|
|
|
|
ئىلمى ژۇرناللارمۇ ھەقسىزلىككە يۈزلىنىۋاتىدۇ - [ئاممىباب بىلىملەر]ۋاقىت: 2012- يىل 27- سېنتەبىر ئاپتور: ئاچىنۇق
تەبىئەت ژۇرنىلىنىڭ يىڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا* زەررىچە فىزىكىسىغا ئائىت 12 ژۇرنال ئوچۇق ژۇرنال (ھەقسىز، توردىن بىۋاستە كۆرگىلى بولىدىغان) بولۇشنى قارار قىلغان. بۇ بىزگە ئوخشاش پۇلىنىڭ تاينى يوق قەۋىملەرگە ھەممىدىن بەكىرەك خوش بولغۇدەك خەۋەر بولدى. قارىماققا، بارغانچە كۆپ ئىلمى ژۇرناللار مۇشۇ تەرەپكە قاراپ مىڭىۋاتىدۇ. نەچچە يىل ئالدىدا گېرمانىيەدە نەشىر قىلىنىشقا باشلىغان بايىلشىتايىن تور ژۇرنىلىمۇ (ئورگانىك خىمىيە ۋە نانوتېخنولوگىيەسىگە ئائىت ئىككى نۇسخا http://www.beilstein-institut.de/en/journals/ ) ئوچۇق ژۇرنال سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن ئىدى. بىرىتانىيە دۆلەتلىك فىزىكا ئىنىستىتۇتى ۋە گېرمانىيە فىزىكا جەمئىيتى بىرلىشىپ چىقارغان يىڭى فىزىكا ژۇرنىلىمۇ ئوچۇق ژۇرنال (iopscience.iop.org/)، ھەم تەسىر كۈچى خىلى يۇقۇرى (تەسىر كۈچ كۆرسەتكۈچى 4.2 en:impact factor) ھىسابلىنىدۇ. بۇ خىلدىكى ژۇرناللارنىڭ كۆپيىشى كىشىنى بەكلا خوش قىلىدۇ، بۇ ھەقىقەتەن بىلىم مەنبەلىرىنىڭ ھەقسىز بولۇشى، ئۇچۇرنىڭ ئوچۇق بولۇشىنى تەرغىب قىلىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئۈمىدكە تولغان كەلگۈسى! بۇ كىشىگە بىر ئاز ئوچۇق شىفىرلىق پروگراممىلارنى ۋە تۈرلەرنى ئەسلىتىدۇ. مانا تورنىڭ قۇدرىتى بىلەن بۇ خىلدىكى تۈرلەر تىخىمۇ ياخشى بولۇپ كىتىۋاتىدۇ. ھەتتا دۇنيادىكى ئەڭ باي شەھەرلەرنىڭ بىرى بولغان ميۇنخىن شەھرىمۇ بارلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىسى كومپيۇتېرلىرىغا لىنۇكس سىستىمىسى ئىشلىتىشنى قارار قىلدى.
بۇرۇن مۇشۇ ئوچۇق شىفىرلىق دېتاللارنى قىلۋاتقان پىدائىيلارنىڭ قانداق قىلىپ شۇنداق چوڭ تىپتىكى مۇرەككەپ پروگراممىلارنى بىرلىكتە بارلىققا كەلتۈرۈپ تەرەققى قىلدۇرۇپ تۇرىدۇ دەپ ئويلايتتىم. چۈنكى ھىچكىم ھىچكىمنى كۆرەلمەيدۇ، قاتناشقانلار ناھايتى كۆپ، بىرەر كىم پروگراممىغا كىچىككىنە ئۆزگىرىش قىلسا، قانداق قىلىپ تىز بىلگىلى، ھەم يىڭى ياماقلارنى قانداق قىلىپ ئىلغاپ تاللاش ھەقىقەتەنمۇ باش ئاغرىتىدىغان ئىش. ئەسلى بۇنى گىت ناملىق دېتالدا قىلىدىكەن. بۇ ھىسابتا ”نۇسخا ئۆزگەرتىش/تەھرىرلەش كونترول سىستىمى“ بولۇپ، پۈتۈن ماتېريال مۇقىم ئورۇنغا قويۇلغان بولىدۇ، بۇ سىستېمىنى قوللىنىش ئارقىلىق مۇشۇنداق ئىنتايىن مۇرەككەپ، بىر-بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان ئۇششاق-چۈششەك بۆلەكلەرنىڭ تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشى، تەھرىرلىنىشىنى كونترول قىلغىلى، ھەم ئىش ئۈنۈمىنى ھەسسىلەپ يۇقۇرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. قىززىققۇچىلار مۇناسىۋەتلىك ئۇلىنىشنى كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.
http://git-scm.com/
https://github.com/
ھازىر بەزى كىشىلەر بۇ خىل كونترول سىستىما ئىديىسىنى قانۇن تارماقلىرىغا، سىياسى قارار چىقارغۇچىلارغا ۋە باشقا ساھەلەرگە قوللىنىشنىمۇ تەكىتلەۋاتىدۇ. ئىزدىنىپ بىقىشقا ھەقىقەتەن ئەرزىيدۇ. ئېسىمدە قىلىشىچە بىرلىن ئەركىن ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ مۇشۇنىڭدەك بىر تۈرنى قىلىۋاتىدۇ، يەنى ئۇلار بىر تور بەت قۇرغان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەسلى تەجىربە سانلىق مەلۇماتلىرنى ئورتاقلاشىشقا ئورۇن ھازىرلىغان. ئادەتتە ئىلمى تەتقىقاتلاردا، ژۇرناللاردا ئىلان قىلىنغان ماقالىلەردىكى سانلىق مەلۇماتلار ئاساسەن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن، بەزى قىسىملار قىسقارتىلغان، ياكى ئازايتىلغان بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئەسلىدىكى سانلىق مەلۇماتتا بار بولغان، لىكىن بايقالمىغان ئۇچۇرلار كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە كىرمەيدۇ. سانلىق مەلۇماتنىڭ ئوچۇق بولۇشى، باشقا كىشىلەرنىڭمۇ تەجىربە نەتىجىسىنى مۇلاھىزە قىلىشىغا، پىكىر يۈرگۈزۈشىگە ۋە يىڭى نەرسىلەرنى بايقاپ قىلىشىغا ئاساس يارىتىدۇ دىگەن گەپ.
*مەنبە: ئاچىنۇق
http://www.nature.com/news/open-access-deal-for-particle-physics-1.11468
|
|
|
|
|
|