ئىدۇق بىز ئەركەك!
ئەركەك گويا مىسالدۇر ئەلنىڭ تۈۋرىكى،
ئەل غېمىدە قاينىسا ئۇنىڭ يۈرىكى.
شاتلىق تاپسا ئۆزگىلەر ئۇنىڭ ھارىدىن،
شۇدۇر ئۈمۈت پايانى گۈزەل تىلىكى.
ئوغۇل دىمەك ئەر دىمەك ئەركەك دىمەكتۇر،
ئۇ تۇغۇلسا شاتلىنار كۆمۈك تاشلارمۇ.
ۋىجدان بولسا شىرىكى ئەيمىنەر دۈشمەن،
خېجىل بولۇپ تۆكىلمەس ھەتتا ياشلارمۇ.
غېرىپ قالسا غەم يىمەس ۋىجدان ئاڭا يار،
باتۇرلىقتا يىغلىتار دۈشمەننى زار-زار.
ئۆزى كەيسە رازىدۇر كونا يە جەندە،
مىللىتىدىن ئايىماس شاھانە تاۋار.
قۇملۇق كەزسە پىيادە يول تۈگەپ قالغان،
ئىز چۈشمىگەن چۈللەرگە ئۇلار ئىز سالغان.
بولالمىدۇق قوشاققا قاتقان ئەركەكتەك،
ياكى ئويۇن بەك تولا بىزلەرمۇ ھارغان.
تامام::ئاپىرىن:سەرگەردان