مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5108|ئىنكاس: 50

مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر ھەقىقەتەن مۇسۇلمانچەمۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83947
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4204
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 10:26:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇڭگودا مۇسۇلمانلار ئىستىمال قىلىۋتقان ھەقىقەتەن مۇسۇلمانچەمۇ؟

مۇسۇلمانچە يىمەكلىك توغرىسىدا

ئۇستازلار ،مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم:

ئاللاھ تالانىڭ شەپقىتى بىلەن مەن لىنشانىڭ داشىگۇن مەسچىتىدە جامائەتلەر ۋە ئۇستازلار بىلەن كۆرۈشكىنىمگە ئىنتايىن خۇشالمەن. بۈگۈن بىز تىيەنجىن،بېيجىڭ،خېبىي,خېنەن،شەندۇڭ،يۈننەن قاتارلىق جايلاردىكى بازارلاردا سېتىلىۋاتقان مۇسۇلمانچە بولمىغان يىمەكلىكلەر توغرىسىدىكى تەكشۈرىمىزنىڭ دوكىلاتىنى سىلەرگە سۇنماقچى..ھازىر جۇڭگۇدىكى مۇسۇلمانلار يېغىلىپ ئولتۇرىدىغان رايۇنلاردا مۇسۇلمانچە بولمىغان يىمەكلىكلەر مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشىغا دەخلى يەتكۈزمەكتە.كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسىشىگە ئەگىشىپ ،مۇسۇلمان قېرىنداشلار يىمەكلىك سېتىۋالغاندا قىممەت بولۇش ،قۇۋەتلىك بولۇش،دەۋىرگە ماسلىشىش قاتارلىقلارنى ئالدىنقى ئورۇندا قويماقتا.پەقەت مۇسۇلمانچە دىگەن خەتلەر بولسىلا باشقا نەرسىگە قارىمايلا ئالىدىغان بولۇپ قالدۇق.


بۇنداق ئادەملەر بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ئاز ئەمەس.بۇ ئادەملەر ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كەتكەن .ئاللاھ تالا قۇرئاندا « مەن ئۆزى ئۆلگەن ھايۋان گۆشلىرىنى،قانلارنى ،چوشقا گۆشى ۋە مىنىڭ ئىسمىمنى ئاتاپ ئۆلتۇرمىگەن ھايۋانلارنى سىلەرگە ھارام قىلدىم»(2- سۈرە 173-ئايەت) دىگەن.قۇرئان كەرىمدە يەنە« بىز ساڭا قۇرئاننى نازىل قىلدۇق،سەن ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان ئەھكامى بۇيىچە ھۆكۇم قىلغىن»( 5 -سۈرە 47 –ئايەت) دەپ ئىنىق كۆرسەتكەن.


ھەدىستە: ئەيبىۋەننەس ئاللاھ تالانىڭ ئەلچىسى مۈھەممەت ئەلەيھىسسالامغا: ئاللاھنىڭ ئەلچىسى سىز ئاللادىن بىزنىڭ ئىبادەتلىرىمىزنى قۇبۇل قىلىشىنى تىلىگەيسىز-دىگەندە. ئاللاھنىڭ ئەلچىسى سەن پەقەت سەن ئۆز يىمەكلىكىڭگە دىققەت قىلغىن،سەن شۇنداق قىلساڭ ئاللاھ تالا سىنىڭ ئىبادەتلىرىڭنى چوقۇم قۇبۇل قىلىدۇ،مەن ئاللاھ تالانىڭ ئىسمى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى بىر ئادەم ئەگەر مۇسۇلمانچە بولمىغان نەرسىلەرنى ئېغىزىغا سەپ قالسا ئۇنىڭ قېرىق كۈنلۈك ئىبادىتى قۇبۇل قىلىنمايدۇ-دىگەن.


بىر ئاللاھنىڭ بەندىسىنىڭ ئىمانىنى ساقلاشتىكى بىرىنچى تەلىپى بولسا ھالال يىمەكلىكلەرنى يىيىش،ھارامدىن يىراق تۇرۇش. بۇ بولسا جۇڭگۇدىكى مۇسۇلمانلار دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ،ئويلىنىپ بېقىشقا تىگىشلىك ئىش.قۇرئان كەرىمدە «روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ، ئۈزىنىڭ نەپسىنى كۇپرى ۋە پىسقى-فۇجۇر بىلەن كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نا ئۈمۈد ب لىدۇ»-دىگەن. ) 9-سۈرە،9،10 –ئايەت)


بىر مۇسۇلمان بىلمىگەن ھالدا ھارام بولغان بىرەر نەرسىنى يەپ قويغان بولسا چوقۇم پۇشايمان قىلىشى كىرەك.ئەگەر سىز ھەر كۈنى ھارام بولغان نەرسىلەرنى يىسىڭىز ،شۇ ھارام بولغان نەرسىلەرگە تەلپۈنسىڭىز،سىز يەنە بىر ئىتىقاتى بار مۇسۇلمان ھىسابلىنامسىز؟؟؟مۇسۇلمانچە بولمىغان يىمەكلىكلەر بازارلاردا كەڭ تاراپ كەتمەكتە ،مۇسۇلمان قېرىنداشلار بۇنىڭغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى لازىم. مەن بۈگۈن بارلىق غەم ئەندىلىرىشىمنى چىقىرۋېتىپ، بىزنىڭ بىر نەچچە يىللىق تەكشۈرۈپ چىققان ھەقىقەتنى يېزىقچە شەكلى ئارقىلىق سىلەرگە سۇنماقچى.مۇسۇلمان دوستلارنىڭ بۇلاردىن پايدىنىلىنىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.


بىرىنچى چوڭ تىما بولسا سۈڭەك يىلىمى.

سۈڭەك يىلىمى بولسا ھەرخىل ھايۋانلارنىڭ سۈڭەكلىرى ۋە تىرىلىرىنى قاينىتىش ئارقىلىق ياساپ چىققان بىرخىل يىلىم .ھەممىمىز بىلىمىز بۇ بولسا بۇرۇن ياغاچلارنى يەملەش ئۈچۈن ئىشلىتىلەتتى.لىكىن ھازىر ھەرخىل پەن تېخنىكىلارنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن ئادەملەر سۈڭەك يىلىمى ئىچىدىن يىمەكلىك يىلىمى(食品胶)، ھايۋانات يىلىمى磊胶,(明胶),

قاتارلىقلارنى ئايرىپ چىقىپ.پوپۇتاڭ. 泡泡糖 شاكىلات،سۈت كەمپىت،قاتارلىقلارنى ياساپ چىقىدىكەن.ئەگەر بۇخىل يىلىم بولمىسا بۇ نەرسىلەرنى ياساپ چىققىلى بولمايدىكەن.ھازىر تېخنىكىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ يىمەكلىك يىلىمى بولسا سوغاق يىمەكلىكلەرگە ئىشلىتىۋاتىدۇ.مەسىلەن:قېتىق ،مارۇژنا،گودۇڭ.يىمەكلىك يىلىمى بولسا بۇ نەرسىلەرنى قاتتۇرۇپ،ئىرىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.مەسسۇلاتلارنىڭ خام ئەششا تىزىملىكىنى قولغا چۈشۈردۇق.تىزىملىك شۇنى ئىسپاتلىدىكى بۇ مەسسۇلاتلار ئىچىدە يۇقۇردا سۆزلەنگەن ھارام خام ئەششىيالار بار بولۇپ ئىگىلگەن سالمىقىمۇ ئاز ئەمەس ئىكەن.قىزىل يۇلتۇز سۇغۇق ئىچىملىك زاۋۇتى بولسا شىمالى جۇڭگۇدىكى چوڭ زاۋۇتلارنىڭ بىرى بولۇپ،ئۇنىڭ مەسسۇلاتلىرى جۇڭگۇنىڭ ھار قايسى جايلىرىدا سېتىلىدىكەن.بۇ زاۋۇتلار ئۆز مەنپەتىنىلا ئويلاپ ،مۇسۇلمان دوستلارنىڭ ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويغان.

20 يىل ئىلگىرى بىز بۇ مىۋىلەردىن پايدىنىلىپ سۇغا بىرخىل لىيۇۋبىڭتاڭ(بۇ ھارام ئەمەس) دىگەن خىمىۋىلىك تاتلىق نەرسىنى قىتىپلا بوتۇلكا ئىچىدىكى ھاۋانى سۈمۈرۋېلىپ ئىچىملىكنى يىڭى پېتى ساقلاتتۇق . لىكىن دىيابىت، يۇقىرى قان بېسىم،سېمىزلىك كىسەللىرىنىڭ كۆپىيىشىگە قارىتا ھۆكىمەت زاۋۈتلارنىڭ شىكەر ماددىسى كۆپ بولغان نەرسىلەرنى ئىشلىتىشىنى توستى.شۇنىڭ بىلەن زاۋۇت كارخانىلار六两糖)نىڭ ئورنىغا يەنە شۇ سۈڭەك يىلىمىنى قىتىپ ئىچىملىكلەرنى يىڭى پېتى ساقلىماقتا.سىز ئەگەر ئىچىملىك قۇتىسىنىڭ سۈيىنى تۆكىۋېتىپ بولغاندىن كىيىن قۇتا ئىچىدە سۇيۇق بولغان بىرخىل يىلىمنى كۆرسىڭىز مانا شۇ دەل سۈگەك يىلىمى ھىسابلىنىدۇ.


3.ھازىر ئىشلەپ چىقىرىلغان كۇۋادىرات شەكىلدىكى ناۋات (单晶冰糖) .

يىگەندىن كىيىن ناھايىتى تاتلىق ،قاتتىق بولمىغان ،ناھايىتى سۈزۈك بولغان ،ئەڭ مۇھىمى يازنىڭ يۇقىرى تىمپۇراتۇرلۇق ھاۋاسىدا ئىرىپ كەتمەيدىغان ،ساقلاش قولايلىق بولغان ناۋات.بۇمۇ دەل يىمەكلىك يىلىمىنىڭ يەنە بىرخىل يىمەكلىكتە ئىشتىلىتىشى ھىسابلىنىدۇ.


5.مىۋە ئۇيۇتمۇسى بولسا پۈتۇنلەي يىمەكلىك يىلىمى، تەم كىرگۈزگۈچ، رەڭ كىرگۈزگۈچ بىلەن ياسالغان بالىلار ناھايىتى ئامراق بولغان بىرخىل يىمەكلىك. تەم كىرگۈزگۈچ بولسا بىرخىل خىمىيەلىك ماددا بولۇپ ئۇنى ئېغىزغا كىرگۈزگەندىن كىيىنكى تاتلىق تەمى شىكەرنىڭكىدىن ئون بەش ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. سودىگەرلەر پەقەتلا پايدىنىلا كۆزلەپ يىمەكلىك ياسىغاندا شىكەر ئىشلەتمەيدۇ. بىز يۈننەن ئۆلكىسىدىكى بىر مىۋە ئۇيۇتمىسى ماشىنىلىرى ئۈسكىنىلىرى ئىشلەپ چىقىرىدىغان زاۋۇتنىنىڭ تېخنىكا خادىملىرىغا پارە بىرىش ئارقىلىق ئىرىشكەن مىۋە ئۇيۇتمىسىنىڭ رېتسىپىنى قولغا چۈشۈرگەندە راستلا بەك قورقۇپ كەتتۇق. زاۋۇت تەرەپ ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان ماشىنىلىرى ئۈسكىنىلىرى سېتىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن رېتسىپنى تەمىنلىگەن.


5.كەسمە چۆپ ،گومەن挂面

بىز تىيەنجىندىكى بىر زاۋۇتتا تەكشۈرۈش ئىلىپ بارغاندا شۇ زاۋۇتتىكى بىر تىخنىكا ئىشچىسى ئاشكارا ھالدا :ئەگەر كەسمە چۆپكە مەلۇم نىسپەتتە يىمەكلىك يىلىمى قوشمىسا، سۇدا ئۇزاق ۋاقىت قايناتسا يېغىلىپ قالىدۇ، يىگەندە بىرخىل ئېغىزى يېغىلىپ قالغاندەك ھىسسيات پەيدا بولۇپ قالىدۇ .دېدى. سىز ئەگەردە پەقەت كەسمە چۆپنىلا قاينىتىپ بولۇپ، شورپىىنى پۇراپ باقسىڭىز سىز سۈگەڭ يىلىمىنىڭ ھىدىنى پۇرالايسىز.


6.پىڭتوزا، ئىنچىكە پىڭتوزا، كىراخمال قايمىقى

بىز تىيەنجىن پىڭتوزا زاۋۇتى، شەندۇڭ لوڭكوۋ پىڭتوزا زاۋۇتىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇق. بۇ ئىككى زاۋۇت ئىشلەر چىقارغان مەسسۇلاتلار تىيەنجىن ،بىيجىڭ ،خېبىي قاتارلىق يەرلەردە سېتىلىش سانى كۆپ بولغاچقا بىز بۇ ئىككى زاۋۇتنى تەكشۈرۈش ئوبىكتى قىلدۇق.پىڭتوزا بولسا پۇرچاق،قوناق،ياڭيۇ،خۇڭشۇ قاتارلىق نەرسىلەردىن ئىشلەپ چىقىرىلغان كىراخمالنى خام ئەششا قىلىپ ،ئىككىنجى تۈركۈمدە كىراخمال ئىچىگە مۇۋاپىق نىسپەتتە سۈگەك يىلىمى ئارلاشتۇرۇدىكەن.مالافىننىڭ ئىچىدە سۈڭەك يىلىمىنىڭ مىقدارى كۆپ ئىكەن.ئەگەر مالافىننى قازاندا بىر كۈن قايناتقاندا ئۇ ئىرىپ كەتمەيدۇ.بۇ بولسا سۈڭەك يىلىمىنىڭ چاپلىشىش رولى ھىسابلىنىدۇ.


سىز ئەگەردە پىڭتوزىنى قايناق سۇدا قويغاندىن كىيىن ئۇنىڭ سۈيىنى پۇرىسىڭىز سۈڭەك يىلىمىنىڭ پۇرۇقىنى پۇرىيالايسىز.مىنىڭ بۇ مىساللارنى ئېلىپ سۆزلىشىم مەن مۇسۇلمانلارغا مەسئۇل بولىشىم لازىم .بىز بۇنىڭ بىلەن شۇنداق يەكۈن چىقاردۇقكى جۇڭگۇدىكى بىر مىليارد ئۈچ يۈز مىلىيون ئادەم ئىچىدە %95 ئىتىقاتى بولمىغان خەنزۇ بولۇپ ،چوشقا سۈڭىكى بۇلغىغان بۇ مەسسۇلاتلارنى ئىتىقادى بولمىغان خەنزۇلار ئۈچۈن پەقەت تازىلىق تەلىپىدىن ئۆتسىلا ئىشلىتىۋېرىدۇ.


جۇڭگۇدا نۇرغۇنلغان يىمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەپ چىقىرىش زاۋۇتى بولۇپ ،بۇلارنىڭ نۇرغۇنى سۈگەك يىلىمى ئىشلىتىدۇ.سۈڭەك يىلىمىنىڭ كۆپلىگەن ماتىريالى چوشقا سۈڭىكى بولۇپ ،قوي،كالا سۈڭەكلىرىنىڭ مىقدارى ناھايىتى ئاز .چوشقا سۈڭىكى قانداق نەرسىدىن قانداق ئۇسۇل بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئۇ مەڭگۈ ھارام نەرسە ھىسابلىنىدۇ.


ئۆسۈملۈكتىنمۇ يىلىم ئىشلەپ چىقارغىلى بولىدۇ.مەسىلەن:دېڭىز يۇنۇسى،ئەرەب دەرىخى قاتارلىقلار.ئۆسۈملۈكتىن ئىشلەپ چىقىرىلغان يىلىمنىڭ تەننەرخى سۈگەك يىلىمىنىڭ تەننەرخىنىڭ 10 ھەسسىدىن يۇقىرى بولىدىكەن.بۇلار پەقەتلا مىدىتسىنا تەجرىبىلىرى ۋە دۆلەت مۇداپىيە تىخنىكىسىغىلا ئىشلىتىلىدىكەن. ھەرگىزمۇ بىر كىچىككىنە يىمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەپ زاۋۇتىدىن بۇنداق بۇلۇشنى كۈتكىلى بولمايدۇ.بىز ھەرگىزمۇ بۇنداق زاۋۇتلارنىڭ ئىلانلىرىغا ئىشەنمەسلىكىمىز ،ئۇلاردىن ئارتۇقچە ئۈمۈد كۈتمەسلىكىمىز لازىم.


سىلەرنىڭ نىڭشادىكى يىلىم زاۋۇتىمۇ ھەرگىزمۇ ھالال، ھارام بولغان قوي،كالا سۈگەكلىرىنى ئايرىم ئايرىپ مۇسۇلمانچە بولغان سۈڭەك يىلىمى ئىشلەپ چىقارمايدۇ.ئۇلار چۈقۇم يېغىپ كەلگەن بارلىق سۈگەكلەرنى ئارلاشتۇرۇپ سۈگەك يىلىمى ئىشلەپ چىقىرىدۇ.ئەجىبا بۇلار ھالال ھىسابلىنامدۇ؟؟


بىز بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئېغىرلىقىنى تۇنۇپ يىتىشىمىز لازىم. بىر قاتتىق شەكىلدىكى جىياڭيۇنىڭ بولسا چاچ ۋە ھايۋانات تۈكلىرىنى ئاساسلىق ماتىريال قىلىپ ئىشلەپ چىقىرىلىدىكەن.بۇ بولسا خۇنەن ئۆلكىسىدە ئاساسلىق ئىشلەپ چىقىرىلغان.ئۇلار قاتتىق جىياڭيۇنىڭ تەمىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق بوتۇلكىغا قاچىلاپ ساتقان.بۇ بولسا ھارام بولغان جىياڭيۇ ھىسابلىنىدۇ.مۇسۇلمان دوستلار جىياڭيۇ سېتىۋالغاندا ھۇششارلىقنى ئۆستۈرىشى لازىم.


ئىككىنجى چوڭ مەسىلە بولسا چوشقا يېغى

ھازىر جۇڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ يىمەكلىككە ئىشلىتىدىغان خۇرۇچ ئىشلەپ چىقىرىدىغان زاۋۇت ئاساسەن گۇاڭجۇ ۋە شاڭخەيگە جايلاشقان.ئۇلار ئىشلەپ چىقارغان ماي سۈتى،ماي كىسلاتاسى ،سۈننى قايماق،تورت قايمىقى ،كاتالىزاتۇر،ئۇيۇتقۇچ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە چوشقا مېيى بار .بىز تىيەنجىندىكى بىر يىمەكلىك توپ سېتىش بازىرىدا گۇاڭجۇلۇق بىر يىمەكلىك توپ سېتىش سودىگەرىنى تەكشۈرگەندە،ئۇ جەنۇپتىكى نۇرغۇن يىمەكلىك زاۋۇتى ئىشلەپ چىقارغان بالىلار يىمەكلىكى ،پىچىنە-پىرەنىك قاتارلىقلارغا كۆپ مىقتاردا چوشقا يېغى سالىدىغانلىقىنى ،نۇرغۇن بولكا ئۈستىگىمۇ مەلۇم نىسپەتتە يىمەكلىك مېيى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ،نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر پىششىقلاپ ئىشلىنىپ بولغاندىن كىيىن ئۈستىگە چوشقا يىلىمى سۈركەپ قويىلىغانلىقى،بولمىسا يىمەكلىكنى يىڭى شەكىلدە ساقلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىيتتى.


بۇ سودىگەرلەر كۆپ مىقتاردا چوشقا يېغى سېتىۋېلىپ ئۇنى چوڭ تۇڭلارغا ،ماشىنىلارغا قاچىلاپ گۇاڭجۇغا ۋە جەنۇپتىكى شەھەرلەرگە يۆتكەپ ئاپىرىدىكەن.ھازىر تېخنىكا ئارقىلىق چوشقا يىلىمىنى رەڭسىز،پۇراقسىز،سۇدەك سۈزۈك بولغان سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرۇپ يىمەكلىككە ئىشلىتىدىكەن. 95 -يىلىدىكى «مەركىزى تېخنىكا دەرياسى» پىروگىراممىسىدا ھايۋانات مېيىنى يۇقىرى تىمپۇراتۇردا پۇراقسىز،تەمسىز،زەھەرسىز،سۈزۈك بولغان يىمەكلىك مېيىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.


97-يىلى چاڭجى خۇيزۇ خىمىيە زاۋۇتى يۇقىرى تىمپۇراتۇردا ئىشقار سۇيۇقلۇقىنى قوشۇپ كۆپ قېتىم سۈزۈش ئارقىلىق ھايۋانات مېيىنى ئاددى تىخنىكا ئارقىلىق رەكسىز ،پۇراقسىز ،زەھەرسىز سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇردى.شۇڭلاشقا ھازىر ھەرخىل يىمەكلىكتە بۇخىل ماي ئىشلىتىلىدۇ.سىز بۇنىڭدىن ھىچقانداق پۇراق پۇرىيالمايسىز،مەسىلەن:دولانا كەمپىتى().ئەگەر ماي بىلەن بۇلارنىڭ بىر بىرىنى چاپلىمىسا ،ئۇلار بىر بىرى بىلەن چاپلىشىپ قالىدۇ.سىز قولىڭىز بىلەن ئۇنىڭ ئۈستىنىنى سىلاپ باقسىڭىز قولىڭىزغا بىرخىل ماي چىقىدۇ.مانا بۇ دەل چوشقا مېيىدىن ئۆزگەرتىلگەن،سىز ئەلۋەتتە ھىچقانداق پۇراق پۇرىيالمايسىز.


بىز تىيەنجىندىكى بىر سۈننى قايماق ئىشلەپ چىقىرىش زاۋۇتىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇق سۈننى قايماقنىڭ ئاساسلىق تەركىبى پۇرچاق بولۇپ،پۇرچاققا يۇقىرى تىمپۇراتۇردا ئۇيۇتقۇچنى پۈركەش ئارقىلىق سۈننى قايماق ياساپ چىقىدىكەن.ئەك مۇھىمى ئۇيۇتقۇچ بولسا چوشقا مېيىدىن ياساپ چىقىرىلغان.تورت مېيىدىمۇ يەنە ئاز مىقتاردا چوشقا يېغى بار.لەنجۇدىمۇ مۇسۇلمانچە تورتخانلار بار .ئۇلار ئىشلەتكەن ئۇن ۋە مۇسۇلمانچە ماي ئەلۋەتتە ھالال ھىسابلىنىدۇ.ئۇلار ئەگەردە جەنۇپتا ئىشلەپ چىقىرىلغان خۇرۇچلار قوشۇلغان بولسا بۇ ئەلۋەتتە ھارام بولۇپ كىتىدۇ.


پەن تىخنىكا نەتىجىسى ئارقىلىق ھايۋانات مېيىنى سۇيۇق مايغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.جەنۇپلۇق ئاچقۇچى سودىگەرلەر لەنجۇدىكى ھەر قايسى ئاشخانىلاردىكى يۈندە كاتىكى مايلىرى،مەينەت مايلار،چوشقا مايلىرى قاتارلىقلارنى ئايرىپ چىقىپ بازاردا سېتىلغان يىمەكلىك مايلىرىغا ئارلاشتۇرۇپ،ئۇنىڭدىن پايدىغا ئىرىشكەن. ئامما بۇ ئىشلارنى پاش قىلغاندىن كىيىن لەنجۇدىكى ئاخپارات ئورۇنلىرى ھايات گىزىتىدە ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلغان.ماۋزۇسى «پاسكىنا مايلار ئاۋام-خەلىقىڭ تاماق جوزىسىغا چىقتى»بولۇپ،بۇ خەۋەر ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن جەمىيەتتە غۇلغۇللا قوزغىغان.لەنجۇدىكى سودا سانائەت،سەھىيە،باج،جامائەت جەۋىپسىزلىكى قاتارلىق تارماقلار بىرلەشمە ھەركەت ئېلىپ بېرىپ نۇرغۇن پاسكىنا ياغ ئىشلەپ چىقىرىش ئۇۋىسىنى تەكشۈرۈپ چىققان.بۇ شامال ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن جەنۇپتىكى سودىگەرلەر يەنە ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلغان.كۆپ قېتىم چەكلىگەن بولسىمۇ توختاتماسلىقتەك بۇ خىل قىلمىش ئادەمنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ.


ئۈچىنجى چوڭ مەسىلە بولسا ئاللاھنىڭ ئىسمىىنى ئاتاپ ئۆلتۈرمىگەن قوي،كالا،توخۇ قاتارلىق ھايۋان گۆشلىرى.

ئىچكىردىكى شەندۇڭ ئۆلكىسى،خېبىي ئۆلكىسى،خېنەن ئۆلكىسى قاتارلىق يەرلەردىكى خۇيزۇلارنىڭ مال ئۆلتۈرىدىغان ئادەملەرمۇ ئىسلام دىنىنىڭ قائىدىسى بويىچە ئۆلتۈرمەيدىكەن.بىز شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گۈۋەن ناھىسىنىڭ بىر خۇيزۇلار ئولتۇراقلاشقان رايۇندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا بۇ يېزىنىڭ مەخسۇس مال ئۆلتۈرۈش سودىسى بىلەن شۇغۇنلىدىغانلىقى،ئۇلار بۇنىڭ بىلەن بېيىغان كەنىت بولغانىكەن.


ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قىسم ئادەملەر كالىنىڭ بۇرنىنى ئىتىپ قويۇپ توك ئارقىلىق سوقۇپ ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى ئىنىق كۆرگەن.بۇنداق قىلغاندا گۆشنىڭ ئىغىرلىقىنى ئاشۇرۇپ نۇرغۇن پايدا ئالغىلى بولدىكەن.يەنە بەزىلەر قوي ،كالا ئۆلتۈرگەندە بىرخىل ئۇچلۇق پىچاقنى كالىنىڭ نىرۋىسىغا چوقۇپ ئۆلتۈرىدىكەن.بۇنداق قىلغاندا قان ئاقمىغانلىقى ئۈچۈن كۆشنىڭ ئېغىرلىقى ئازلاپ كەتمەيدىكەن.بۇ بىر نەچچە خىل مال ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلى ئىسلام دىنىنىڭ قائىدىلىرى بىلەن قارمۇ قارشى چىققانلىق ھىسابلىنىدۇ.


بۇخىل مال ئۆلتۈرۈش ئۇسۇللىرى شەندۇڭ ئۆلكىسى ،خېبىي ئۆلكىسىدە كۆپ بولۇپ ،ئۇلار بۇ گۆشلەرنى مۇسۇلمانچە گۆش قاتارىدا توپ تارقىتىدىكەن.بۇ ھارام بولغان گۆشلەر بېيجىڭ،تىيەنجىن،شەندۇڭ،خېبىي،خېنەن قاتارلىق يەرلەردىكى مۇسۇلمانچە ئاشخانىلارغا يەتكۈزىلىدىكەن.ئۇلار بۇ خىل ئۇسۇل نەچچىلىگەن ھەقىقى ئەھۋالنى بىلمىگەن مۇسۇلمان قېرىنداشلارنى ئالداپ ،ئۇلارنى ھارام گۆش يىگۈزگەن.بۇنداق ئەھۋال بولسا بىز بۇ يەرلەردىكى مۇسۇلمانچە ئاشجانىلارغا قانداقمۇ ئىشىنەلەيمىز؟؟


بۇلار بولسا مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ھەقىقەت.بۈگۈن مەن غەرىپتىن كەلگەن مۇسۇلمان دوستلارنىڭ بىزنىڭ بۇ يەردىكى مۇسۇلمانچە ئاشخانىغا كىرمەسلىكىنى (ۋىۋىستىدا مۇسۇلمانچە،ھالال دىگەن خەت بولىشىدىن قەتئى نەزەر) تەۋسىيە قىلىمەن.


يەنە بىر مىسال ئالساق:توخۇ گۆشى .بىز لەنجۇدىكى بىر نەچچە مەخسۇس ساماۋەر شورپىسىغا ئىشلىتىدىغان توخۇ گۆشى سېتىش ئورنىنى تەكشۈرگەندە ،ئۇلارنىڭ توخۇ گۆشى قاچىلانغان ساندۇقتا خېنەن يۈنەن توخۇ گۆشى زاۋۇتى دەپ يېزىلغانلىقى ،ھېچ يەردە مۇسۇلمانچە دىگەن خەتنىڭ يوقلىقىنى بايقۇدۇق.بىز98 –يىلى خېبىي ئۆلكىسىنىڭ تاڭشەن شەھەر كەيپىڭ رايۇنى مۇسۇلمانچە توخۇ گۆش زاۋۇتىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا بىز شۇ يەردىكى مەسچىتنىڭ ئىمامىنى ئىزدەپ تاپتۇق-دە ئۇنىڭدىن بۇ يەدىكى مۇسۇلمانچە توخۇ گۆشى زاۋۇتىنى خۇيزۇلار ئاچقانمۇ؟بۇ يەردىكى توخۇ ئىسلام دىنىنىڭ قائىدىسى بويىچە ئۆلتۈرىلگەنمۇ؟دەپ سورىساق،


ئاخۇنۇم:بۇ زاۋۇتتا خۇيزۇلار يوق.ھەممىسى خەنزۇ ،ئۇلارنىڭ بۇ مۇسۇلمانچە دىگەن ماركىنى قانداق ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلمەيمەن.ئۇلار يالغاندىن مۇسۇلمانچە دەپ يېزىپ قويغان.مەن بولسام بىر ھېچ قانداق ھوقۇق بولمىغان ئىمام،مەن بۇنىڭغا مەسئۇل بۇلالمايمەن .دېدى.كىيىن ئۇقساق بۇ ئاخۇنۇممۇ بۇ يەردىن كىتىپتۇ.شۇڭلاشقا ھازىر بازارلاردا سېتىلغان ساماۋەر شورپىسى توخۇ گۆشلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ قائىدىسى بىلەن ئۆلتۈرۈلمىگەن ھارام مەسسۇلات ھىسابلىنىدۇ.مۇسۇلمانچە دىگەن خەت بولسىمۇ بۇنىڭغا تەستە ئىشەنگىلى بولىدۇ.


مانا مۇشۇنداق پۇلنىلا كۆزلەيدىغان سودىگەرلەر ئىمانىنى يوقىتىپ ،ئۇلار پۇل بىرىنچى دىگەن شۇئارنى توۋلاپ،نۇرغۇنلىغان ھەقىقى ئەھۋالنى بىلمىگەن مۇسۇلمانلارنى ،كىچىك بالىلارنى ئالدايدىكەن.بۇ بولسا مىنىڭ قەلبىمنى ئازاپلىۋاتقان بىر چوڭ مەسئۇلىيەت بۇلۇپ بۈگۈن ئاخىرى سىلەرگە سۆزلەپ ئۆتتۈم،ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ مىنىڭ ئىتىقادىمنى قۇبۇل قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.


قۇرئان كەرىمدە :ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال،پاك نەرسىلەردىن يەڭلا،سىلەر ئىمان ئېيتقان ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار.(5 –سۈرە،87 –ئايەت)ھازىر ئاللاھنىڭ شەپقىتى بىلەن بىزنىڭ ماددى تۇرمۇشىمىز موللىشىۋاتىدۇ.ھالال بولغان نەرسىلەرنى تاللاپ يىيىش ھەر بىر ئىمانى بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمەل قىلىشقا تىگىشلىك بىر ئىش.


ھازىر جۇڭگۇدىكى مۇسۇلمانلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردا مۇسۇلمانلار ھارام نەرسىلەرنىڭ ئاپەت خارەكتىرلىك ھۇجۇمۇغا ئۇچرىماقتا.بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئادەملەر ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھازىر نىمىشقا بىزنىڭ ئىتىقاتىمىز تۈۋەنلەپ،ئىمانىمىز سۇسلىشىپ كىتىدۇ.چۈنكى بىزھارام بولغان نەرسىلەرنى يىگەندىن كىيىن ،ھارام بىزنىڭ قەلبىمىزنى توسۇپ قويغان.بۇ بولسا بىز ھەقىقەت.


بىز بۇ ئاپەت ئالدىدا بارلىق ئۈلىمالارنى باتۇرلۇق بىلەن ئورنىمىزدىن تۇرۇپ رەزىل كۈچلەرگە قارشى تۇرىشىمىز.ھەر قايسى سورۇنلاردا تەشۋىقات قىلىشىمىز ،مۇسۇلمان دوستلار بىرلىكتە ھارام مەسسۇلارلارنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تۇرىشىمىز.بالىلارنىڭ ساپ كۆڭلىنىڭ ھارام نەرسىلەر تەرىپىدىن بولغىنىشتىن قوغدىشىمىزكىرەك.


جۇڭگۇدىكى كىچىك مەككە مۇسۇلمانلىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى مۇسۇلمانلارغا ئۈلگە بولۇپ،تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىپ مۇسۇلمانچە بولمىغان يىمەكلىكلەرنىڭ يامراپ كىتىشى ۋە سېتىلىشىغا قارشى تۇرىشىمىز،مۇسۇلمان ئىستىمالچىلارنىڭ ئىدىيىۋى تۇنۇشىنى ۋە ھوششارلىقىنى ئۆستۈرۈشىمىز لازىم.ئۇلۇغ ئاللاھ !سەن بىزنى ئارزۇيىمىزغا يەتكۈزگەيسەن.(قۇبۇل قىلغايسەن)


مىنىڭ مەدىنىيەت سەۋىيەم چەكلىك،شۇڭلاشقا بەزى نەرسىلەرنى ئىپادىلىگەندە خاتالىق كۆرۈنگەن بولۇشى مومكىن، قېرىنداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.بۇ ئەسەردە قۇرئاندىكى سۈرە ۋە ھەدىسلەر ئىشلىتىلگەن.شۇڭلاشقا دوستلارنىڭ بۇنى ياخشى ئاسرىشىڭلارنى ،قالايمىقان تاشلىماسلىقىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.


تىيەنجىن شەھەردىكى مۇسۇلمان مارۈن جىنى

لىنشا شەھەرلىك ئىسلام دىنى جەمىيىتى ماتىرىيالى




تولۇقلىما مەزمۇن (2012-9-30 07:04 PM):
http://www.tudou.com/programs/vi ... l%3Fuin%3D859786955

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
aptap104 + 150
شاكىچىك + 126 ماختاشقا تېگىشلىك
fahre + 155 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 431   باھا خاتىرىسى

ئەگەر  ئەتە قىيامەت بولسا.........................





تور ، كومپىيوتېر ، يانفۇنلار ئەسقاتارمۇ؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83947
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4204
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 10:29:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


تولۇقلىما مەزمۇن (2012-9-30 07:04 PM):
http://www.tudou.com/programs/vi ... l%3Fuin%3D859786955

ئەگەر  ئەتە قىيامەت بولسا.........................





تور ، كومپىيوتېر ، يانفۇنلار ئەسقاتارمۇ؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83947
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4204
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 10:31:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەستىقلىمىسىڭىز سەۋەبىنى ئىنىق چۈشەندۈرۈڭ
بولمىسا كۈندە بىر نى يوللايمەن

ئەگەر  ئەتە قىيامەت بولسا.........................





تور ، كومپىيوتېر ، يانفۇنلار ئەسقاتارمۇ؟؟

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 11:50:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپىمىز ئەتكەن لەغمەندىن باشقىنى خاتىرجەم يىيەلمەيدىغان ئوخشايمىز !

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18880
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 12:12:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahmansaykin يوللىغان ۋاقتى  2012-9-30 11:50 AM
ئاپىمىز ئەتكەن لەغمەندىن باشقىنى خاتىرجەم يىيەلمەيدى ...

يەنە تېخى لەغمەن ئەتكەن مايىغىمۇ دىققەت قىلمىساق بولمايدىكەن ئەمەسمۇ؟

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18880
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 12:17:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇقۇردا دىيىلگەن ئەھۋاللار ھازىر ئۇمۇمىيۇزلۇك ئىجتىمائى مەسلە بۇلۇپ قالدى،بۇلارنى ئۇقىغانسىرى نىمىنى يەپ نىمىنى يىمەسلىكىنى بىلەلمەيلا قالدىم،خەنلەرنىڭ قۇلىدىنغۇ ھەرگىز ئالماسمىز،بىراق مۇشۇنداق پۇل ئۈچۈن ئىمانىدىن ئازغان شەكلى مۇسۇلمانلارنىڭ قۇلىدىن ئالمايمىز دەپ كىسىپ ئېيتقىلى بولمايدۇ دە؟يا ئۆزىمىز ئازراق يەر سېتىۋېلىپ ھەممە نەرسىنى ئۆزى تېرىپ يىگىلى بولمىسا ،شۇ سودىگەرلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بىرىپ ھالال -ھارامنى ئايرىپ تىجارەت قىلسا بىزمۇ ،ئىشەنچىلىك مال سېتىۋالساق بولماسمۇ دەيمەن.

تۇرمۇش مەڭگۇ ئاچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2633
يازما سانى: 1429
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10507
تۆھپە نۇمۇرى: 563
توردا: 324 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2014-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 12:22:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ........

sabri@ بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 12:23:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83507
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3876
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 112 سائەت
تىزىم: 2012-8-5
ئاخىرقى: 2013-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 12:23:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ ئىچىملىك مالايسىيانىڭ، ھەقىقى تەكشۇرۆپ تەستىقلانغانكەن؟ Putti-Convert[1920120913954GMT].JPG

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83507
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3876
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 112 سائەت
تىزىم: 2012-8-5
ئاخىرقى: 2013-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 12:29:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Putti-Convert[1920120913227GMT].JPG

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش