مۇسۇلمانچە تاياق
بىر كۈنى بوغالتىر كەلگۈندىنىڭ بىر ھاجىمنى ئۇرۇۋاتقاننىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ قاپتۇ-دە، ئاچچىقى كېلىپ كەلگۈندىگە ۋاقىراپتۇ :
- كىمنى ئۇرۇۋاتقانلىقىڭنى بىلەمسەن؟
- توكتىن چىققان ھاجىمنى.
-ھەرقانچە بولسا ھاجىمنى ئۇرغىنىڭ نېمىسى؟
- تاھارەت ئېلىپ ئۇردۇمغۇ؟
بوغالتىر بىلەن كەلگۈندى كېچىدە بىر زاۋۇتنىڭ ئىسكىلاتىغا ئوغرىلىققا كىرىپ نۇرغۇن بىخەتەرلىك ساندۇقى بارلىقىنى كۆرۈپتۇ .
بوغالتىر چەكسىز خوشال ھالدا قوللىرىنى ئۇۋىلاپ :
_بۇرادەر ، قالتىس جاينى تېپىپسەن ،ئەمدى باي بولۇپ كېتىدىغان بولدۇق ،_دەپتۇ-دە،قوراللىرىنى چىقىرىپ بىخەتەرلىك ساندۇقىنى ئېچىپتۇ.لىكىن ھەيران قالارلىقى شۇكى ،ئۇلار جاپا تارتىپ ئاچقان بىخەتەرلىك ساندۇقىنىڭ ھەممىسى قۇپقۇرۇق ئىكەن .
بوغالتىر جىددىيلىشىپ كەلگۈندىدىن سوراپتۇ :
_بۇرادەر ، بۇ زادى قانداق زاۋۇت؟
_ھە ، راست ، بۇ بىخەتەرلىك ساندۇقى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت
كۆڭۈل:
يولداش مەن ۋىتامىن b2ئالماقچىدىم سىز ماڭا ۋىتامىن b1 بېرىپسىز .
ۋىتامىن b1 دىن ئىككى تال يىسىڭىز ۋىتامىن b2 بولمامدۇ
دورا دۇكىنىنىڭ مارشال ئىقبال دورا سېتىۋاتسا،ئۇنىڭ تاغاردەك سەمىرىپ كەتكەن ئايالى سۈمەييە تېلىفون قىلىپ:
-ھازىر قېشىڭغا بارىمەن،-دەپتۇ.بۇ گەپنى ئاڭلىغان مارشال جىددىيلىشىپ:
- ھەرگىز كەلمەڭ، بولۇپمۇ ھازىرقى ۋاقىتتا ھەرگىز كەلمەڭ،- دەپتۇ.بۇ گەپنى ئاڭلىغان سۈمەييە ئاچچىقى كېلىپ:
- ھە نېمە، قارىغاندا دۇكىنىڭغا ياش ھەم چىرايلىق دورا ساتقۇچىدىن بىرنى ئەكەلگەن ئوخشىمامسەن؟- دەپتۇ.
- ياق، ھازىر سىزگە ئوخشاش سەمىرىپ كەتكەن ئەسلىمە ئىسىملىك بىر ئايال خېرىدار مەندىن ئورۇقلىتىش دورىسى ئېلىۋاتىدۇ،ئۇ سىزنىڭ مۇشۇ ئەپتىڭىزنى كۆرسە ،يەنە مەندىن قورقماي تۇرۇپ ئورۇقلىتىش دورىسى سېتىۋالارمۇ؟- دەپتۇ مارشال.
مىسرانىم قازى بولۇپ يۈرگەن كۈنلەردە ئاخسى يىگىت نىڭ جۈرئىتىنى سىناپ باقماقچى بولۇپ :
_ئاخسا يىگىتنى نى دارغا ئېسىڭلار ! دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ . ياساۋۇللار ئاخسىا يىگىت نى باغلاپ دار ئالدىغا ئەكەپتۇ .مىسرانىم :
_بۇ سېنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىڭ ، قېنى ، نېمە ئۆتۈنۈشۈڭ بار ؟_دەپ سوراپتۇ .
_بوينۇمغا بىرەر نەرسە تەگسە غىدىقىم كېلىدۇ ، شۇڭا دارغا بېلىمدىن ئاسسا دەيمەن ،_دەپتۇ ئاخسا يىگىت .
غازىباي بىلەن ئاخسا يىگىت ئىككىسى شاھمات ئويناۋېتىپ تۇيۇقسىز غازىباي نىڭ قولىرى بوشاپ چىرايى تاتىرىپ كېتىپتۇ ۋە ئاخسا يىگىتكە :
- ھەي ئاغىينە ،مەن پالەچ بولۇپ قالغان ئوخشايمەن، -دەپتۇ.
-قانداقسىگە؟ بىر ئوبدان تۇرمامسەن مانا،- دەپتۇ ئاخسا يىگىت .
- ئەمسە مەن ئوڭ پۇتۇمنى چىمدىسام ھېچقانداق سېزىم بولمىدىغۇ؟- دەپتۇ غازىباي.
-ئەلۋەتتە سېزىم بولمايدۇ -دە،سېنىڭ چىمدىغىنىڭ مېنىڭ پۇتۇم تۇرسا، -دەپتۇ ئاخسا يىگىت.
كەتمەن يېرىم كېچىدە تازا مەس ھالدا يولدا كېتىۋاتسا ساقچى توسۇپ سوراپتۇ :
- نەگە ماڭدىڭ ؟
- ھاراق ئىچىشنىڭ زىيىنى توغرىسىدا لېكسىيە ئاڭلىغىلى ماڭدىم .
- بۇ يېرىم كېچىدە كىم ئۇ لېكسىيە سۆزلەيدىغان ؟
- خوتۇنۇم
بوي ئىگىزلىكى بىر مېتىر 58 سانتىمېتىر،ئېغىرلىقى 86 كىلوگىرام كېلىدىغان رىزىۋانگۈل0995 دېرىكتور ئازاپ ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرخانىغا كېسىلىنى كۆرسەتكىلى كەپتۇ،دوختۇر ئۈچ ئۇنىڭدىن ئېغىرلىقى، بوي ئىگىزلىكى قاتارلىقلارنى سورىسا ئۇ ھېچ ئويلىمايلا:
- ئېگىزلىكىم بىر مېتىر 68 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقىم ئەللىك كىلوگىرام ، -دەپتۇ.بۇ گەپنى ئاڭلىغان دوختۇر ئۈچنىڭ ئازاپقا قاراپ ھەيرانلىقتىن ئاغزى ئېچىلىپلا قاپتۇ.
بۇ ۋاقىتتا رىزىۋانگۈل0995نىڭ ئەر كاتىبى بوغالتىر دەرھال رىزىۋانگۈل0995غا ئەسكەرتىپ:
- دېرىكتور، سىز ھازىر تورغا چىقمىدىڭىز، بەلكىم كېسەل كۆرسىتىۋاتىسىز، -دەپتۇ.
مۇنبەرنىڭ يازغۇچىسى زامانى مۇنداق دەيدۇ :
- كىچىك ۋاقتىمدا يالغان سۆزلىسەم ، باشقىلار مىنى ئالدامچى دەيتتى ، ھازىر بولسا مىنى يازغۇچى دەيدۇ
سۈمەييەنىڭ ھاممىسى 10 يۈەن بېرىپتىكەن ،سۈمەييە گەپ قىلمايلا پۇلنى يانچۇقىغا ساپتۇ.بۇنى كۆرگەن ئانىسى شۇنداق دەپتۇ:
-سۈمەييە ،ھامماڭغا نېمە دېيىشىڭ كېرەك؟
سۈمەييە جاۋاپ بەرمەپتۇ.
ئاپىسى ئۇنىڭ ئېسىگە سالماقچى بوپتۇ:
-داداڭ ماڭا پۇل بەرگەندە ،مەن نېمە دەيتتىم؟
شۇ ئەسنادا ،سۈمەييە «ھەممىسى مۇشۇلىما ؟»دېگىنىچە ھاممىسىغا ئېتىلىپتۇ
بوغالتىر نىڭ مىجەزى يوق بولۇپ قېلىپ،دوختۇرخانىغا كۆرۈنگىلى بارسا، دوختۇر ئۇنى رېنتگىنگە سېلىپ تەكشۈرمەكچى بوپتۇ ۋە تازا ئەستايىدىل تەكشۈرىۋاتقاندا تۇيۇقسىز توك كېتىپ قاپتۇ، مۆرىسىنى چىقىرىپ :
-كەچۈرۈڭ،بىخەتەرلىك سىمى ئۈزۈلگەن ئوخشايدۇ،ئەتە كەلگەن بولسىڭىز ،-دەپتۇ.
بوغالتىر ئۆيىگە سۇلغۇن ھالدا قايتىپ كەپتۇ،ئايالى ئۇنىڭدىن قانداق بولغانلىقىنى سورىغان ئىكەن ، :
-دوختۇر مېنى بىخەتەرلىك سىمىڭىز ئۈزۈلۈپ كېتىپتۇ دەيدۇ،-دەپتۇ.
ئاخسا يىگىت تىت- تىت بولغان ھالدا ماگزىنغا كىردى-دە،مال ساتقۇچىغا مۇنداق دېدى:
-بۇرادەر ،ئاۋۇ قىممەت باھالىق پەلتونى بەش-ئون مىنۇت پوكەي ئىچىگە تىقىپ قويغان بولسىڭىز ،
مال ساتقۇچى :نىمىشقا ؟
ئاخسا يىگىت: قىز دوستۇم بىر ئازدىن كىيىن پەلتو سېتىۋالغىلى كەلمەكچى ئىدى .
ساقچى : سەن نېمىشقا ھەر كۈنى يېرىم كېچىدە كىشلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ قۇلۇپىغا ئاچقۇچ سېلىپ يۈرۈيسەن ؟
كەلگۈندى : مەن بىر ئاچقۇچ تېپىۋالغانىدىم ، لېكىن بۇ ئاچقۇچ زادى قايسى ئۆينىڭ ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم، شۇڭا مەن ئاچقۇچنى ئېگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ، ھەربىر ئۆينىڭ قۇلۇپىغا بىر - بىرلەپ سېلىپ بېقىۋاتىمەن .
بوغالتىر خوتۇنىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ، ئۇنىڭغا ئەرزان باھالىق كىيىم ئېلىپ سوۋغا قىپتۇ . بىر ئايدىن كىيىن كەچلىك تاماق ۋاقتىدا بۇ ئىش بوغالتىرنىڭ ئېسىگە كىلىپ خوتۇنىدىن سوراپتۇ :
_ سىزگە ئېلىپ بەرگەن كىيىم چىرايلىقمىكەن ؟
خوتۇنى تاماق ئۈستىلىنى ئالدىراش يىغىشتۇرىۋاتقاچقا بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي :
_ بەك يارىشىملىقكەن ، تۆت بالىمىزنىڭ ھەممىسى يارىشىملىقكەن دەيدۇ ،_دەپتۇ.
بوغالتىر :
_قانداق؟ كۆزۈم مال تونۇمدىكەن ؟ مەن بۇرۇنلا ئۇنى سىزگە ياخشى كىيىم دىمىگەنمىدىم ؟
_ئۇنى بىلمىدىم ،_دېدى خوتۇنى ئاچچىق كۈلۈپ ،_ بۇ كىيىمنى ھەر يۇسام بىر قىسقىرايدىكەن ، بىزنىڭ تۆتلا بالىمىز بار ، يەنە يۇيۇشتىن قورقىۋاتىمەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زاغرا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-29 08:25 PM