مەن بۇ يازمىنى بىر قانچە يىل ئىلگىرى بىرسىنىڭ خاتىرسىدىن كۆچۈرۋالغان ئىدىم، بۈگۈن ھەممەيلەننىڭ ئورتاق پايدىلىنىشى ئۈچۈن مۇنبەرگە يوللىدىم،
ھۆرمەتلىك دوسلار، قەدىرلىك ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل قېرىنداشلار:
مەن بۈگۈن ئاتا-ئانامدىن ئايرىلىپ قالغان18 يىلدىن بىرى ئۇلارنى باقالمىغانغا يىگەن پۇشايمان، چەككەن ھەسرەتلىرىمنى ئاتا- ئانامنىڭ مەن ئۈچۈن ئۆتۈلگەن قەدرى-قىممەتلىرىنى ئەسلەپ، ھەر قايسىڭلارنىڭمۇ مەندەك ئازاپلىنىپ، كىچە كۈندۈز ھەسرەت يۇتۇپ، نادامەت ئىلكىدە ئاھ ئۇرۇپ، غېرىپلىق كوچىسىدا ياش تۆكۈپ، مەجنۇنلۇق ھالەتتە ياشىماسلىقىڭلار ئۈچۈن پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ئاتا-ئاناڭلارنىڭ ھاياتلىقىنى غەنىمەت بىلىپ، كىچە-كۈندۈز خىزمەتلىرىگە پىداكارلىق كۆرسىتىپ ئۇلارنى قەدىرلەپ، ھايات چېغىدا ئوبدان بېقىپ، رازىلىغىنى ئېلىپ، ھەسرەت-نادامەتسىز، قايغۇ-ئەلەمسىز، راھەت-پاراغەتلىك تۇرمۇشنىڭ شىرىن لەززىتىنى تېتىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىپ، ئاتا-ئاناڭلارنىڭ سىز-بىزلەرنى بېقىپ ئۆستۈرۈش جەريانىدا سىڭدۈرگەن ئەجرى، تارتقان جاپا، كۆرگەن كۈن، يەتكۈزگەن مىھرى-شەپقەتلىرىنى يېزىپ ھەر قايسىڭلارنىڭ دىققىتىگە سۇندۇم.
كۆردۈم مەن بىر كۈنى بىر قاچقۇن بالىنى،
تاشلاپ كەپتۇ قېرىپ قاتغان ئاتا-ئانىنى،
ئېيتتىم مەن چاقىرىپ ئۇ ئەقلى چالىنى،
كۆرمىدىڭمۇ ئاۋۇ ۋاپادار موزاي-كالىنى،
سەن نىمىشقا تاشلاپ قويدۇڭ ئاتا-ئانىنى؟
سىنى ئاتاڭ يۈدۈپ باقمىغانمۇ؟
ئاناڭنىڭ سۈتى تەنلىرىڭگە ئاقمىغانمۇ؟
بىچارە ئاناڭ كىيىم ياماپ نانلىرىڭنى ياقمىغانمۇ؟
ياكى سىنى ھايۋان تېپىپ، ئاتا-ئاناڭ تاپمىغانمۇ؟
سەن نىمىشقا تاشلاپ كەلدىڭ ئاتا-ئانىنى؟
سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ قىزاردى ئۇنىڭ يۈزى،
تىكىلدى ماڭا ئاستا-ئاستا ھەسرەتلىك كۆزى،
دىدى ئۇ توغرا ئاكا ئۆزلىرىنىڭ سۆزى،
راست مەن ھايۋان ئەمەس ئادەمنىڭ ئۆزى،
شۇنداق قىلىپ باقار بولدى ئاتا-ئانىنى.
بۇ ئىش مىنىڭ قەلبىمدە قوزغىدى ھەۋەس،
ئويلىدىم بۇنداق بالىلار يۇرتتا ئاز ئەمەس،
بىچارە ئاتا-ئانىلار باقسا ئۇنى تەس،
نىمە ئۈچۈن ئالارغا ئۇ بولماس ھەمنەپەس،
يازدىم شۇڭا ھەسرىتى كۆپ ئاتا-ئانىنى.
قەدىردانلىرىم ئويلاپ كۆرۈپ يۈرمەڭ بەس-بەستە،
ئاتا-ئانىڭىزنى بېقىۋېلىڭ ئۆلۈپ كەتمەستە،
بېقىپ سىزنى قاتارغا قوشقان جاپادا تەستە،
ئاتا-ئانىڭىزنىڭ شۇ ئەجرىنى چىڭ تۇتۇڭ ئەستە،
ئۆلۈپ كەتسە تاپالمايدىكەنمىز ئاتا-ئانىنى.
ئاتا-ئانا ھايات چېغىدا كۆڭۈل شاش ئىكەن،
ئۆلۈپ كەتسە دىلىڭ سۇنۇق كۆزۈڭ ياش ئىكەن،
كۈندۈزمۇ كىچە بىلەن ئوپ-ئوخشاش ئىكەن،
باشقىلار ئاتا-ئانىدەك يۇرۇقلۇق بىرەلمەيدىكەن،
قەدرىگە يىتىپ بېقىۋالغىن ئاتا-ئانىنى.
ئاتا-ئانىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا قەدرى يوق ئىكەن،
ئۇلار بولغاچ يۈرەك پۈتۈن، كۆڭۈل توق ئىكەن،
ئۆلۈپ كەتسە ئاتا-ئانىنىڭ قەدرى ئۆتىلىدىكەن،
غېرىپلىق يىتىپ ھەسرەت يېشى تۆكىلىدىكەن،
ھايات چېغىدا بېقىۋالغىن ئاتا-ئانىنى.
ئاتا-ئانا كەتسە قايتا تۈرەلمەيدىكەن،
قېشىمىزدا بالام دەپ بىرگە يۈرەلمەيدىكەن،
مىھرى-شەپقەت ھەم ئىللىقلىق بىرەلمەيدىكەن،
ھاياتلارمۇ قايتا ئۇنى كۆرەلمەيدىكەن،
پۇرسەتنى تۇتۇپ بېقىۋالغىن ئاتا-ئانىنى.
پىشقان قوغۇن ئۈزىلىدىكەن بېغىدىن بىر كۈنى،
تۇغۇلغان جان ئۆلىدىكەن بىر كۈنى،
بۇنى ئويلاپ بېقىۋالسا كىم ئاتا-ئانىنى،
دۇنيا ۋە ئاخىرەتتا شۇ ئالار پايدىنى،
ئەجرىگە لايىق رازى قىلغىن ئاتا-ئانىنى.
ئون ئاي ئون كۈن كۆتەردى سىنى ئاناڭ قوسقىدا،
نەچچە ئۆلۈپ تىرىلدى ئۇ ھەر بىر تۇغۇتىدا،
كۈيۈپ پىشتى بىر ئۆينىڭ ئىسسىق سۇغۇقىدا،
راھەتلىنىپ ياتالمىدى شىرىن ئۇيقىدا،
قەدىرلىگىن شۇ جاپاكەش ئاتا-ئاناڭنى.
قانچىلىغان كىچىلەر ئۆتتى بۈشۈك تەۋرىتىپ،
ئۇيقۇلىرىنى ھارام قىلىپ بىزنى ئىمىتىپ،
ھۆلدە قالسا قۇرۇققا يۆتكەپ ھۆلدە ئۆزى يېتىپ،
كىسەل بولساق ساقايتتى ئۇ تىز داۋالىتىپ،
قەدرىگە يەت باققىن ئاشۇ ئاتا-ئانىنى.
سۆزلىسەم تۈگىمەيدۇ ئۇنىڭ دەردى ئەلىمى،
قاتارغا قوشماق ئاسانمۇ تۆت بەش بالىنى،
ئىگىنگە ئالسا باقماي بولماس ئۇنىڭ گېلىنى،
خەرجىگە بەرسە قاراپ تۇرغان دەپتەر قەلىمى،
قەدرىگە يەت باققىن ئاشۇ ئاتا-ئانىنى،
بالام دەيدۇ يىمەي يىغىدۇ تاپسا بىر تال قەن،
چىكىدۇ جاپا يەيدۇ زاغرا يىمەيدۇ لەغمەن،
بىزنى دەپ ئىسسىق سۇغۇقتا چاپىدۇ كەتمەن،
يوق جاھاندا ئۇنىڭدەك جاپاكەش دەرتمەن،
قەدرىگە يەت باققىن ئاشۇ ئاتا-ئانىنى.
كەيمەيدۇ چىرايلىق كىيىم ئۆينىڭ غېمىنى يەپ،
بىر پۇل تاپس يىغىدۇ ئوغلۇم قىزىم دەپ،
لېكىن بىزلەر ئۇنىڭغا يەتكۈزمەيمىز نەپ،
تىللايمىز تېخى قارغايمىز تىزراق ئۆلسە دەپ،
قەدرىگە يەت بېقىۋالغىن ئاتا-ئانىنى.
تۈگىمەي كەتتى ئۆمرى ئىچىدە ئۇنىڭكى غېمى،
پۈتۈنلەنمەي بىر ئۆينىڭ تەڭلىكى كېمى،
بالام دەپ ئىشلەپ ئۇنىڭ كىسىلدى دېمى،
ئۇرۇقلىدى ئاجىزلىدى جىسمى تىنى،
ئىچىڭ ئاغرىسۇن باققىن سەنمۇ ئاتا-ئانىنى.
چۈنكى بىزنى باقتى چوڭىسا ئەسقاتار دەپ،
ئاق نان تاپسا بىزگە بىرىپ زاغرا نان يەپ،
چەكتى جاپا ئائىلىنىڭ غېمىنى غەملەپ،
چىقىم بولسا ئورنىغا پۇل يەنە دەملەپ،
قەدرىگە يەت باققىن ئاشۇ ئاتا-ئانىنى.
ئۇ بىچارىلەر نان دەپ كەتمەن چاپمىسا تېخى،
ئىگىن ئاياغ خەرجىگە پۇل تاپمىسا تېخى،
ھېرىپ كەلسە قوي-كالىنى باقمىسا تېخى،
گېلىمىزغا ئاش ئىتىپ نان ياقمىسا تېخى،
تەڭلىكى كۆپ باققىن ئاشۇ ئاتا-ئانىنى.
ھالى يوق ئۇنىڭ بالا دەردىدە يۈرىكى قاماپ،
بىرسىمىز كىرگەن خەق ئۇردى دەپ بۇرنىمىز قاناپ،
بىرسى كىرگەن كەكە ئويناپ پۇتىنى چاناپ،
قول تىنمىغان كۈندە بەش ۋاخ ئىگىننى ياماپ،
قەدىرلىگىن شۇ جاپاكەش ئاتا-ئانىنى.
ئاتا-ئانىلار بىزنى دەپ تارتتى كۆپ جاپا،
خزمىتىنى قىل ئال دۇئا، قىلمىغىن خاپا،
رەنجىتمىگىن قاقشاتمىغىن ئەيلىگىن ۋاپا،
ئاتا-ئاناڭ سەن ئۈچۈن گۆھەر بىباھا،
قەدىرلىگىن كىچە كۈندۈز ئاتا-ئانىنى.
ئۆمرى چەكلىك ئاتا-ئاناڭ داۋاملىق يوق،
خىزمەت قىلساڭ ساڭا ھەرگىز زاۋاللىق يوق،
رەنجىتسەڭ ئىككى ئالەمدە ئامانلىق يوق،
ئۆتىسەن پانالانغىدەك سامانلىق يوق،
بېقىۋالغىن ھايات چېغىدا ئاتا-ئانىنى.
قەدىرلىگىن ئاتا-ئاناڭنى رازى قىل ھەر ۋاق،
يوقلا ئۇنى تاپساڭ گەر بىر تال گۇلا قاق،
سىنى بېقىپ مۆكچەيدى ئۇ، ئەمدى سەنمۇ باق،
باقساڭ سىنى بالاڭمۇ باقىدۇ شۇنداق،
بەركەت تاپىسەن قەدىرلىسەڭ ئاتا-ئانىنى.
چۈنكى ئۇلار بالام دەپ يىمەيدۇ ئاق ئاش،
دەريالاردا جان قىيناپ كولايدۇ قاش تاش،
چە بەزىلەر جاڭگال قېزىپ بوپكەتتى ئاق باش،
ئەمما بىز دە يوق ھازىر ئۇنى ئۇلۇغلاش،
قەدرىگە يىتىپ بېقىۋالغىن ئاتا-ئانىنى.
ۋە بەزىلەر كۈچىنى سېتىپ بولدى بىر چاكار،
ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۇ بولماي بىكار،
ئۇمۇ شۇنداق بالا ئۈچۈن بولدى مەدىكار،
ئالقان قاناپ، تاپان يېرىلىپ ھالى بەك ناچار،
ئىچىڭ ئاغرىسۇن ئەمدى باققىن ئاتا-ئانىنى.
يەنە بەزىلەر بالا دەپ كىچە ۋە سەھەر،
ماڭىدۇ سودا قوغلاپ شەھەرمۇ شەھەر،
گاھى ئىسسىق گاھى سۇغۇق كۈنلىرى بەتەر،
جان بىرىدۇ تېخى ئۇ، چىقسا بىر خەتەر،
باققىن ئاشۇ جاپاكەش ئاتا-ئانىنى.
بۇنى يازسام دوسلىرىم تۈرلىرى تولا،
ھەممە كىشىنىڭ قەلبىدە بار ئارزۇلۇق بالا،
شۇڭا ئىشلەپ يىغىدۇ ئۇ ئات-قوي كالا،
دەيدۇ ئۆلسەم پۇل ماللىرىم بالامغا قالا،
قەدرىنى بىل قاقشاتمىغىن ئاتا-ئانىنى.
بار ئۇلارنىڭ كىچە-كۈندۈز بېشىدا غېمى،
ياتالمايدۇ راھەتلىنىپ پۇت سۇنۇپ يېنى،
ئۇنىڭغا بولغان مىھرى شەپقەت بىزلەردە قېنى،
ئويلىمامسەن دوسلۇرۇم نىمىشقا ئۇنى،
قەدىرلىگىن شۇ جاپاكەش ئاتا-ئانىنى.
بىز ئۇلارنىڭ دۇئاسى بىلەن بۈگۈن شۇنداق شاش،
ئاقتۇرمىغىن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئەمدى ياش،
چوڭ بولغۇچە كەتتى ساڭا نەچچە مىڭ جىڭ ئاش،
كىيىم-كىچەك خەرجىگە پۇل ھەققى داۋالاش،
ئويلاپ شۇنى باققىن سەنمۇ ئاتا-ئانىنى.
تەڭدىشى يوق باي بولساڭمۇ خۇدايىم بىرىپ،
ئاتا-ئاناڭنى تاشلىما يوقلىغىن كىلىپ،
سىنى دەپ مۆكچەيدى ئۇ كەتتى قېرىپ،
سەن كۈلۈپ ئاتا-ئاناڭ بولمىسۇن غېرىپ،
بېقىۋالغىن ھايات چېغىدا ئاتا-ئانىنى.
بىچارىلەرنىڭ بالا ئۈچۈن سىنىغان دەزى بار،
تەڭلىكىنى دەپ كىشەلەردىن ئالغان قەرزى بار،
ئۆي غېمىدە بىرەلمەي ئۇنى خەقنىڭ ئەرزى بار،
ئىلاج قانچە ئۇنىڭ دىلدا ئۆچمەس دەردى بار،
قەدىرلىگىن شۇ جاپاكەش ئاتا-ئاناڭنى.
ئاتا-ئانىنىڭ بېشىغا كەلسە كەلگۈلۈك،
بالا قاراپ تۇرماستىن يارى بەرگۈلۈك،
قايغۇرسا تەڭ قايغۇرۇپ، كۈلسە تەڭ كۈلگۈلۈك،
دوستىنى دوست، دۈشمەننى دۈشمەن بىلگۈلۈك،
مانا بۇ قەدىرلىگەنلىك ئاتا-ئانىنى.
خۇدا بەرسە مال دۇنيانى ئوخشاش كۆرگۈلۈك،
زىيانغا يىغلاپ پايدىسىغا كۈيۈپ كۈلگۈلۈك،
ئۇنىڭدا يوق سەندە بولسا دەرھال بەرگۈلۈك،
چۈنكى ئۇلار ئەپ كەتمەيدۇ سىنىڭ مال-مۈلۈك،
خىزمىتىنى قىلىپ رازى قىلغىن ئاتا-ئانىنى.
بار ئىكەن بەزى دوسلار ھايۋاندىن ناچار،
ئۆيگە كىرسە گەر بىر ئۈگەي شالىسىنى چاچار،
كىرىنى تۇتۇپ ئېشىنى ئەتسە خوش بولماي قاچار،
ئەلدى –كەينىدە غەيۋەت قىلىپ ئۇستىخان غاجار،
چۈشەنمەستىن شۇ جاپاكەش ئاتا-ئانىنى.
تۇغۇتىدا ئۆلۈپ كەتتى نۇرغۇن ئانىلار،
ئاتىغىلا قاراشلىق بولۇپ قالدى سەبى بالىلار،
تامىقىنى ئىتىپ كىرىنى يۇدى كىرگىن ئانىلار،
ئۆگەي دەپ دۈشمەن بىلىدى ئەقلى چالىلار،
قەدىرلىمەي تېخى ئۇلار ئاشۇ ئانىنى،
ئاتىسى ئۆلۈپ ئانىسى تەگسە بىر ئەرگە،
نەپرەت ئۇقۇپ ئۇلارنى كۆمىدۇ يەرگە،
ئويلىمايدۇ گۆش، ياغ، ئۇتۇن كەتمەمدۇ ئۆيگە،
ئۈگەي ئاتىمۇ بىر ئۆينى دەپ چۆممەمدۇ تەرگە،
قەدىرلىگىن ئۆگەي دىمەستىن ئاتا-ئانىنى.
ئاتا-ئاناڭنىڭ ئەجرى كۆپ يازسام تۈگىمەس،
پوق سۈيدۈكىڭنى ئادالاپ باقتى سىنى تەس،
ئەمدى باقمىساڭ بولمايدۇ بۇلۇپ ھەمنەپەس،
چۈنكى ئۇ ئاجىزلىدى سەندەك ساق ئەمەس،
بېقىۋالغىن پۇرسەت مۇشۇ ئاتا-ئانىنى.
مەنبە : خاتىرەمدىن