مۇئەللىم دەپ ئۆتۈپ كەت پەقەت
ئابدۇغېنى ساۋۇت ئاچارى
قوي مېنىڭدىن سورىما سەۋدا،
بىتاقەتمۇ بولمىغىن ھېچ ۋاخ.
مۇئەللىم دەپ ئۆتۈپ كەت مەيلى،
خۇمارىڭغا بولۇپ ئەركىن شاھ.
ئويلىغىنىڭ ئورۇنلۇق ئەمما،
ھەسرىتىمگە ئۇلىما يۈرەك.
چاقچىقى بار ھاياتنىڭ تالاي،
جاۋاپ كۈتەر شۇنداق بۇ پەلەك.
دېيەلەيمەن نېمىمۇ ساڭا،
مۇئەللىم دەپ ئۆتۈپ كەت پەقەت.
بىز ياشايمىز زادى كىمنى دەپ،
گۇناھلاردىن ئېچىپ يېڭى بەت.
بىز ئىزدەيمىز پەقەت بىزنىلا،
ئۆزىمىزگە يېزىپ بىر تەقدىر.
سۆھبىتىگە كەلسەك كۆڭۈلنىڭ،
مەن سۆيگۈدىن تۇغۇلغان شائىر.
1999-يىل 25-مارت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاچارى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-29 05:02 PM