ئۇستازىمغا
( تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇمغا)
شاھىد بول،ئەي يارەنلەر،ئۇشبۇ سۆزۈم يۈرەك سۆزۈم،
ئۇستازىمغا ھۆرمەت بىلەن باقىدۇ مېنىڭ كۆزۈم.
ئىلىم _پەننىڭ ئاسمىنىدا ماڭا قانات بەرگەن شۇدۇر،
ئاڭا بۈيۈك ئالىملارمۇ ئېھتىرامدا ھۆرمەتتىدۇر.
رازى بولغاي بىزدىن مانا كېتەر بولدۇق پۈتۈپ ئوقۇش،
ھەممىمىز چىن سادانى بايان قىلدۇق تۇشمۇ_تۇش.
ئىمكانىيەت بولسا ئۇستاز كۆرىشەرمىز بىر كۈنى،
ئىلتىماس شۇ كۆرۈشكىچە ئۇنتۇپ قالماڭ بىزنى،
پاراغەت ئىچىدە ئۆتسۇن ئۆمرىڭىز تىلىكىمىز بۇ،
سالامەت بولۇڭ ئۇستاز،ئۈمۈدىمىز ئارزۇيىمىز شۇ .
جاپالارغا باش ئەگمەستىن شۇنچە دىلغا نۇر بەردىڭىز ،
كۆكەردى زىمىن شۇڭا، ئىشقىڭىزدىن سۇ بەردىڭىز.
ئادىمىلىك، ئەدەپ _ ئەخلاق بىزگە بولدى سىزدىن ئۇدۇم ،
مول بىلىم بۇ ئەسقاتىدۇ ، ھايات يولى تېخى ئۇزۇن .
نى ھېكمەتنى بىلىپ ئالدۇق،سۆزلەپ بەرگەن ھېكايەتتىن ،
بۇندا كەتسەك ئۇنتۇپ قالماڭ، ئەسلەپ تۇرۇڭ ئۇشبۇ خەتتىن .
خاتىرەمدىن
2011_يىل6_ئاينىڭ 4_ كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-29 11:41 AM