ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تەبىئىي گىرىم بويۇملىرى
ئۇيغۇر ئاياللىرى قەدىمدىن تارتىپ ھۆسىن گۈزەللىككە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن ، شۇنداقلا گۈزەللىك يارىتىش ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئۆز زىمىنىدا ئۆسىدىغان ياكى تېرىلىدىغان سۈنئىي گىرىم بويۇملىرىدىن پەرقلىق بولغان بىر يۈرۈش تەبىئىي گىرىم بويۇملىرىنى شەكىللەندۈرگەن .
ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىشلىتىدىغان تەبىئىي گىرىم بويۇملىرى ئىشلىتىش دائىرىسى جەھەتتىكى چاچ، قاش، قاپاق، مەڭىز، ئېغىزدىن تارتىپ قول پۇتقىچە بولغان كەڭ دائىرىدىكى مۇكەممەللىكىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئىلمىيلىكى ، خىلىنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ .
بۇ گىرىم بويۇملىرىنىڭ كۆپ قىسمى تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئۆسۈملۈك، ھايۋانلاردىن بەزىلىرى مېنىرال ماددىلاردىن بىۋاستە ئېلىنىدۇ . ئۇزۇن يىللىق ئىشلىتىش ئەمەلىيىتى ئۇلارنىڭ ئادەم تېنىگە پايدىلىق ، ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى ، ئەكىس تەسىرىنىڭ يوقلۇقىنى شۇنداقلا بەزىلىرىنىڭ ھەر خىل كىسەللەرنىڭ داۋاسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان . تۆۋەندە بىر قەدەر كەڭ قوللىنىلىدىغان گىرىم بويۇملىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى :
1. يۈز قىسمىغا ئىشلىتىلىدىغان گىرىم بويۇملىرى
1) قاش كۆزگە ئىشلىتىلىدىغان گىرىم بويۇملىرى :
ئوسما - كىرىست گۈللۈك ئۆسۈملۈكلەر ئائىلىسىگە كىرىدىغان ، ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك . ئۇيغۇر ئاياللىرى ئوسما قويۇشقا ئامراق . يازدا ھويلا، باغلىرىدىن ئازراق يەر ئاجرىتىپ ئوسما تېرىيدۇ. ئوسما قۇلاق بولغاندا ئۇنى ئۈزۈۋىلىپ سىقىپ سۈيىنى قاشلىرىغا قويۇۋالىدۇ ، ئوسما ئىچكەن قاش ئەسلىدىكى قاشتىن قارا، ئۇزۇن چىرايلىق بولۇپ ، ھۆسنىگە ھۆسۈن قوشىدۇ . كۆك ئوسمىنى سىقىپ ، سۈيىنى ئۆچكە يېغىغا ئارلاشتۇرۇپ قىشنىڭ تەييارلىقىنىمۇ قىلىۋالىدۇ . بۇ تاش ئوسما دەپ ئاتىلىدۇ . تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە قويغىلى بولىدۇ . ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قارىشىچە ، ئوسما قاشنىڭ ئوزۇقى ۋە ئۇسسۇزلۇقى . ئوسما قويىۋەرسە قاش قارىيىپ ، قويۇقلىشىدۇ.
سۈرمە - بۇ بىرخىل كۈل رەڭ ۋە قارا رەڭدىكى مىتالدەك پارقىراق مىنىرال ماددا بولۇپ شىنجاڭنىڭ كۆپ جايلىرىدىن چىقىدۇ . ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇنى تالقاندەك ئېزىپ پەلكۈچ بىلەن قاپىقىغا ۋە كىرپىكىگە تارتىدۇ . سۈرمە كۆزنى يوغان كۆرسىتىدۇ ھەمدە كۆزنى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ .
ئىگىر - كۆپ يىللىق ، پۇراقلىق ، سۇ ئىچىدە ئۆسىدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك . ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇنى چالا كۆيدۈرۈپ ، قاشلىق ئورنىدا ئىشلىتىدۇ .
ئۇنىڭدىن باشقا قاشنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن قىچىنى ئېزىپ ، ئازراق سۇ بىلەن قاينىتىپ قېشىغا سۈرىدىغان ئادەتمۇ بار .
2)مەڭىز ۋە ئېغىزغا ئىشلىتىلىدىغان گىرىم بويۇملىرى :
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۇپا ، ئەڭلىك ئىشلىتىش تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن .
ئەڭلىك_ ئۇپا ، ئەڭلىك سۆزلىرى"تۈركىي تىللار دىۋانى" دىمۇ بار . ئۇنىڭدا ئەڭلىكنى " خوتۇنلار يۈزىگە سۈرتىدىغان ئاچ قىزىل بوياق" دەپ چۈشەنچە بېرىلگەن . جىن سۈيباۋنىڭ " قەدىمكى ۋە بۈگۈنكىگە ئىزاھات" ناملىق كىتابىنىڭ 2- توپلىمىدا "زاراڭزىنىڭ يوپۇرمىقى چوڭ خوخاتىكەننىڭ يوپۇرمىقىغا ئوخشايدۇ ، گۈلى مامكاپنىڭكىگە ئوخشايدۇ ، غەرىپتىن چىقىدۇ . يەرلىكلەر ئۇنى بوياق ئورنىدا ئىشلىتىدۇ ، ئۇنى ئەڭلىك قىلغىلىمۇ بولىدۇ " دەپ خاتىرىلىگەن ...
ئۇيغۇرلار يەنە بەزىدە ئالۇچا بىلەن قىزىلگۈلنى ئارلاشتۇرۇپ ئۇنىڭ سۈيىنى ئەڭلىك ۋە گىرىم بويۇمى ئورنىدا ئىشلىتىدۇ .
قېتىق - ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئىچىملىك تۈرى . يېزا ئاياللىرى ئىشقا چىقىدىغان چاغدا يۈزىگە كۆپىنچە قېتىق سۈرىۋالىدۇ . قېتىق تىرىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ ، ئاقارتىدۇ ، ئاپتاپتا كۆيۈپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . ئىسسىق ئۆتۈپ كىتىشتىن ساقلايدۇ .
ئۇيغۇر ئاياللىرى پىششىق پىشقان تاتلىق قوغۇننىڭ سۈيىنى يۈزىگە سۈرىدۇ . بۇنى ئۈزۈلدۈرمەي سۈركەپ بەرسە يۈزنى سىلىقلاشتۇرۇپ ، پارقىرىتىپ ، قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، دەپ قارايدۇ . تەرخەمەكنىڭ پوستىنى قورۇق چۈشكەن يەرگە سۈركەپ بەرسە ، قورۇقنى ئازايتىش رولىنى ئوينايدۇ .
2. چاچ ئاسراش بويۇملىرى :
ئۇيغۇر ئاياللىرى چېچىنىڭ كۆپلۈكى ۋە ئۇزۇنلۇقى بىلەن پەخىرلىنىدۇ . ئۇلار چاچلىرىنى ئاسراش ئەمەلىيىتى داۋامىدا نۇرغۇن چاچ ئاسراش ۋە كۆركەملەشتۈرۈش بويۇملىرىنى ياراتقان .
يىلىم _ ئۇيغۇر ئاياللىرى يېلىمنى چاچنىڭ ئوزۇقى دەپ قارايدۇ ، جىگدە يىلىمىنى سۇغا چىلاپ چىچىغا چاپىدۇ . چاچقا داۋاملىق يىلىم چېپىپ بەرسە ئۆرۈلگەن چاچنىڭ رەتلىكلىكىنى ساقلاپلا قالماي ،يەنە چاچنىڭ چۈشۈپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، يىزا ئاياللىرىنىڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە چىچىدىن يىلىم ئايرىمايدۇ . شۇڭا ئۇلارنىڭ چېچى ناھايىتى توم ۋە ئۇزۇن بولۇپ ، بەزىلىرىنىڭ تېقىمىدىن ئاشىدۇ.
ياغلىقارا _ بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ياغلىساڭ قارا بولىدۇ دېگەنلىكتۇر.
ئاياللار بادام مېغىزى ۋە شاپتۇل مېغىزىنى كۆيدۈرۈپ مېيىنى چاچ يىلتىزى ، چاچ ۋە قاشقا سۈركەيدۇ . بۇ ياغلىقارا دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇ چاچنى قارايتىدۇ چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە پارقىرىتىدۇ .
سىيادان _ سىيادان شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتى . ئۇيغۇر ئاياللىرى چېچىنى قارايتىش، چاچ چىقىرىش ئۈچۈن چاچ يىلتىزىغا سىيادان مىيى سۈركەيدۇ ، چاچنى تۇخۇمنىڭ ئېقى بىلەن يۇيۇپ ئاندىن سىيادان مېيى سۈركىسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ .
قارىمۇچ ۋە پىياز _ ئۇيغۇرلار قارىمۇچ ۋە پىيازدىن ئايرىلالمايدۇ . ئۇيغۇر ئاياللىرى قارىمۇچ بىلەن پىيازنى قاينىتىپ چاچنى يۇسا چاچ ئىتتىك ئۆسىدۇ دەپ قارايدۇ .
3. باشقا ئەزالارغا ئىشلىتىدىغان بويۇملار:
1) تەنگە ئىشلىتىدىغان خۇش پۇراق بويۇملار
ئىپار - ئەركەك ئىپار كىيىكنىڭ كنىدىكىنىڭ تۆۋەنرەك تەرىپىدىكى ئىپار خالتىسىدىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان ناھايىتى خۇش پۇراق سۇيۇقلۇق.
ئۇيغۇر ئاياللىرى يەنە سەنەل ، زەپەر ، ئەنبەر، پىلپىل ، لاچىندانە قاتارلىقلانىمۇ پۇراقلىق بويۇم ئورنىدا ئىشلەتكەن .
2) قولنى گۈزەللەشتۈرۈش بويۇمى
ئۇيغۇر ئاياللىرى قول پۇتلىرىنىڭ گۈزەللىكىگىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن . ئۇلار يازنىڭ كۈنلىرى قولىغا (پۇتىغا) خىنا قويىدۇ . خېنا بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ ئۇنى يۇمشاق چاناپ ، ئازراق زەمچە قوشۇپ ، قولىغا، پۇتىغا ياقسا ئىچىدۇ . ئىچكەن يەر قىزىل ياكى ھال رەڭگە كىرىدۇ ۋە ئۇزاققىچە ساقلىنىپ تۇرىدۇ خېنا قويسا قول ناھايىتى چىرايلىق كۆرۈنىدۇ ، شۇنداقلا ئۇيەنە قول - پۇت تەرلەپ ، يېرىلىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن تەبىئىي گىرىم بويۇملىرى ھەم ئەمەلى ئىشلىتىش قىممىتىگە ئىگە ھەم گۈزەللىك قىممىتىگە ئىگە بولۇپ ، ئۇ ھازىرقى زامان خىمىيىۋى گىرىم بويۇملىرىغا قارىغاندا كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە . ئۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىستېتىك قارىشىنىڭ ۋە ئەقىل پاراسىتىنىڭ نامايەندىسىدۇر .
مەنبە : قىز ئاياللار مەخپىيىتى (كىتاب)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-29 07:09 PM