چىڭغىز ئايىتماتوۋنىڭ يېڭى رومانى تېپىلدى
ئەدىبنىڭ قىزى شىرىن ئايىتماتوۋا بۇيىل ئىيۇن ئېيىدا دادىسىنىڭ ئىجادىيەت ئارخىپىدىن سارغىيىپ كەتكەن بىر رومان قوليازمىسىنى تاپقانلىقىنى ئېلان قىلدى.ئايىتماتوۋنىڭ بۈگۈنگىچە ئېلان قىلىنمىغان بۇ ئەسىرىدە؛«1940-يىلى باشلىنىپ،ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەز گىلىدە ئېلىپ بېرىلغان زور سۇئىنشائاتى قۇرۇلىشى چۇي قانىلى قۇرۇلىشىغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ۋەقەلەر ھېكايە قىلىنغان.كىتابنىڭ بىر نەچچە باپى كەمتۈكتەك قىلسىمۇ، لېكىن تېكىست%99ساقلاپ قېلىنغان. رومانغا «ئەر ۋە فلېيتا»دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بولۇپ، سوتسىيا لىستىك رىئالىزىم ئۇسلۇبىدا يېزىلغان بۇ تارىخىي ئەسەر زور چۇي قانىلى قۇرۇلىشى ئېلىپ بېرىلغان يىللارىدىن ھېكايە قىلىدۇ.شۇ بىلەن بىرگە روماندا ئىشىق- مۇھەببەت مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ناھايىتى ئوچۇق-ئاشكارە ھېكايە قىلىنىدۇ» ،-دەيدۇ.ئەدىبنىڭ قىزى شىرىن ئايتماتوۋا.
قىرغىزىستان تارىخىدا ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ چوڭ چۇي قانىلى قۇرۇ لىشىغا بۈگۈنكى بىشكەكنىڭ 40 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىسى قاتناشقان. روماننىڭ قاچان يېزىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. شىرىن ئايتماتوۋا بۇ ئەسەرنى دادىسىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرنىڭ ئاخىرىدا يازغان بولۇشى مۇمكىنلىگىنى تەخمىن قىلىدۇ.
بۇ رومان نېمە ئۈچۈن ئۆز ۋاقىتىدا نەشىر قىلىنماي قالغان؟ ئەدىبنىڭ قىزى شىرىن ئاتماتوۋا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:-ئۇ چاغدا كوممۇنىستىك سىنزۇرا (تەكشۈرۈش)بار ئىدى.ئەمما بۇ روماندا سۆيگۈ-مۇھەببەت ھەققىدە ئىنتايىن ئاشكارە يېزىلغان،ئەنەن شۇنىڭ ئۈچۈن دادام بۇ روماننى نەشر قىلدۇرۇشقا پېتىنا لمىغان بولسا كېرەك».
ھازىر چىڭغز ئايتماتوۋنىڭ دوستلىرى«ئەر ۋە فلېيتا»ناملىق بۇ رومانىنى نەشر گە تەييارلاشماقتا.«كېلەر يىلى بۇ ئەسەر رۇس،ئاندىن كېيىن ئېنگىلىز تىللىرىدا نەشرقىلىنىپ،ئوقۇرمەنلەرگە دەقدىم قىلىنىشى مۇمكىن»،-دەيدۇ شىرىن ئايتما توۋا.
كۆپچىلىككە مەلۇمكى،دۇنيا ئەدەبىياتىدا بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان يازغۇچى چىڭغز ئايتماتوۋ 2008-يىلى گېرمانىيەنىڭ نيۇرنبېرگ شەھىرىدىكى دۇختۇرخا نىدا 79يېشىدا ۋاپات بولغان.ئۇ ئۆزىنىڭ«ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن»،«ئاق پاراخوت»،«قىيامەت»ۋە«ئالا ئىت قىياسى»،«كاساندارا بەلگىسى»،«تاغلار غولىغاندا»،«جەمىلە»،«يەر ئانا»،«بىرىنچى مۇئەللىم»،«سەۋرى قامەتلىك دىلبىرىم»قاتارلىق رومان،پوۋېستلىرى.«ئۇنتىمايمەن گۈلسارە»(بۇئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرتىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنغان)قاتارلىق ھېكايىلەر توپلاملىرى ۋە «قىيادىكى ئوۋچىنىڭ نالەزارى»غا ئوخشاش تەلقىنلىرى (سۆھبەتلىرى) شۇندا قلا،كۆپلىگەن نۇتۇق ۋە ماقالىلىرى بىلەن دۇنيا كىتابخانلىرى قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.
چىڭغز ئايتماتوۋنىڭ قىزى شىرىن ئايتماتوۋا باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈر گىچە ئامېرىكىدا ئوقۇغان.2006-يىلى ۋەتىنى قىرغىزىستانغا قايتىپ كەلگەن.ئۇ ھازىر قىرغىزىستاندىكى مەركىزى ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىدا دۇنيا ئەدەبىياتىدىن دەرس بېرىدۇ.ئۇ يەنە«خەلقارا چىڭغىز ئايتماتوۋ فوندجەمئىيىتى» نىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە.
مەنبە : يازغۇچىلار تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-29 11:47 PM