  | 
					  | 
					  | 
					 
					  | 
					          2012-يىللىق جۇڭگو ب دەرىجىلىك بىرلەشمىنىڭ شىمالىي رايۇن ۋە جەنۇبىي رايۇن  24-ئايلانمىسى تۈنۈگۈن ھەممىسى ئوينىلىپ بولدى ، بىزنىڭ شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى بىزنى غايىۋى دۇنيادىن رىئاللىققا ئېلىپ كەلدى .....  
28-چىسلادىكى ئەڭ ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىگە زور ئۈمىد باغلاپ ئولتۇرغاندا ، خېبىي كوماندىسى بىر مەيدان تۇلۇقلىما مۇسابىقىدە تىيەنجىننى ئۇتۇپ ، ئومۇمىي نۇمۇرنى 42 نۇمۇر قىلىپ ، 38 نۇمۇردا تۇرغان شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسىغا قەتئى ئۈمىد بەرمىدى ، شۇنىڭ بىلەن 28-سىنتەبىردىكى شاڭخەي بىلەن بولغان مۇسابىقە ئىككىلا تەرەپ ئۈچۈن دوستانە مۇسابىقىگە ئايلىنىپ قالدى ، شۇنداقتىمۇ شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن شاڭخەي جۇڭباڭ كوماندىسىنى يىڭىپ ئۇمۇمىي نۇمۇرنى 41 قىلىپ ، بۇ بىرلەشمىدە شەرەپلىك ھالدا بەشىنجى بولۇپ ، بىزنى بەك ئۈمىدسىزلەندۈرمەي ، پۇتبۇل جەمئىيىتىنىمۇ رازى قىلغان ئاساستا 2012-يىللىق ب دەرىجىلىك بىرلەشمىنى « مۇۋاپىقىيەتلىك» ئاياقلاشتۇردى ، كىلەر يىلى جۇڭگو مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنى بولغاچقا ، ئەسلى قائىدە بويىچە كىلەر يىلى شىنجاڭ كوماندىسى بىرلەشمە مۇسابىقە ئوينىمايدۇ ، شۇنداق قىلىپ 2-3 يىلغىچە يەنە شىنجاڭغا ۋاكالىتەن بىرلەشمە ئوينايدىغان كوماندا يوق ھالەتتە ئۆتۈپ قىلىشىمىز مۈمكىن .  
بۇ يىللىق بىرلەشمىدە شىمالىي رايۇن ۋە جەنۇبىي رايۇندىن تۆتتىن كوماندا چىقىپ ھەل قىلغۇچ ئايلانما مۇسابىقە ئوينايدۇ .  
 
2012-يىللىق جۇڭگو ب دەرىجىلىك بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەرىجىسى :  
 
شىمالىي رايۇن :  
 
1.خېبىي جۇڭجى    59نۇمۇر  
2.چىڭخەي سىنكى  52نۇمۇر  
3.بىيجىڭ يىتۇڭ     50نۇمۇر  
4.شەنشى لاۋچىنگىن  42نۇمۇر  
-----------------------------------------------  
شىنجاڭ تاشئالما  41نۇمۇر  
شاڭخەي جۇڭباڭ 40 نۇمۇر  
 
 
جەنۇبىي رايۇن :  
 
1.گۇڭجۇ جىچىڭ      54نۇمۇر (ئىلھامنىڭ كوماندىسى )  
2.شىنجىن فىڭپىڭ    47نۇمۇر  
3.كۈنمىڭ رۇيلۇڭ    46نۇمۇر  
4.خۇبىي كۇكەيئىر   44نۇمۇر  مەنبە:ھۇررا پۇتبول كۇلۇب تورى http://www.urraclub.com/bbs/read.php?tid=8180  |   
  | 
					  | 
					 
					  | 
					  | 
					  |  
  |