سالام خەت
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تىرىشجان،خۇشچاقچاق،كەپسىز دوستۇم ئەھۋالىڭ قانداقراق تىنىڭ ساق-سالامەت ،ئۆگۈنۈشلىرىڭ نەتىجىلىڭ بولىۋاتامدۇ،يەنىلا تىرىشپ ياخشى ئوقۇۋاتامسەن ؟
بۇرۇن سىنىڭ يانفۇن ئوينىمىساڭ ئۇيقۇڭ كەلمەيدىغان بىريامان ئادىتىڭ بار ئىدى ھازىرمۇبارمۇ ؟ ۋەياكى تېخىمۇئوينايدىغان قۇچاقلاپ ياتمىساڭ ئۇيقۇڭ كەلمەيدىغان بولۇپ قالدىڭمۇ يا ؟مەندىن ئەھۋال سورساڭ مىنڭمۇ ئىش ئوقۇتۇم يامان ئەمەس ،ھەقاچان نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىمنى بىلگىڭ كىلىۋاتقاندۇ.باشقىلاردەك يوغان-يوغان كاتتادۇككان ئاچالمىغان بولساممۇ ،شەمۇ شەھەر ئاتلاپ يىزا،قىشلاقلاردايۇرۇپ توپ ئىلىپ پارچەسىتىپ ،يۇڭ ئىلىپ كىگىز سىتىپ ،بىر راستقا ئون يالغاننى قىتىپ ،كىلىشتۈرۇپ پولارنى ئېتىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتىمەن خۇداغا شۈكرى ھەرھالدا بولىدۇ.
مىنىڭچە سىلەرئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلرى ھازىر ئاسماندىكى قۇش بولۇپ قالدىڭلارپۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تۈرلۈك بىلىملەرنى ياخشى ئۆگەنساڭلار سىلەرگە ھەرۋاقىت يىشىل كاردۇرلارئوچۇقتۇر قاياققا ئۇچقۇڭلار كەلسە شۇياقا ئۇچالايسىلەر،دىققەت قىل جۇمۇ يىراقلارغا پەرۋاز قىلىپ كىتىپ كىلەلمەي قالمىغىن مەن سەندەك كەپسىز تىرىشچان دوستۇمغا قىيالمايمەن.
ئاڭلىسام بەزى ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى ئىقتىسادچىل تىجەشلىك بولۇپ بىرمىتىرغا يەتمىگەن رەختلەردىن كىيم -كىچەك كىيىش ئۇيغۇرچە تائاملاردىن بىزار بولۇپ ،غەرىپچە ۋە ئىچكىرلەردىكى نامەلۇم زاۋۇتلاردا ياسالغان ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى يىيىش ،تاڭ سەھەردىنلا باشلاپ دەرس ۋاقتىدائۆتۈلگەن دەرىسلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىماي يانفۇنلىردا <كىيۇ=كىيۇ> دەيدىغان ئويۇنلارنى ئويناپ بىر- بىرى بىلەن كاللا سوقۇشتۇرسا ،كىچىلىرى تام تۈشۈكىدىن ئاتلاپ ئامالنىڭ بارىچە راسىت يالغان سۆزلەپ پۇل قەرىز ئېلىپ زاغرا ناندىن قىل سۇغۇرۇپ مەكتەپ سىرتىدىكى تورخانا قاۋاقخانا،،خانا خانىلارغا بىرىپ ئۆزئارا قىز- ئوغۇللار بەسلىشىپ بۇرنىدىن قان چىققۇچە ئىچىشىپ تىخى ئۈلگۇرەلمىگەنلىرى شۇنچە جىپسا يارشىملىق ئشتانلىرىغا چىچىشىپ ،بولالمىغانلىرى قايتاي دېسە پۇلى يوق ئۇدۇل كەلگەن ‹يۇندە ئازگىلى،،مىھمانخانىلار› كۆۋرۇك چىملىقلاردا يىتىشىپ،ئەتىسى ئاران ئاران كىچىچە ساپان سۆرىگەن كالىدەك سالپىيىپ ،خۇددىنى بىلىشمەي بىرنەچچە كۈن ئۇخلامىش بۇراستمۇ ؟
تېخى بەزى قىزلاردىن نەگە باردىڭلاردەپ سورىسا،چاندۇرماي بەدەن چىنىقتۇرغىلى تەنتەربىيە مەركەزلىرىگە باردۇق دەيدىكەن،مەكتىپىڭلاردا نۇرغۇنلىغان مەبلەغ چىقىم قىلىپ شۇنچە كەڭ ھاۋاسى شۇنچىلك ساپ ئۆلچەملىك تەنتەربىيە مەيدانىنى سىلىپ بەرگەن تۇرسا،ئۇلارغا بۇ مەيداننىڭ ھاۋاسى ياقماي ئۆلچەمسىز بۇلغۇنۇپ ،مەيخانا،قاۋاقلارنىڭ،كۆڭۈل ئىچىش كۇلۇبلىرىنىڭ دوپپامچىلىك كىلىدىغان ئولچەملىك زامانىۋىي تەنتەربىيە مەيدانلىرىدا مەخسۇس تەربىيلەنگەن تىرنىرلار يىتەكچىلىكىدە بەدەن چىنىقتۇرۇپ كىلەرمىش بۇمۇراستمۇ ؟
ھەراست سېنىڭ يانفۇن ئويناش كىسىلىڭ بارئىدى.ھازىربۇرۇنقىدىن ياخشى بولۇپ كەتتىڭمۇ ياكى يانفۇنلىرىڭ تىخىمۇ يوغىناپ پۈتۈن قىشتەك بولۇپ كەتتىمۇ يا ؟مەن ساڭا بىرگەپنى دەپ بىرەي يىقىندىن بۇيان كۆپلىگەن چوڭ-كىچىك ئوقۇغۇچىلاردا يانفۇنغا خۇمار بولۇش كىسلى ،كومپۇيۇتىرغا خۇمار بولۇش كىسلى،ھەتتاكى زەھەرگە خۇمار بولۇش كىسلى دىگەندەك كىسەللەر ئاۋۇپ كىتىپتۇ.ئوتتۇرا دەرىجىلك كىسەللەر بىكىنمە ھالەتتە باشقىلار بىلەن ئوچۇق -يورۇق ھالدا ئالاقە قىلىشمايدىغان يالغۇزلۇقنى خالايدىغان ،ئۇلاردىن ئايرىلىپ قالسا ياشيالمايدىغاندەك دەرىجىدە بولسا، ئېغىرلىرى كۈن كۈنلەپ ئويناپ ئۆلۇپ قالغانلىرى ياكى سەۋدا ساراڭ بۇلۇپ قالغانلىرىمۇ ئاز ئەمەسكەن .شۇڭا سەنمۇ دىققەت قىل ! بىكار ۋاقىتىڭ بولسلا كىتاپ ئوقۇپ بەر دۇنيا قارىشىڭ نەزەردائىرەڭ ئۆسۇپ قالار،كوچا-كوي بازارلارغاچىقىپ تۇر،جەمىئيەت بىلەن بولغان ئارلىقىڭ چۈشەنچىلىرىڭ چوڭقۇرلشىپ كىيىنچە خىزمەتداشلىرىڭ ،تەڭتۇشن ئەل -ئاغىنىلەر بىلەن ئاسانلاچىقىشىپ ،تۈرلۇك كىشىلىك مۇناسۋەت ئورۇنتىشىڭغا ياردىمى بولار.
تۈنۈگۇن بىر ماقالىنى ئوقۇۋىتىپ مۇنۇقۇرلارغا كۆزۈم چۈشتى: ‹كىيۇ-كىيۇ› دىگەن تورئويۇنى ئارىمىزغا سىڭىپ كىرگەندىن بۇيان ئەتىراپىمزىكى يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقچەبولغان كىشىلىرىمىز بۇئويۇندىن ئۈنۇملۈك پايدىلىنىپ ئۆز خائىشى بويىنچە خالىغان ۋاقىتتا شەرىتسىز ئۆزئىسمىنى،يىشىنى،نۇمۇسسىزلارچە جىنىسىنى،ۋىجدانسىزلارچە مىللىتىنى ئۆزگەرتىپ بىر بىرىنى كۆلدۇرلىتىپ ئوينايدىغان بولۇپ كەتمەكتە دىيىلىپتۇ . سەنمۇ پات-پات جىنىسىڭنى،مىللىتىڭنى ئۆزگەرتىپ ئويناپ تۇرىۋاتامسەن؟ بەك قىزىق بولىدۇ ھە!ئوغۇللارغا ئۆزگىرەلمەي ئاران قالغانلارۋە ياكى قىزبالىغا ئۆزگىرەلمەي ئارماندا قالغانلار ئۈچۈن ئۆزئارزۇسى بويىنچە خۇشال-خۇرام ئوينايدىعان مەيدان ،پۇرسەت ھازىرلاپ بەرگەن تۇرسا،،،،.
راستىنى دىسەم كىشىلەرمۇ ناچار بولۇپ .ئىنساپ،ھايا،ئەخلاق دىگەنلەر قۇرۇق گەپ بولغىلى تۇرۇپتۇ .تۈنۈگۇن ئالدىراش سودا قىلىۋاتىسام ئسلامىي چىرايلىق ياسانغان ئادەمنىڭ زوقى كىلىدىغان 18-19 ياشلار چاممىسىدىكى بىرقىز كىلىپ ئۇنى ،بۇنى دەپ قاتالچىلىقتا مىڭ يۈەن پۇلۇمنى قويۇپ قىچىپتۇ ئۆلمەكنىڭ ئۇستىگە تەپمەك دىگەنمۇ ئازغىنە كۈن ئوتمەي بىر ياشىنىپ قالغان موماي ھەسىدەپ-ھۆمىدەپ دىقىتىمنى بۇراپ 750 يۈەنگە ئالغان يانفۇنۇمنى ئالانەلىرىگىدۇر يۇشۇرۇپ ئىلىپ كىتىپتۇ.مەن ئويلاپمۇ باقمىغان ئۇ موماينىڭ ئۇنداق قىلىشىنى توۋا دەيمەن بۇنىڭدىن كىيىن بىر قىسىم ئادەملەر پۇل ئۈچۈن قىلمايدىغان ئىشى قالماپتۇ.نۇمۇس قىلمىسا ئاتا-ئانىسى ،ۋە بالاچاقىسىنىمۇ بازارغا ئىلىپ چىقىپ ئىلىشىغ اسېتىۋىتىدىغان ئوخشايدۇ..؟
كونىلار:يىزىدا قۇرغاقچىلىق بولسا ،شەھەردەئاچارچىلىق بولىدۇ،يىزىدا ئادەمگەرچىلىك قالمسا شەھەردە ئىنساپ قالمايدۇ،يىزىدا ئەدەپ-ئەخلاق سۇسلاشسا،شەھەردە بۇزۇقچىلىق كۆپىيدۇ،يىزىدا مېھرى-مۇھەببەت تىغى گۇمۇرلىسە شەھەردە ئۇرۇق -تۇققان قېرىنداشلار ياتلىشىدۇ دىگەن ئىكەن.
بوۋامنىڭ دەپ بىرىشىچە ؛ئۇلار زامانىسىدا ئادەمگەرچىلىك ،خوشنادارچىلىق ۋەبالا تەربىيىسى قاتارلىقلار ياخشى بولغاچقا مەھەللىدە ئوغرى-يالغان ناھايىتى ئازئىكەن بولسىمۇ ياقايۇرۇتتىن كەلگەن ساھىل غىرىپلار ئىكەن .كىشىلەرخۇددى ئۇرۇق -تۇققانلاردەك ئۆزئارا بىرىش-كىلىش قىلىشىپ ئىناق-ئىجىل ياشايدىكەن يىگىتلەر بولسا غۇرۇرلۇق،مەرت-مەردانە،ئشچان بولغاچقا ئەمگەكتىن تاۋلانغان بەردەس قاۋۇل قەددىنى تىك تۇتۇپ مەيدىسىنى كىرىپ يۇرسە ،قىزلار شۇنچەيارشمىلىق كەشتىلەنگەن كىيىملەرنى كىيىپ ئايدەك رۇخسارىنى ئۆزگىلەرگە كۆرسۇتۇشتىن ئۇيۇلۇپ بىشىنى توۋەن سىلىپ ئۆز گۇزەللىكىنى ئەخلاق پەرەنجىسى بىلەن ئوراپ ،مەن-مەن دىگەن يىگتلەرنى ئاشىق قىلاركەن.ھازىرچۇ ،ئاخىرقى زامان بولدىمىكىن تاڭ يىگىتلىرىمىز كۈندىن كۈنىگە چۈشكۈن خۇددى سولۇشۇپ كارغا كەلمەيدىغان كەتمەن سىپىدەك ئىگىلىپ لەلەڭشىپ ،كىيگەن كىيىملرىنىڭ ئىچىگە چۆكۇپ ماڭىدىغان،قىزلاربولسا ئۆز گۈزەللىكىنى ئامالنىڭ بارىچە -تار كالتە-كالتە كىيىملەرنىڭ ئۈستىگە يۈكلەپ پەخىرلەنگەن ھالدا قەددىنى تىك تۇتۇپ بەدىننىڭ نازۇك يەرلىرى ۋەكۆكسىللىرىنى قوزىچاقنىڭ ساغرىسىدەك ئىچىپ ماڭدىغان بوپ كېتىپتۇ.سىلەرنىڭ مەكتەپتىمۇ مۇشۇنداق موداكەشلەر بارمۇ ؟
بەلكىم بار چۈنكى زىيالى، ئشچى -خىزمەتچى بولسۇن ۋەياكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى بولسۇن ھەمىسىدە ھازىر مۇنداق ئورتاق كىسەل بار؛ئۇقتۇرۇشتىن يۇقتۇرۇش تىز بولۇش يۈزلنىشتىن ئۆزگۈرۇش ياخشى يولغا يىتەكلەشتىن يامان يولغا چىچەكلەش قاتارلىقلار كىم بىلىدۇ شۇلار باشلامچىسىمۇ تىخى،،.ئەقىللق دوستۇم مەن سەندىن ئۆتۈنەي سەنمۇ ئىزىپ ئۇلارنى دوراپ پاچاقلىرىنى ئىت تالىىۋەتكەن ئىنىڭگە بەرسەڭ كىچىك كىلىدىغان ئىشتانلارنى كىيىپ يۈرمىگىن دۇككانلارغا قارايدىغان بولساڭ شۇنچە چىرايلىق ئىشلەنگەن ئەنئەنىۋى كىيىملەر بوينىنى قىسىشىپ ھەتتاكى ئۆزخەلقى بوينىدىن باغلاپ دارلارغا ئسىپ قۇيۇۋاتقاندەك تۇيغۇلارنى بەرمەكتە .سەن بولساڭمۇ كىيىپ قويغىن ھىچ بولمىسا كىملىكىڭنى ئۇنتۇپ قالمايسەن.
مەن ساڭا ئشىنىمەن سەن بىر زىرەك بالا باشقىلار مەيلى قانداق ئوينىسۇن ،قانداق يەرلەردە ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرسۇن ئۇلارغا پەرۋا قىلما ئشلار تىخى ئالدىمىزدىدۇر ،چۈنكى ھامان سورىقى بار .سىنى ئوقۇتۇش ئۇچۈن تىنىمسىز جاپالارنى چىكىۋاتقان ئاتا-ئاناڭنى ئويلا كۈندە بىر تىلىفۇن قىلالمىساڭمۇ، ھەپتىدە بىرە ئىككى قىلىپ ئۇلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قوي . باشقلاردەك يانچۇقۇڭدا تاماقمۇ يىگىدەك پۇلۇڭ قالمىغاندا،خەقتىن ئازار يەپ كۆڭلۈڭ يىرىم بولغاندا ،سىناق ۋە ئمتىھانلاردىن ئۆتەلمەي گاڭگىراپ قالغانلاردا ئەمەس قاچان ئۇلارنى سىغىنغان بولساڭ شۇ ۋاقتىڭدا قىل ئۇلارنىڭ سۆزلىرى مەدەت ۋە روھى ئوزۇقتۇر. ياخشى ئوقۇ دوستم پارلاق كىلەچەك نۇرغۇنلىغان ئارزۇلار سىنى كۇتمەكتە ! گەرچە مەن سەندەك ئالىي مەلۇماتقا ئىگە بولالمىغان بولساممۇ بىلەرمەنلىك قىلىپ كۆپ سۆزلەپ قويدۇم .بىلىپ بىلمەي خاتا سۆزلەپ قالغان بولسام كەچۈر،خوش خۇدايىمغا ئامانەت ئۇيۇنچى ،بىلىمسىز دوستۇڭدىن،،،..
سۈپۇرگە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-30 11:25 AM