بىلدۈر بىلۇگىمدىن ئېلىندى.مەزكۇر يازما تاتار ئالىمى رىزائىددىن ئىبنى فەخرىددىننىڭ <<ئىلمى ئەخلاق>> ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. بۇ كىتابنى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2006-يىلى8-ئايدا نەشىر قىلغان.
نەسىھەتلەر
ئەخلاق ئىلمى كەڭ دائىرىلىك بىر پەن بولۇپ، ئۇنىڭ قىسىملىرى ئومۇمىي قائىدىلەر ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ، شۇ ئومومىي قائىدىلەرنى ئەستە تۇتقۇچىلار بارىلىق قىسىملىرىنى كۆڭلىدە ساقلىيالايدۇ. ئومۇمىي قائىدىلەرنىڭ بىرى «ئۆزۈڭ ئۈچۈن سۆيگەن نەرسىنى باشقىلار ئۈچۈنمۇ سۆي» دېگەن سۆزدۇر. بۇنىڭ ئەكسى «ئۆزۈڭ ئۈچۈن سۆيمىگەن نەرسىنى باشقىلار ئۈچۈنمۇ سۆيمە» دېمەكتۇر. ئەڭ ياراملىق ئەخلاق شۇ سۆزنىڭ ئاستىغا كىرىپ تۈگەيدۇ. بىر كىشىگە قانداقلا بىر مۇئامىلە قىلىش توغرا كەلسە، بۇ ئىشنى ئالدى بىلەن ئۆزۈڭگە سېلىپ قاراپ باق، بۇ ئىش ئۆزۈڭگە ياقسا، ئۇنى باشقىلارغا راۋا كۆر؛ ئەگەر ئۆزۈڭگە ياقمىسا، ئۇنى ھەرگىزمۇ باشقىلارغا تاڭما ۋە سايە قىلما.
ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە ساۋابلىق بولغىنى ھارام ئىشتىن ساقلىنىش ۋە پەرزلەرنىڭ ئادا قىلىشتىن ئىبارەت ئۈستىدە بولغان قەرزدىن قۇتۇلۇشنىڭ لازىم ئىكەنلىكىدە شۈبھى يوق. كىشىلەرنىڭ بوشاڭلىق ۋە ھورۇنلۇق قىلىپ نەپلى، مۇستەھەپ ئىشلارغا بېرىلىپ كېتىشى… سۆھبەت ۋە خەتمىگە ئوخشاش ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشى… خەقتىن سەدىقە تەمە قىلىپ يۈرىشى ئەقىلگە مۇۋاپىق بولمىغان ئىشلاردىندۇر. ھارامدىن ساقلىنىش، پەرزنى ئادا قىلىشتىن ئارتۇق ساۋاپلىق ئىش يوق… قانائەت پۈتمەس-تۈگىمەس بىر خەزىنە. «يوق، يوق» دەپ زارلىنىپ قاقشاپ يۈرگەنلەر ئۆزىگە ياكى ئائىلىسىگە بىرەر بالا-قازا كەلگەندە، ئۆزى بىر نېمەت ئىچىدە بولۇپ، بۇ نېمەتنىڭ قەدرىگە يەتمىگەنلىكىنى ئىقرار قىلىدۇ ۋە ئۆتكەن كۈنلىرىگە پۇشايمان قىلىدۇ.
قوشنىسى ياخشى ياكى يامان بولسۇن، ئۇنىڭغا قارىتا ئىناق ۋە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش، «قوشنا ھەققى بار» دەپ، ئۇنىڭ ياخشى-يامان ئىشلىرىدىن كۆز يۇمۇش ئەلۋەتتە مۇمكىنلىكتۇر. كۈلۈش تەن سالامەتلىككە پايدىلىق دېيىلسىمۇ، ھەددىدىن ئارتۇق بىمەنە كۈلۈش ئەقىلسىزلىقنىڭ ئالامىتىدۇر…
يول ياساش ۋە خەلققە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش پەزىلەتلىك ۋە ساۋابلىق ئىش. ئاسفالىت يول، تۆمۈر يول ياساش، كۆۋرۈك سېلىش، پويىز ۋە پاراخوتلارنى ماڭدۇرۇش – ئەڭ ساۋابلىق ۋە پەزىلەتلىك ئىشلاردىندۇر.
ھازىر بەزى مۇسۇلمانلار يېڭىلىق ياراتماق ئۇياقتا تۇرسۇن، بار بولغان تېخنىكىلىق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشكە ئاجىز كەلمەكتە. توغرا، بۇرۇنقى مۇسۇلمانلار پەيغەمبىرىمىزنىڭ دىنىي ۋە ئاخىرەت ئىشلىرى ھەققىدىكى نەسىھەتلىرىنى ناھايىتى چوڭ بىر رىغبەت بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشى يۈزىسىدىن، ئىجتىمائىي ۋە زامانىۋىي ئىشلاردا ئۇ سىزىپ قالدۇرغان سىزىق بويىچە مىللەتنى ناھايىتى پايدىلىق يولغا باشلىغان. چۆللەردە قۇدۇق كولىتىش، مەككە، مەدىنە ئارىسىدا ياخشى يول ياسىتىش، تەڭگە پۇل چىقىرىش ۋە شەھەرلەرنى بىنا قىلىشقا ئوخشاش ئىشلار شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر… ھەزرەت ئۆمەر كۇفە شەھرىنى سالدۇرغاندا، «ئۆيلەر ئىككى قەۋەتتىن ئېگىز بولمىسۇن، چوڭ كوچىلار 13مېتىردىن كەم بولۇپ قالمىسۇن، مەسچىت ئالدىدا 60مېتىر كەڭلىكتە مەيدان قالسۇن…» دېگەندەك بۇيرۇقلارنى چىقارغان ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن.
بۇ زامانىۋىي ئىشلارنى كېيىنكىلەر داۋاملاشتۇرىشى، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرىشى، پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۆزى چۈشىدىغان دەرىجىدە نەمۇنە بولالايدىغان ھالغا كەلتۈرىشى لازىم ئىدى. لېكىن، كېينكىلەر سەلەفىيلەر①دىن باشلانغان يول بىلەن ماڭمىدى. ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، بۇرۇنقى ئىزىدىمۇ داۋام قىلالمىدى. ئىسلام دۇنياسىغا ھىندىلارنىڭ رەھبانلىقلىرى ۋە ئىرانلىقلارنىڭ ئىستىبداتلىرى كىرىشى بىلەن شۇ ئىشلارغا بېرىلىپ كەتتى. ئاۋام خەلق دەرۋىشلەرنىڭ ساغىدىغان ئېنەكلىرى بولدى. ھۆرمەتلىك، ئىززەتلىك بولغان ئۇلۇغ زاتلار روھانىي، رەئىس سۈپىتى بىلەن ئۇلارنى ئېمىپ ياتتى. مانا بۇ سەۋەبتىنمۇ ئىسلام دۇنياسى خارابلىق ۋە بىچارىلەر خانىسى بولۇپ قالدى.
بەش نەرسە كېلىشتىن بۇرۇن بەش نەرسىنى غەنىمەت بىل. يەنى ئۆلۈشتىن بۇرۇن ھاياتلىقنى، ئاغرىقتىن بۇرۇن سالامەتلىكىڭنى، ئالدىراشلىقتىن بۇرۇن بوش ۋاقتىڭنى، قېرىلىقتىن بۇرۇن ياشلىقىڭنى، پېقىرلىقتىن بۇرن باي ۋاقتىڭنى غەنىيمەت بىل.
بۇ بەش نەرسىنىڭ قىممىتى ئۇلارنىڭ ئۆزى كېتىپ، ئورنىغا زىتلىرى كەلگەندىن كېيىن بىلىنىدۇ. بۇنى ھەركىم ئۆز تەجرىبىسى بىلەن بىلىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ بۇنىڭغا ئېتىبار قىلمايدۇ. بىخەستىلىك بىلەن يۈرىۋېرىدۇ… شۈبھىسىزكى، دۇنيادىكى ھايات ۋە تۇرمۇش ئالدىنىش ۋە غەپلەتتە قېلىش ئورنىدىدۇر. ئادەم بالىسى بۇ دۇنيادا ھەمىشە ئۈمىد ۋە ھەسرەت بىلەن ھايات كەچۈرىدۇ، بولغان-بولمىغان ۋەقەلەر توغرۇلۇق ھەسرەتلىنىپ ۋاقىت ئۆتكۈزىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىنىڭ ئەخلاقىنى گۈزەللەشتۈرۈشكە، ھەقىقىي ئىلىم-مەرىپەتنى قولغا كەلتۈرۈشكە قادىر بولالمايدۇ. ماددىي ۋە مەنىۋى سائادەتكە ئېرىشەلمەيدۇ؛ بوش نەرىسلەر، قۇرۇق خىيال ۋە ئۈمىدلەر بىلەن ئۆمرى ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھايات توختىشى بىلەن ئادەم بالىلىرىنىڭ ئەمىلىمۇ توختايدۇ، ئارقىسىدىن بارىدىغان ھېچ ساۋابلىقى قالمايدۇ. ئاللاتائالا تەۋپىق بەرگەن زاتلار ھاياتنىڭ ئازلا سائەتلىرىدىن كۆپ پايدىلىنالايدۇ. ئۇلار بۇ دۇنيادا تۇرۇپ ئۇ دۇنياغا ئۆزىنىڭ ئارقىسىدىن بېرىپ تۇرىدىغان ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىپ قالدۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى ھاياتنى غەنىمەت بىلىش، قانداقلا بولمىسۇن ياخشى نىيەت، پاك كۆڭۈل بىلەن بۇ دۇنيادا ساۋابلىق، ياخشى ئىش قالدۇرۇش لازىم. ساۋاب ۋە ياخشىلىقنىڭ چوڭ-كىچىكى يوق، ئاز-كۆپلۈك قىلمايدۇ (كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ) .
«ئالىم ياكى مۇتەئەللىم (تەربىيەلەنگۈچى) ، ئاڭلىغۇچى ياكى ئىلمنى سۆيگۈچى بولۇپ يۈر. ئىلىمنى دۈشمەن كۆرگۈچى بولۇشتىن ساقلان، بولمىسا ھالاك بولىسەن. قولۇڭدىن كەلسە، ئىمكان يار بەرسە ئالىم بول، بۇ نېسىپ بولمىسا، ئوقۇغۇچى ۋە ئىلىم ئىستىگۈچى بول، بۇنىڭغىمۇ مۇيەسسەر بولالمىساڭ، ئىلىم مەجلىسلىرىدە ئىلىم تىڭشىغۇچى بول، بۇنىڭغىمۇ يېتىشەلمىسەڭ، ئىلىمنى سۆيگۈچى بول، ئەمما ئىلىمنى دۈشمەن كۆرگۈچى بولما، چۈنكى ھالاكەتلىك شۇنىڭدىدۇر».
ئىلىمنى سۆيۈش – ئۇنىڭ ئەھلىنى ھۆرمەت قىلىش، خەلق ئىچىدە ئىلىمنى تارقىتىش، ئۆگىتىش، مەكتەپ ۋە مەدرىسەلەرگە، ئوقۇغۇچىلارغا ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا ماددىي ۋە مەنىۋىي ياردەمدە بولۇش؛ گۇمان ياكى بۇرۇندىن مىراس بولۇپ قالغان كۈنچىلىكلىرى سەۋەبىدىن ئىلىم ئەھلىگە دۈشمەنلىك قىلىشتىن، غەيۋىتىنى قىلىشتىن، ئىلىم-مەرىپەتنى يامان كۆرۈشتىن ساقلىنىش، ئومۇمەن ئىلىم يولىدىكى كىشىلەر بىلەن ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشتىن ئىبارەت. ئەگەر كىشى دۇنيادا راھەت ۋە بەخىتلىك ياشاشنى خالايدىغان بولسا، بۇنىڭ چارىسى تەرتىپلىك ئىلىم ھاسىل قىلىشتۇر… ئىلىمنىڭ ئەھمىيىتى قانچىلىك دەرىجىدە چوڭ ئىكەنلىكىگە بۇ كۇپايە قىلسا كېرەك.
زۇلۇم قىلغۇچىنى ئەگەر ئۆز ۋاقتىدا نەسىھەت قىلىپ شۇ زۇلمىدىن قايتۇرۇش ئىمكانىيىتى بولسا، ئۇ كىشى قىلغان گۇناھىنىڭ سوئال-سورىقى ئۈچۈن سوتقا بېرىپ گۇناھكار بولۇپ جازالىنىشقا ئوخشاش ئىشلاردىن ساقلىنىپ قېلىشى ھەتتا ئۆزى قىلغان شۇ ئىشنىڭ يامانلىقىنى چۈشىنىپ، پۇشايمان قىلىشى مۇمكىن. بۇ ھالدا زۇلۇم قىلغۇچىنى زۇلۇمدىن مەنئى قىلىش – كۆرۈنۈشتىلا ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي مەنە بىلەن ئۇنىڭغا چوڭ ياردەم قىلغانلىق بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-30 08:33 PM