مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 269|ئىنكاس: 4

تېڭىرقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قەۋەت تالىشىش قەۋەت تالىشىش بۇ قەۋەت تالىشىش تېمىسى،قەۋەتلەرنى تالىشىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز! 

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19425
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5963
تۆھپە نۇمۇرى: 309
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 03:10:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                     تېڭىرقاش
                                                    "نەسىر"
      "1
مەن  تاھىر يولىنى ئىزلىمەك بولۇپ يولغا چىققان ئىدىم، لېكىن ماڭا زۆھرەدەك يۈرەك تېپىلمىدى، مەن تاپقان   زۆھرەلەرنىڭ يۈرىكى ئازاپتىن زىدە بولۇپ سوغۇقتىن ئۆز ئەكسىنى ۋە چوغدەك قىزىللىقىنى يوقۇتۇپ قويغان ئىدى !
  ئاشىقنىڭ مۇڭلىرىغا جۆر  بولۇپ تاھىر يولىنى ئىزدەپ قەدىمىي يىپەك يولىدا تاپقان ئىدىم، لېكىن يولۇمنى يالغانچىلىق  ئالۋاستىسى بىلەن ئازاب كەلكۈنى تورىۋېلىپ ئۆتكۈزمىدى  ۋە:
   _ تاھىر يولىنى ئىزلىمەك بولساڭ ئۇپۇق سىزىقىغا چىق، - دېدى.
مەن  ئامالسىز ئازاب كەلكۈنلىرىدە ئېقىپ تەكلىماكان بارخانلىرىغا سىڭىپ كەتتىم  .
  مۇنداق قىسمەتتىن خەۋەردار يۈرىكىم ئۆزىنى دوزاقنىڭ ئوتىغا ئېتىپ ئۆلۈۋالدى .
                                                                 "2"
بەخت  نۇرۇڭنى ئوغىرلاپ قاچقان قىز ئامەت قۇشۇڭنى ئېتىپ چۈشۈرەلەيدۇ. كۆزلىرىدە ئالدىغان قىز، سۆزلىرىدىمۇ ئالدىيالايدۇ!
                                                           "3"
  يىراققا  تارقالغان مۇڭ كۇيلەرنى ئاڭلىغىنىدا ئۆز ئەكسىڭگە دوستۇم، ئەمدى ئۇنداق يېشىل ھېكايىلەرنى يادلاپ يۈرمە، كەلمەسكە كەتكەن ئەسلىمىلەرنى ئەسلەپ، بەرگىلىرى توزۇپ  قۇرۇق شېخىلا قالغان گۈللەرنى ئىزلەپ ئاۋارە بولما، ئەمدى يۈرىكىڭنىڭ دەردىنى چۇشەنگەنلەرنى كۆزۈڭدىن سۆيگۈ ئۇچقۇنى ئىزلىگەنلەرنى تاپ ۋە مەڭگۈلۈك بەخىتكە چۆكۈپ كەت  .....
                                                              "4"
    بىر چاغلاردا ناخشىلار شۇنچىلىك ئەركىن ۋە شۇنچىلىك  شوخ  ئىدى،  بىز  ئويناپ   ھارمايتتۇق
ئۇسۇلغا قانمايتۇق، لېكىن ھازىر ناخشىلارمۇ دەۋىرگە ماسلىشىپ كەتتىمۇ قانداق؟ ئاڭلىغان كىشىنى
مۇڭغا چۆكتۈرىۋېتىدۇ  .
  ناخشا   ئاڭلايسەن، ناخشا ئاڭلىغاندەك تۇيغۇ يوق، ھازىرقى ناخشىلار گويا ئاشىقنىڭ ھەسرىتى، مەشۇقنىڭ   نىداسى خۇددى دۇنيادىكى پۈتۈن كىشىلەر ئالدانغاندەك، پۈتۈن كىشىلەر  ھەسرەت چېكىۋاتقاندەك   .
        بۇ  دۇنيا دەرتمەنلەر كەنتىگە ئايلىنىپ ئايلاندىمىكىن دەپ قالىمەن گاھىدا.
                                                                                          
_  ت  .ئەنقارى   
                   2012- يىل  6-ئاينىڭ 5-كۇنى   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-30 09:40 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kamran + 20 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19425
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5963
تۆھپە نۇمۇرى: 309
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 03:20:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84876
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 317
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2012-9-9
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 09:46:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت.......تىرىشىڭ...!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78095
يازما سانى: 573
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3497
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 204 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 11:23:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت

ئەردەمئاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41612
يازما سانى: 811
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8510
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 655 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 12:35:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرمۇشنىڭ ئەگرى توقاي داۋانلىرىدا تېڭىرقىمىغان كىم بار؟ئارزۇ ،ئۈمىد ،ۋە رىئاللىق ئوتۇرسىدا تەڭقىسلىقتا قالمىغان كىم بار؟دۇنيا مانا شۇ قىسمەتلەر بىلەن گۈزەل ۋە رەڭداردۇر

ھەربىر قەلب گۈزەل بولغاندىلا پۈتكۈل ھاياتلىق گۈزەللىككە تولىدۇ! مېھرى مۇھەببەت بىلەن تولسۇن كەڭ ئالەم!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش