باشلىق غوجاملار ! ماۋۇ تېمىنىمۇ ئۆچۈرمەمدۇق ،ئاڭلاشلارغا قارىغاندا باشقۇرغۇچىلارنى بىردەم بىكار قالسىلا تېما ئۆچۈرۈپ ئوينايدۇ دەيدىغۇ ؟ بايام تىخى مىنىڭ تېمام بىلەن باشقىلارنىڭ جەمى يەتتە تېمىنى ئۆچۈرۈپ ئەخلەت خانىغا تاشلاپ سىلەر ، سۈر ئەت دىگەن سىلەردە ۋەششى تىزكەن جۇمۇ ، قايىل بولماي تۇرالمىدىم غوجىلىرىم ، لىكىن ئاشۇ يەتتە تېمىنى 20مىنىۇتنىڭ ئىچىدە نىمىشقا ئۆچۈرۋەتكەنلىكىڭلارنى يېرىم كۈن ئويلاپمۇ چۈشىنەلمىدىم جۇما !
بولۇپمۇ مىنىڭ ، سىلەر ئەخلەت خانىغا تاشلىغان تېمامنى ئەجەپ ئىزدىنىش ، تەڭرىتاغ، باغداش تەستىلاپتىغۇ ؟ تېمامنى تەستىقلىمىغان باشقۇرغۇچى لاتا كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ تېمامنى ئوبدان ئوقۇپ باق !
بوپتۇ بايامقى يەتتە تېمىنىڭ كۆزۈم بىلەن كۆرگۈنۈمنى دەۋاتىمەن ھە ! بىرسى كۆچۈرۈلمە، يەنە بىرسىدە ئىملا خاتالىقى بار ، يەنە بىرسىنىڭ ئەخلاقىدا چاتاق بار ، يەنە بىرسىنىڭ ئىگىسى چاتاق دەيلى قالغانلىرىنىڭچۇ يىگىتلە ؟
تېمىلاغۇ مەيلى بىراق ئىنكاسلارنى نىمىشقا ئۆچۈرۋىتىسىلەر ، بېشىڭلارنى ئىچىڭلارغا تىقىۋېلىپ ئوسۇرقۇڭلارنى پۇراپ ئولتۇرىۋەرمەي باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ قاراپ بىقىڭلار ! تور دۇنياسىدا تىخى ھىچقانداق مۇنبەردە نورمال ئىنكاسلارنى ئۆچۈرۋېتىدىغان ئىشلار يوق ، ھوقۇقنى ئەزا چەكلەشكە ، ئىنكاسلارنى ئۆچۈرۈشكە ئىشلىتىۋەرمەيلى ، مۇشۇ پاچى پۇرەت ئىنكاسنىمۇ ئىز قوغلاپ ئۆچۈرۈپ يۈرۈيدىغان باشقۇرغۇچىغا تۇرۇشلۇق ئورنىدىن ئازراقلا ، كىچىككىنە ھە ! ھوقۇق بىرىدىغان ئىش بولسا ئاللا كارامات ، ئۇ-چاغدا ئاشۇ خاشو كاللا غوجام ياكى خېنىم نىمە ئىشلارنى قىلىۋىتەر ھە ؟ بولدى خەيىر ئۆزۈمنى بېسىۋالاي ،
ئەگەر سىلەرگە خوش ياقمىغان ئىنكاسلارنى سىياسىلىقى كۈچلۈك ياكى تىللاشتىڭ دەپلا ئۆچۈرۋەتسەڭلار ئاقىۋېتى قانداق بۇلار ؟
خەنچە بۇلامدۇ ياكى ئۇيغۇرچە ، قازاقچە ، قىرغىزچە ، ئۆزبېكچە دىگەندەك پۈتۈن مۇنبەرلەر نۇرمال تەستىقلىۋاتقان ، نۇرغۇن ئىنكاسلار چۈشۈپ مۇنازىرە بۇلىۋاتقان تېمىلار ئەجەپ مىسرانىمدا قەتئى تەستىقلانمايدىكەن ، مۆجىزە يۈز بىرىپ بىرەسى تەستىقلىنىپ قالسا تاقاپ تەستىقلايدىكەنسىلەر ، ياكى تەستىقلاپ بولۇپ يەنە ئۆزۈڭلار بىردەمدە ئەخلەت خانىغا تاشلىۋېتىدىكەنسىلەر ! خوش ياقسا يەنە بىردەم تۇرۇپ ئەخلەت خانىدىن ئەپ چىقىپ قويىدىكەن سىلەر تىخى ... باشقا ھەرقانداق مۇنبەردە نۇرغۇن ئىنكاسلار چۈشۈپ مۇنازىرە بۇلىۋاتقان تېمىلارنى سىلەر تەستىقلىماپ سىلەر ياكى تاقاپسىلەر ؟ ئىشەنمىسەلار يوللاپ قوياي ! ئاشۇ مۇنبەرلەردىمۇ ، شۇنداق سېسىغ گەپلەرنى قىلىشىدىكەن ، سىياسىلىقى كۈشلۈك ئىنكاسلارمۇ قەتئى يوق ئەمەسكەن ئازراق بولسىمۇ ھىڭگىيىپ تۇردىكەن . ئەكسىنچە تېمىلارنى تاقاش ئۇلارنىڭ لۇغىتىدە مەۋجۇت ئەمەسكەن ھەم قەتئى تاقالمايدىكەن ، ئىنكاسلار ئۆچۈرۈلمەيدىكەن ، ئەزالارنىڭ چەكلىنىشى قەتئى مەۋجۇت ئەمەسكەن ،
يىڭىدىن تەخىتكە چىققان غوجام خانلىرىمنىڭ تۆھپىسىدە ، مىسرانىم زاۋانلىققا قاراپ يۈزلىنىۋاتامدۇ قانداق ؟
مۇنۇ ئىنكاسنى يېزىپ بولۇپ مىسرانىمنىڭ مۇنبەردە ئاتالمىش دىمۇكراتىيە بار دىگەن قانۇنىدىن شۇنى ھىس قىلدىمكى مەنمۇ چوقۇم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلمەيمەن ، مۇنبەرنىڭ بىر قىسىم ھوقۇقلىرىنى ئۆز چاڭگىلىغا كىرگىزىۋالغان بىر قىسىم( ماسۇن تەشكىلاتىنىڭ ) غالچىلىرى
مىنى چوقۇم بوش قويىۋەتمەيدۇ ،
ئىسىت-ئىسىت شۇ-تاپتا بۇرۇنقى مىسرانىمنىڭ سەلتەنەتلىك ۋاقىتلىرىنى ئەسلەپ قېلىۋاتىمەن !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زۇلئاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-30 03:08 AM