ھەسەتخورلۇق!
تاڭ سەھەردە بۇلبۇللار سايرىغاندا،
خۇشپۇراقلار ئالەمگە تارالغاندا.
يورغىلاپ يۈرەتتى شەيتان لەھىن،
كۈڭۈللەر ھارامدىن قاچمىغاندا.
كىرۋالدى قان-قېنغا يۈرەكلەرگە،
ئاداۋەتنىڭ پۇچەك ئاشۇ ئۇرۇغلىرى.
كىرەك قىلماس قەۋىم نىمە ئۇرۇق تۇققان،
شەيتان لەھىن قول چۇماقچى قەۋىملىرى.
كىچىللىرى ئۇخلىيالماي تىتىلدايدۇ،
پۇت-قوللىرى بىھۇدىلا سوكۇلدايدۇ.
چېقىش ئۈچۈن قېرىنداشنى-قېرنداشقا،
شەيتان لەھىن قۇلاقلارغا كوتۇلدايدۇ.
قېرىنداشنىڭ ئارىسىغا پۇل ئۇندۇرەر،
مىھرى-شەپقەت باپلىرىنى ھەم ئۈچۈرەر.
ياخشى خوشنا بۇلۇپ قالسا ھەم كۈچۈرەر.
كىبىرلىكتىن ياخشىلىق ھەم ئۈچۈرلەر.
خىزمەداشلار ئارىسىغا قىچا چېچېپ،
بىر-بىرنى بىر-بىرگە تازا چېقىپ.
نىمە پايدا بىرەر ساڭا شەيتان لەھىن،
دەۋزاخ ساڭا بىرىلىدۇ بۇنى بىلگىن.
ھەسەتخورنىڭ كىسىلى بار يۈرىكىدە،
تاشلاپ قويغىن ئۇنى ئاشۇ يەرلىكىدە.
ھەسەت قىلىپ زىمىنلارغا ئوت قويمىغىن،
سۇراق باردۇر ساڭا بىر كۇن بۇنى ئويلىغىن.
ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغا چاغلىرىدا،
شەيتان لەھىن ئويناپ يۈرەر باغلىرىدا.
پانا تىلىسەڭ دەۋزىخىنىڭ شەھرىدىن،
تاشلاپ قاچار يەجۇجىنىڭ تاغلىرىغا.
ئاڭلا دوستۇم ھەسەت قىلما بىراۋلارغا،
كۈڭلى قارا قاتناشمىغىن تىرورلارغا.
كۆڭلۈڭ بولسۇن دېڭىز كەبى كۈۋەجىگەن،
مىھىر بەرگىن سەن سۆيمىگەن ئاۋاملارغا.
ئوسمانجان مۇھەممەد ئورخۇن ئوغلى،شەھىرى قەشقەر.
-2012يىلى29 -سىنتەبىر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-29 02:59 PM