مۇنبەرداشلارغا پېقىر ئاخسا يىگىتتىن ئاددىيغىنە چاقچاق (3)
ئاپتاپ چىقتى ئاخىرى، بۇ زىمىستان كۈنلەردە . پەيدا بولدى چوغ قارى ، چاخچاق يېزىپ مۇنبەردە. 
مويسىپىت بوپ مىسرانىم ، ئورۇن ئاپتۇ تۆرىدىن . سىزگە ئالى ئىھتىرام ، مۇنبەر ئەھلى بارىدىن . 
ئولتۇرىدۇ شاھ سۈپەت ، بۇرۇت سىيپاپ ھۆكۈمران . ھەمىمىزگە يارايدۇ ، ئادىل بولغاچ ھەر زامان . 
ئانچە - مۇنچەمۇنبەردە، پەيدا بولار خۇشچىراي . باش چۆكۈرۈپ ئىشلەيدۇ ، ھاردىم دېمەي ، ۋايسىماي . 
ئوڭ قولىدا قوشۇقى ،
كىرىپ كەلدى ئىلنازە .
تاپالمىغاچ ئىسمىنى ،
كۆزلىرىگە ياش كەلدى . 
چۆرىۋېتىپ قوشۇقنى ،
چىقىپ كەتتى تېمىدىن .
ئاخسا يىگىت شۇ ھامان،
قوغلاپ يەتتى كەينىدىن . 
يوقاپ كەتتى بىر زامان ، ئايچىن ھەدەم بارمىكىن ؟ ھېلىقى ئوماق قوزىسى ، ھېلىھەممۇ يارمىكىن ؟ 
ئۇشبۇ ئوماق قوزىنى ، ئەتكەنچايدا بېقىپسىز . يىغىپ قويۇپ ئۈچكىنى ، قوزا بىلەن چېقىپسىز . 
ماشىنىسى بىر ئىدى ،(بايخېنىمغا) پەيدا بوپتۇ ئىككىسى . خەجلەپ مۇنبەر پۇلىنى ، سېتىۋاپتۇ يېڭىسنى . 
بارار بولسام قەشقەرگە ، ئاچقۇچىنى بېرەمسىز ؟ يومۇر ئېيىتسام سىز ئۈچۈن ، ئېغىز تۇتۇپ كۈلەمسىز ؟ 
تېما يېزىپ يوللاڭچۇ ، ئىنكاس شاھى سۈمەييە . ماڭا دېگەن گەپلەرنى ، ئۆزگىلەرگە دېمەيمە . 
يوقاپ كەتمەي كەپ تۇرۇڭ ، يوقلاپ بىزدەك دوستلارنى . بىللە يوقلاپ كېلەيلى ، قۇربان ھېيىتتا چوڭلارنى . 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ، رىزىۋانگۈل بامۇ سىز ؟ تاپالمىدىم ھېچيەردىن ، ئاسماندىكى سا مۇ سىز ؟ 
ئېلىخوغا كېتىپسىز ، ئۇنتۇپ قېلىپ بىزلەرنى . قلىپ دائىم يوقلىما ، ئەسلەيمىز بىز سىزلەرنى . 
لەيلەپ يۈرۈپ ھىجراندا ، شېئىر يازار زۇلەيخا . شۇڭا مورا دەردىنى ، تۈتۈن ئەمەس ، بىلمەيلا . 
بۆسۈپ چىقىڭ ھىجراندىن ، سەگەك يۈرۈڭ زۇلەيخا . مانتا پۇلى تۆلىمەڭ ، تېخى بىرنى يېمەيلا . 
قېچىپ چىقىپ قەپەستىن ، كۈلەمدىكىن شاتۇتى. شاختىن شاخقا قونۇپلا ، يۈرەمدىكىن شاتۇتى. 
ئوغۇلمىكىن دەپقاپتۇق، قىز ئىكەنغۇ ئۆل خېنىم . قېرى جېنىم تەسەددۇق ، ماڭا كۆڭۈل بۆل خېنىم . 
ماشىناڭنى ئەكەلسەڭ ، بىللە ھەيدەپ ماڭامدۇق ؟ ئاخشاملىققا كەچلىككە ، ئۈرۈمچىگە قاچامدۇق ؟ 
قەيەردە سىز نازىلە ؟ سىزنى يۈردۈم ياد ئىتىپ . قاچانغىچە يۈرۈيمىز ، كۆزنى قىسىپ قاش ئېتىپ . 
چاخچاق يازدى ئاخساجان ، خاپوممايسىز بىلىمەن . ماڭا ئىنكاس يازسىڭىز ، قورساق تۇتۇپ كۈلىمەن . 
چوغ ئۇنۇتسا مەن ئەمما ، سېنى ئۇنتۇپ قالمىدىم. كېلىپ تۇرغىن پاھ قارى ، چاي دەملەپمۇ ھارمىدىم . 
ئەنسىرەپمۇ يۈرمىگىن ، كېلىپ قالساڭ شىيامىنغا . كەلگىن ئەزىز دوستۇم دەپ ، ئاخسا چىقار ئالدىڭغا . 
قوش قولۇڭدا قوش زەنجىر ، ئەجەپ سۈرلۈك قارايسەن . دۈشمەنلەرنى ھالاك قىپ ، دوست - يارەنگە يارايسەن . 
شۇڭا زەنجىر ئاغىينە ، ئامراق ساڭا ھەممەيلەن . سەن يۈرۈيسەن قەيەردە ؟ بىزنى يوقلاپ كەلمەيسەن . 
بىللە كېنىو كۆرگەنتۇق ، يوقاپ كەتتى سەنەمجان ؟ سىزنى كۈنلەپ قاپتىكەن ، ئىزدەپ كەلدى غېرىپجان . 
قوغلاپ تۇتپ كېپىنەك ، چاھارباغدا يۈرەمسىز ؟ ئىزدەپ باراي كەچلىككە ، كونا جايغا كېلەمسىز ؟ 
ئۇنۇتمۇدۇم سىلەرنى . كەترەن بىلەن كەلگۈندى. خاپا بولۇپ ئاخسادىن ، دەپ كەتمەڭلا ، خەپ ئەمدى . 
تەتۈر قايلاپ شاتئايمۇ ، يوقلاپ كېلەي دېمىدى . ئاخسا كۈتسە ھېيىتگاھدا، بېرىپ قوياي دېمىدى . 
ياكى تېلىفۇن بېرەيمۇ ، ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز . بېشىم كۆككە يىتەتتى، مېنى يوقلاپ قويسىڭىز . 
ئەپچىلەم ئوبدان يىگىت، قوشاق توقۇپ كۈلىدۇ. قىز - چوكانغا قاش ئېتىپ ، تاياق يەپلا يۈرىدۇ . 
چاخچاق جۇمۇ ئەپچىلەم ، قەلەم ھەرگىز ھارمىسۇن . سىلىنىڭ شۇ جۈپ قۇلۇڭلا ، ھېرىپ چارچاپ قالمىسۇن . 
يۇمۇر يېزىپ ھەمىشە ، بىزنى ئالار يانپاشقا . زاغرا بەكمۇ قىززىقچى ، شۇشەن قېرى بولغاچقا . 
يېزىپ تۇرڭ يۇمۇرنى ، ھەممە بىللە كۈلەيلى . مىسرانىمدا پورەكلەپ ، قىزىل گۈل بوپ ئۈنەيلى . 
ئەسكەرتىش :كەچۈرسىلەر ، ۋاقىت مۇناسىۋېتى ۋە سەۋىيەمنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلى مۇشۇنچىلىك يازالىدىم ، قالغان مۇنبەرداشلارنى ئىنكاس ئارقىلىق چاخچاققا قېتىپ تۇرىمەن . ئىسمى چىققان مۇنبەرداشلارنىڭ چاخچاق دەپ چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، قىلچىىلىكمۇ شەخسى مۇددىئا يوق.
 مەنبە : ئاخسا يىگىتنىڭ تاقا - تۇقا ئىلھامى 2012-يىل 29-سىنتەبىر، شىيامىن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Ahsayigit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-29 12:53 AM
|