ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور ئەھلى! ھازىر يەكەن ناھىيىسىدە يەكەن خاندانلىقىنى چۆرىدىگەن ئاساستا يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان خان ئوردا قۇرۇلۇشىنىڭ نەق مەيداندا تارتقان سۈرىتىنى يوللاپ قويدۇم. بۇ قۇرۇلۇش پات پۇرسەتتە پۈتۈپ، ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋىتىلىدىكەن. بۇ ئوردا قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن ئوردا-سارايلارنىڭ ئىچىدە ئۆز ۋاقتىدىكى يەكەن خاندانلىقىدا ئۆتكەن 12 نەپەر خاننىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى ۋە تارىخلىرى مۇزىي ئاساسىدا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋىتىلىدىكەن. بۇ 12 نەپەر خاننىڭ ئىسمى ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتىنى رېتى بويىچە يوللاپ قويدۇم. تولۇق بولمىغان جايلىرىنى تورداشلار تولۇقلاپ قويسا بولىدۇ.
رەت نومۇرى ئىسمى ۋاپات بولغان ۋاقتى
1. سۇلتان سەئىدخان (1533- يىلى)
2. سۇلتان ئابدۇرېشىتخان (1560- يىلى)
3. ئابدۇلكېرىمخان (1591- يىلى)
4. مۇھەممەدخان (1609- يىلى)
5. ئەھمەدخان (1618- يىلى)
6. ئابدۇللېتىپخان (1630- يىلى)
7. سۇلتان مەھمۇدخان (1635- يىلى)
8. سۇلتان ئەھمەدخان (1638- يىلى)
9. ئابدۇللاخان (1667- يىلى)
10. يولۋاسخان (1670- يىلى)
11. ئابدۇللېتىپخان (1676- يىلى)
12. ئىسمايىلخان (1680- يىلى)
يۇقارقىلارنىڭ ئىش ئىزلىرى مۇشۇ ئوردا قۇرۇلۇشلىرىغا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. بۇنىڭغا قوشۇمچە ھازىرقى يەكەن بازارلىرىدىن ئۆزۈم تارتقان سۈرەتلەرنىمۇ يوللاپ قويدۇم.