يۈرەك يىغلايدۇ
(ئۇچقۇنى)
چەكسىز كەتكەن قۇملۇقلار ئارا،
ماڭغىنىمدا يۈرەك يىغلايدۇ.
ئەجەپ جەسۇر توغراقلار ،قارا،
باققىنىمدا يۈرەك يىغلايدۇ.
قۇم باغرىدا ياتار ئەپسانە،
ياق-ياق ياتار روھلار مەردانە.
كىرورەنگە بولۇپ ھەيرانە،
بارغىنىمدا يۈرەك يىغلايدۇ.
تەڭرىتاغنىڭ قەددى پۈكۈلگەن،
بۇلۇتلارغا جۇتتا مۈكۈنگەن.
بۇ زىمىنغا قاراپ ئۆكۈنگەن،
ئاسمىنىمغا يۈرەك يىغلايدۇ.
ئىقىپ كەتكەن بەخىتكە ئاتاپ،
ئاقار تارىم ئۆركەشلەر ياساپ.
خىيالىمدا ئۆتمۈشكە قاراپ،
ئاققىنىمدا يۈرەك يىغلايدۇ.
قەشقەر ھېيتكاھ ،قايناق بازاردا،
قەدىمىي ئۆي ئۇلۇغ مازاردا.
يا ئىدىقۇت ئۇدۇن گۇجاندا،
تۇرغىنىمدا يۈرەك يىغلايدۇ.
باغلىرىمغا يۈرەك يىغلايدۇ،
تاغلىرىمغا يۈرەك يىغلايدۇ.
قۇم ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتقان،
چاغلىرىمغا يۈرەك يىغلايدۇ.
ئۇچقۇنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-29 09:13 PM