى ئانىلار،ئويلىنايلى قىزچاقلار،
بىزلەر بۇنداق ياسانساق ئەۋلادىمىز نىمە بولار؟
بوپتۇ قىلىڭ باشقىنى،چاچنى كىسىپ نە قىلار؟
دىسەم بولماس ھەقىچان ئىش ئۇقمىغان نادانلار،
ئېسىت!ئېسىت!سۇمبۇل چاچ زادى نەگە كەتكەندۇ؟
قاتار چاي ھەم تۇغۇلغان كۈنلەر قىزىپ كارامەت،
كۈندە كەچتە رىستۇران بولۇپ تۇردى زىياپەت،
باشتاق كوچا ئارىلاش ئەركەكلەرگە ھاقارەت،
بالىلارمۇ ئوقۇشۇپ يۈرسە لەنەت،ئاھانەت...
ئېسىت!ئېسىت!سۇمبۇل چاچ زادى نەگە كەتكەندۇ؟
سۇمبۇل چاچلىق قىزلارغا بولۇپ قالسۇن نەسىھەت،
چاچ كىسىشتۇر بىزلەرگە يىغىپ تۇرغان بىر ئاپەت،
ئەجدادىڭنىڭ روھىنى ئۆز-ئۆزۈڭگە نەقىل ئەت!
بۈدرە چاچلىق"ئالۋاستى"قۇندۇز چاچنى كۆرۈپ كەت،
ئېسىت!ئېسىت!سۇمبۇل چاچ زادى نەگە كەتكەندۇ؟
ئامرىكىلىق قىزلارنىڭ چىچى ئاپئاق ھەم سىرىق،
بىراق بۈدرە ئەمەسكەن كۆپىمىزگە بۇ ئىنىق،
ھىندىستانلىق قىزلارنىڭ چىچى سۇمبۇل ھەم قىنىق،
بىزگە نىمە ھال يەتتى نەدىن يۇقتى بۇ قىلىق؟...!
ئېسىت!ئېسىت!سۇمبۇل چاچ زادى نەگە كەتكەندۇ؟
"ئۇزۇن چاچنى كەسمىگىن"دىدى روزى سايىتكام،
ئۇزۇن-سۇمبۇل چاچلارغا ھەۋەس قىلغاچ ئەل ئاۋام،
چۈنكى ئۇنداق ئەجدادنىڭ مەدەنىيىتى بار داۋام،
بۈدرە قىلما چىچىڭنى ئەي "ھەۋەسكار"ئەقلى كام،
ئېسىت!ئېسىت!سۇمبۇل چاچ زادى نەگە كەتكەندۇ؟
بۈدۈر چاچلىق ئۇيغۇر قىز ئەمدى قايىتقىن كەينىڭگە،
ئوخشاپ قالدىڭ كىملەرگە؟نەزەر سالغىن ئەپتىڭگە،
ئەۋلادىڭنى ئويلىغىن ،چىچىڭ تەڭدۇر جىنىڭغا،
بۈدرە چاچلىق قىزچاقلار مەڭگۈ،مەڭگۈ بىر تەڭگە،
ئېسىت!ئېسىت!سۇمبۇل چاچ زادى نەگە كەتكەندۇ؟
ئالىمجان توختىمەت جانبەر