ئايالسىز بايلىق ئەرزىمەستۇر
ئەر كىشىدىكى غايەت زور ئېنىرگىيە ئايال زاتىغا ئىرشىشكە بولغان ئىنتىلىشتىن كېلىدۇ ! ھەتتا بەدىۋىلىك دەۋرىدىكى ئوۋچىلارمۇ ئايال زاتىنى مەپتۇن قىلىش ئۈچۈن جاسارەت كۆرسىتەتتى .
ئەر كىشىلەرنىڭ بۇ خارەكتىرى ھازىرغىچە ئۆزگەرگىنى يوق . ھالا بۈگۈنكى كۈندىكى ‹‹ ئوۋچى ›› لار ئاياللارنىڭ مايىللقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىلگىرىكىدەك ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرىنى ئەمەس ، بەلكى ئېسىل كىيىم - كېچەك ، ماشىنا ۋە مال -دۇنيالارنى تەق قىلىدۇ .ھازىرقى زامان ئەرلىرىنىڭ ئايال زاتىغا ئىرىشىشكە بولغان ئىنيتىلىشى بەدىۋىلىك دەۋرىدىن ئۆزگەرگىنى يوق .ئۆزگەرگىنى پەقەتلا ئايال زاتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇسۇلى . خالاس .
دىمەك ، ئەرلەر ئاساسلىقى يەنىلا ئايال زاتىغا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن زور بايلىق توپلايدۇ ، نوپۇز ۋە ئابروي تىكلەيدۇ ، چىن مۇھەببەت بىرەلىگەن ئايال زاتىدىن ئايرىلىپ قالغان زور كۆپ ساندىكى ئەرلەر ئۈچۈن ئېيتاندا ، بايلىقنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ .
ئايال كىشىنىڭ ئەرنى ‹‹ ئەر قىلىش ›› ياكا ‹‹ يەر قىلىش ››ئىقتىدارى ، ئەر كىشىنىڭ ئايال زاتىغا بولغان تۇغما ئىنتىلىشىدىن كېلىدۇ . ئەر كىشىنىڭ ماھىيىتىنى بىلگەن ۋە ئۇنىڭ ھاجىتىگە دانالىق بىلەن ماسلىشالىغان ئايال كىشى ، ئېرىنى باشقا ئاياللارنىڭ تارتىپ كېتىشىدىن ئەنسىرمىسىمۇ بولۇدۇ .
ئەر كىشىلەر باشقا ئەرلەر بىلەن باردى - كەلدى قىلغان چېغىدا ، قەيسەر ئىرادىلىك ‹‹گىگانىت ›› ئادەم قىياپىتىنى نامايەن قىلىدۇ . بىراق ، چىن دىلىدىن خالىغان ئايال زاتى ئالدىدا ئەكسىچە مۆمىن قوزىغا ئايلىنىدۇ .
ئادەتتە ئەركەك جىنىسلىقلار ، شەيئىلەر ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئەڭ كۈشلۈك ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىشقا ئىنتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ، نۇرغۇن ئەرلەرمۇ ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئايال زاتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايدۇ . شۇڭا ، ئاقىل ئاياللارمۇ ئەرلەرنىڭ بۇ خخل جاسارىتىنى ئېتىراپ قىلىپ ، ئەرلەر بىلەن بۇ ھەقتە تالىشىپ يۈرمەيدۇ .
ھەرقانداق ئادەم بايلىققا ئىنتىلىشكە ھوقۇقلۇق ، كۆپ ساندىكى كىشىلەر بايلىققا ئېرشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ .بىراق ، ئېنىق پىلان بىلەن بايلىققا بولغان كۈشلۈك ئىنتىلىشىنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ بايلىق توپلاشنىڭ بىردىنبىر ئىشەنچىلىك يولى ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلار ناھايىتىمۇ ئاز .
مۇۋەپپەقىيەت شوتىسىنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى بالدىقىدا مەڭگۈ قىستاڭچىلىق بولمايدۇ .
مەنبە : ‹‹ بالدۇر بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار (5) ›› ناملىق كىتاب 153 - بەت .