باشلىق سىزگە پىكرىم بار
شۇ تاپتا نىمىشقىدۇر كۈڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم، ئۆزەمنى قىلچە باسالمايۋاتىمەن، كەيپىياتىمنى تەڭشىيەلمەيۋاتىمەن، دىيىشكە تىگىشلىك گەپلەرنى گەرچە ئۆزىڭىزگە دەپ بولغان بولساممۇ بىراق بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم تەپسىلى دىيىشكە مەجبور بۇلىۋاتىمەن، چۈنكى ئېغىزدا دىيىلگەن گەپلەرنىڭ ھەممىسى يادىڭىزدا تۇرۇشى ناتايىن، ئاللا خالىسا بىرەر سىز بىلەن تۇنۇشلۇقى بولغان كىشى كۆرۈپ يەتكۈزۈپ قويسىمۇ ھىساپ!
گەپنى نەدىن باشلىسام بۇلار، يەنىلا باشتىن باشلاي...
2007 –يىلى 9- ئاينىڭ 7- كۈنىدىن باشلاپ‹‹ شىركىتىڭىزگە ››كىلىپ ئىشقا چۈشتۈم، گەرچە شىركەت ئىشخانىلىرى شۇنچە ئاددى يەنە كىلىپ مەھەللە ئىچىدە، سىرتتىن كەلگەن ئادەم مۇشۇ يەردە قانداقمۇ 5 يىل ئىشلىگەندۇ دىگۈدەك بولسىمۇ، ئۆز كەسپىمنى قىلالايدىغان خىزمەت پۇرسىتىگە ئىگە قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن تا ھازىرغىچە ئىشلەپ كىلىۋاتىمەن، تۇنجى كەلگەن كۈنۈم، مىنى سىزگە تۇنۇشتۇرغان بۇغالتىرلىق ئىش بىجىرىش ئورنىدىكى باش بۇغالتىر ئۇستازىم دىگەن مائاش 700 يۈەندىن تۆۋەن قىلىپ 600 يۈەن بېرەي، ئۈچ ئاي سىناق ئىشلەپ بىقىڭ، ياخشى ئىشلىسىڭىز يەنە قۇشۇپ بېرىمەن دىگەندە يەنىلا مۇشۇ كەسپىمنى دەپ قۇشۇلدۇم، ھەم تىزلا خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتىم . دەسلەپ شىركەتنىڭ ئەھۋالى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقتىم ، شىركىتىڭىز ئاساسلىق قىلىپ قۇرۇق ئۈزۈمىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ۋە چەتئەللەرگە چىقىراتتىكەن، بىراق شۇنچە چوڭ سودا قىلىۋاتقان شىركەتتە بىرلا ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ھەم تەرجىمان ھەم مۇئاۋىن دىرىكتوردىن باشقا مەدەنىيەت سەۋىيىسى تۇلۇقسىزدىن يۇقۇرى بىرمۇ خادىم يوق ئىدى، سىزمۇ ھەم ساۋاتسىز، ئىمزايىڭىزنى ئارانلا يازاتتىڭىز، ئەمما كاللىڭىز بەك ئۇچۇق تىجارەتكە پىششىق ئىدىڭىز، كىچىك ئىنىڭىز سىزدىنمۇ ئۆتە ئەقىللىق سودىگەر ئىدى، ئەمما پۇل تىپىشنى بىلگەن بىلەن ھىساباتنى پەقەتلا ياخشى باشقۇرمايتىڭلار، قارىسام شىركەتكە خام ماتېريال كىرگۈزۈش جەريانىدا پەقەت تالۇن ئىشلەتمەيدىكەنسىلەر، تىزىملايدىغان مۇقۇم خادىممۇ يوق ئۇنۇڭغا بۇنۇڭغا بىر دەپتەرنى تۇتقۇزۇپ خاتىرلىتىپ قۇيىدىكەنسىلەر، مەن كەلگەندىن كىيىن كۆزۈمگە چىلىققان بۇ ئىشقا قارىتا پىكىر بېرىپ، چۈشەندۈرۈپ ھىسابات قىلىشقا قۇلايلىق دەپ ئىنىڭزنى مىڭ مەشەققەتتە قايىل قىلىپ، شىركەتنىڭ نامىدا تالون ھەم ئىش قەغىزى چىقارغۇزدۇم، مىنىڭ قىلىدىغان ئىشىم كاسسىرلىق بولغاچ ئەسلىي پۇل تۇتۇپلا ئولتارسام بۇلاتتى، ئەمما قىلىدىغان ئىشلار بەك كۆپ بولغاچ باشقا ئىشخانا ئىشلىرىنى قىلىدىغان ئادەم ئالغۇچە دەپ نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆزلىكىمدىن قىلىپ بىلىپ بىلمەي ماڭا بۇ ئىشلار مەجبورىيەت بۇلۇپ قالدى، فاپىيۇ كىسىدىغان، ئۈزۈم ساتقانلارغا پۇل تارقىتىدىغان، ئۇ يەر بۇ يەرگە پۇل ئۇردىغان، پۇسۇلكا سالدىغان، ھەتتا بەزىدە سىزنىڭ شەخسىي پۇل سالىدىغان ئىشلىرىڭىز، ئاياللارنىڭ پارلىغان ئۆزۈمىنى جىڭلايدىغان دىگەندەك نۇرغۇن ئىشلار ماڭا يۈكلىنىپ قالغان ئىدى، ئۈچ ئاي دىگەن سىناق تۇشقاندا گەرچە ناھايىتى ياخشى ئىشلىدىڭىز دىگەن بولسىڭىزمۇ مائاش تۇغۇرلۇق گەپ قىلمىدىڭىز، مەنمۇ چىدىغاندىكىن يەنە بىر ئاي چىدىسام، 2008 - يىلى 1- ئايدىن باشلاپ گەپ قىلاي دەپ ئۆزەمچىلا تۆت ئاي قىلىۋەتتىم، يىل ئۆرۈلۈپ مائاشىمغا 200 يۈەن قۇشۇلدى، شۇنۇڭ بىلەن يەنە بىر يىل 800 يۈەندىن ئىشلەپ كەتتىم، بۇ جەرياندا ئىشخانىغا باشقا خادىملارمۇ قۇبۇل قىلىندى، بىراق نىمىشقىدۇ كەلگەنلەر ئانچە ئۇزۇن ئىشلىمەيلا تۇختاپ قالاتتى، ئەمما مەن بۇ شىركەتكە ئائىلەمدەك ھىس قىلىپ كۈنۈپ قالغان ئىدىم، مۇھىم ئىشىم چىقىپ قالمىسىلا شەنبە يەكشەنبىلەردىمۇ دەم ئالماي دىگۈدەك ھەتتا ئىشتىن چۈشۈپ بولغانلاردىمۇ پۇل لازىم بولسا تىلفۇن قىلسىاڭلارلا كەچنى كەچ دىمەي كەلگەن يەرلىرىم خېلى كۆپ ئىدى. بۇ يەردىكى ئىشچىلارمۇ ئىشخانىدا ئىشلەيدىغان مەن بىر قىز بالا بولغاچ بەك ھۈرمەت قىلاتتى ھەم چوڭ كۆرەتتى، شۇڭىمۇ ئۇلارغىمۇ بەك مىھرىم چۈشۈپ كەتكەن ئىدى، ئىشلارمۇ شۇنچىلىك يۈرۈشۈپ كەتتى، پۇلنى شۇنچىلىك چىڭ تۇتاتتىم، باشلىق بولسىڭىزمۇ تەرتىپ بۇيىچە بولسۇن دەپ ھىساۋاتنى ئىنىق قىلىپ، قەيەرگە نىمە ئىشقا خەجلىگەن پۇل، نەدىن ئالغان پۇل دەپ سوراپ تۇراتتىم، پۇل ئالغاندا ھۈجەت يىزىپ بېرىپ پۇل ئىلىڭ دەپ كۆزىڭىزگە كىرىۋالاتتىم، سودىمۇ بەك ياخشى بولماقتا ئىدى، شىركەت 2009- يىلىدىن باشلاپ ئۈزۈمنى پۈتۈنلەي چەتئەلگە چىقىرىشقا باشلىدۇق، ئوبۇرۇت تىز ئىشىپ، پايدا تىز كۆپەيدى، ئىككى يىل ئىچىدە شىركەتكە بىراقلا ئەڭ ئىسىل ماشىندىن ئىككى، ئادەتتىكىدىن ئىككى بولۇپ تۆت ماشىنا سېتىۋالدۇق، ھەم ئۈزۈمنىڭ رەڭ ئايرىيدىغان 100 تۈمەندىن ئۇشۇق ماشىنا كىرگۈزەپ، ئادەم كۈچىدىن بىراقلا ماشىنا كۈچىگە ئۆتتۇق، ئوبۇرۇت تېخىمۇ تىز بولدى، بەلكىم چۈشەنسىڭىز پۇلنى شۇنچىلىك چىڭ باشقۇرغاننىڭ ھىساباتنى پۇختا قىلغاننىڭ نەتىجىسى، مائاشىممۇ ئىككى يىل جەريانىدا 200 يۈزدىن قۇشۇلۇپ 1000غا ،1200 يۈەنگە چىقتى، ئەمما بۇنۇڭغا قۇشۇلۇپ مىنىڭ ئىشىم يەنىمۇ جىقلىغىلى تۇردى، يەنى تاشقىي پىرىۋۇت پۇلىنى بانكىغا بېرىپ دوللار ھىساباتىمىزغا كىرگۈزۈپ ئاندىن خەلىق پۇلىغا ئايلاندۇرۇپ خەلق پۇلى ھىساباتىمىزغا ئەۋەتىدىغان رەسمىيەتلەرنىمۇ مەن بىجىرەتتىم ، ئىشقىلىپ ئۈچ بانكا ئۇتتۇرلىقىدا تۇختىماي دىگۈدەك چاپاتتىم، بەزىدە ھېرىپ ھالىمدىن كىتەي دەپ قالاتتىم، چاچلىرىمغا ئاستا – ئاستا كىرىۋاتقان ئاقلارنى كۆرسەم ئىچىم ئاچچىق بۇلاتتى، نىمە جاپا ماڭا بۇنچە قىلىپ ئىشلەپ دەپ ئويلايتىم يۇ، ئۈگۈنۈپ قالغان خۇيۇم بۇيىچە يەنىلا بېرىلىپ ئىشلەيتىم، ئەمما تۇرۇپ تۇرۇپلا ئىشنىڭ جىقلىقىدىن زېرىكىش ھىس قىلىپ قالاتتىم، بولۇپمۇ پۇل تۇتۇشتىن بەك بىزار بولغان ئىدىم، پۇل جىقلىغانچە قالايمىقان ھىساۋاتمۇ كۆپىيىدىكەن، 2009- يىلى يىل ئاخىرىدىغۇ دەيمەن، ئىشخانىغا ئاخىر شۇنداق ياخشى ھەم ئەستايىدىل ئىش قىلىدىغان كەسىپداش خانىمدىن بېرى كەلدى، بۇ خانىمنىمۇ مەن ئۇقۇشۇپ تىلفۇن قىلىپ كىلىشىگە سەۋەپ بولغان ئىدىم، مىنىڭ ئىشلىرىممۇ خېلى ئازلىغان ئىدى، ئۇخشاش مائاش ئىلىپ ئىشلەيتۇق، ئىشلارمۇ بارا – بارا تېخىمۇ ئىلگىرى باسقىلى تۇرغان ئىدى، ھەم تىزلا شەنبە يەكشەنبىلەردىمۇ دەم ئالىدىغان بولۇپ قالدۇق، 2010- يىلنىڭ ئاخىرىدا يەنە بىر خانىم ئالدۇق، بۇ خانىم مىنكاۋخەن ئىدى، ئۇ كىلىپ پۇل تۇتۇشنى ئۇنۇڭغا ئۆتكۈزۈپ بەردىم ، مەن ئەمدى خېلىلا يىنىكلەپ قالدىم، مائاشىمىزمۇ 1500 چىقىپ قالغان ئىدى، يەنە بىر خادىم جىقلىغاچقا ئىشلار تېخىمۇ تىز يۈرۈشۈپ مۇھىم ئىش چىقىپ قالمىسىلا ھەر شەنبە يەكشەنبە دەم ئالدىغان بولدۇق، دەم ئىلىشقا ئامراق بولۇپ قالغانلىقتىنمۇ ياكى بۇشاش بولدىمۇ قانداق، تۇرۇپ تۇرۇپ سەل كىچىكىدىغان بولۇپ قالدىم، بۇنۇڭ بىلەن ئىشىمغا تەسىر يەتكۈزۈپ باقمىغان ئىدىم، تاپشۇرغان ھەم تاپشۇرمىغان قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىمنى ئەستايىدىل ۋاقتىدا تۈگىتەتتىم، ئەمما تۇرۇپ تۇرۇپ كىچىكىپ قالغاچقا سىزدىن دەككە ئىشىتىدىغان بولۇپ قالدىم، سىز پەقەت چىرايلىق تەربىيە قىلىشنى ئۇقمايتىڭىز، ئادەتتە يىگىت بۇلاي دەپ قالغان بالىلىرىڭىزغىمۇ ئادەم بار يوق دىمەي ئازراقلا خاتا گەپ قىلىپ قويسا شۇنداق سەتلەيتىڭىز، كاللاڭنىڭ سۈيى بارما ، ئەددەتسىز دىۋەڭ چوڭ بولدى بۇ دەپ ئۇلارنى سىزنىڭ ئالدىڭىزدا يۈرەكلىك گەپ قىلىشتىنمۇ تارتىندىغان قىلىپ قۇياتتىڭىز، بەك ئاسان ئاچچىقلىناتتىڭىز، مەدىنىيەت سەۋىيىرىڭىز تۆۋەن بولغاچقىمۇ شىركەتتىكىلەرنى باشقۇرغاندىمۇ يىراقتىنلا ۋاقىراپ تۇرۇپ گەپ قىلاتتىڭىز، يىلدا بىرەر قىتىم خۇلاسە يىغىن ئىچىشنىمۇ ، ئىشچىلارنى قانداق رىغبەتلەندۈرۈشنىمۇ بىلمەيتىڭىز، ھە دىسە پۇل تاپساملا بولدى چىقىم ئاز بولسا دەيدىغاندەك بولۇپ قالدىڭىز، مىنىڭ سىزگە دەيدىغان يەنە بىر پىكرىم ئىنىلىرىڭىزغا بولغان پەرىقلىق مۇئامىلە ئىدى، 4 -5 بالىنىڭ ئاتىسى بولۇپ قالغان، قولىڭىزغا قول پۇتىڭىزغا پۇت بولىۋاتقان ئىنىلىرىڭىزنىمۇ ئۇخشاش كۆرمەيتىڭىز، بىز بار يەردە چوڭ ئىنىڭىزنى بەك تولا سىلكىشلەيتىڭىز گىىپىنى قايرىپلا تۇراتتىڭىز، كىچىك ئىنىڭىز بەك چاقچاقچى ھەم قىزغىن ئىش بىجىرىشكىمۇ ئۇستا گەپچى بولغاچ ئۇنى بەك چوڭ كۆرەتتىڭىز، ئەمما چوڭ ئىنىڭىزمۇ شۇنداق ئەستايىدىل قىلاتتى ئىشنى، بىراق سىز ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيتىڭىز، تۆت بالىنىڭ ئاتىسى بولۇق قالغان ئادەمنى كىچىك بالىنى سىلكىشلىگەندەك سىلكىشلەپ گەپ قىلسىڭىزمۇ بىچارە چىداپ ئىشلەيتى، كىچىك ئىنىڭىز ئىسىل بومالارنى ھەيدەپ يۈرسە، چوڭى شۇنچە تەستە ئاران بىر ماشىنغا ئېرىشتى، ئادەمنىڭ كۈڭلى بەك نازۈك نەرسە، كۈڭۈل كۈڭۈلدىن سۇ ئىچەر دىگەننى نىمىشقا چۈشەنمەيسىز، ئەڭ چوڭى بولغان سىز نىمىشقا بۇلارغا ئۇخشاش مۇئامىلە قىلمايسىز دەيمەن؟؟ بۇلارنى دىمىسەممۇ بۇلاتتى ئەمما بىلىپ قىلىشىڭىزنى ئۆمۈت قىلىمەن، كىچىك ئىنىڭىز قىزغىن بولغاچ ئىشچىلارغا بەك كۈڭۈل بۈلەتتى، ئادەتتە بىزگىمۇ خېلى كۈڭۈل بۈلەتتى، بەزى بەزىدە ماڭا چاقچاق قىلىپ لايىقلارنى تاپاتتى، مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن چاقچاقلىشىپ قۇياتتىم، ئۇ دائىم ‹بىشىڭىزنى ساقايتساق› بۇلاتتى دەپ چاقچاق قىلاتتى ، مەن دەسلەپ چاقچاق بولغاندىن كىيىن دەپ ئېغىر ئالماي ۋاي مىنىڭ بىشىم ساق سىز ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ دەپ ئۆتكۈزىۋەتسەم،كىيىن سىزمۇ كىچىكىپ قالغان ۋاقلىرىمدا، ئادەم بار يوق دىمەي ئاشۇنداق بۇنى ئەرگە بېرىدىغان يەرگە كەلدى، ھە دىسە كىچىكىدىغان بولىۋالدى، دەپ چاقچاق قىلدىم دەپ دائىم دىگۈدەك شۇنداق دەيدىغان بولىۋالدىڭلار، خادىملار جىقلاپ قالغاچقىمۇ، ياكى يىڭى قازاننىڭ ئىشى تاتلىقمۇ بىلمىدىم، مىنى سەل ‹ئۆگەي› كۆردىغان بولىۋالدىڭلار، مەن ئىش بىجىرگىلى كىتىپ سەل ئۇزاقتا كىلىپ قالساممۇ قاقشايدىغان، سەۋەبىنى دىسەممۇ خۇددى بىرى يالغان ئېيتىپ ئىش بىجىرمەي لاغايلاپ يۈرگەندەك ئىشەنمەي ئاچچىقلايدىغان بولدىڭلار، بورۇن شۇنچە ئەتىۋار ئىشلىگەچكىمۇ، بەزىدە ئادەم بار يوق دىمەي تەنقىد قىلغان ۋاقتىڭىزدا مىنىڭمۇ جۇدۇنۇم تۇتاتتى، ئىشىمغا تەسىر يەتكۈزمىدىمغۇ دەپ گەپ ياندۇرۇپ قۇياتتىم، بۇنداق ئىشلار كۆپەيگىلى تۇردى، 2011-يىلى 3- ئايدا بىر قېتىم قاتتىق تەگىشىپ قالدۇق، مەنمۇ تەڭ قاتتىق تۇرۇپ دىگۈدەكنىڭ ھەممىسىنى دەپ ئاچچىقىمدا بولدى ئىشلىمەيمەن دەپ يامانلاپ چىقىپ كەتتىم، گەرچە بىر نەچچە كۈندىن كىيىن چوڭ ئىنىڭىزنى كەينىمدىن ئەۋەتكەن بولسىڭىزمۇ، قەتئى كۆرۈشمەي قويدۇم ھەم قولۇمدىكى ئىشلارنىمۇ شۇ پىتى تاشلىۋەتتىم، بولماي بوغالتىرغا تىلفۇن قىلدۇرۇپسىز، ئۇ ئادەم ياشقا چوڭ بولغاچ ھەم ئۇستازىم بولغاچ ھەممە ئەھۋالنى دەپ ھىساباتنى ئۈزۋىتىپ ئاندىن قارار چىقىرىڭ، ھازىر شىركەتكە بېرىڭ دىدى، مەنمۇ ماقۇل بولۇپ باردىم، شۇنۇڭ بىلەن يەنە دەيدىغاننى دىيىشىپ يەنە تۇرۇپ قالدىم، مەن ئۆزەممۇ ھىسابات ئىشىدىن بەك زېرىككەن ئىدىم، شۇڭا بۇ قېتىم قولۇمدىكى ئىشلارنىڭ تەڭ يېرىمىنى يەنە بىر خانىمغا ئۆتكۈزۋەتتىم ، پەقەت دوللار ھىساباتىنى خەلىق پۇلىغا ئايلاندۇردىغان ئىشقىلا قاراشلىق بولۇپ قالدىم ، 7- ئاي مەزگىلىدە تۇيۇقسىز شىركەتتە پاجىئە يۈز بېرىپ ئىككى ئىشچى ھەم ئىككى ئىنىڭىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قالدۇق، بىشىڭىزغا كەلگەن بۇ قازاغا ھەممىمىز بەك ئىچىندۇق، ھەممىىز جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەش ئىرادىسىگە كەلدۇق، ئەمما چوڭ ۋەقە بولغاچ تۇختىماي ئۇ تەكشۈرۈش بۇ تەكشۈرۈشلەر سەۋەبىدىن، تۈزۈك سودا يوق، شۇنداقتىمۇ كۈندە كىلىپ كىتىپ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى قىلىپ تۇردۇق، ھەش پەش دىگۈچە 2012 - يىلىمۇ كىرىپ كەلدى، ئىسىڭىزدە بارمۇ؟ شىركەتتە تۇرۇپ قالغىنىمدا دىيىشكىنىم بۇيىچە پەقەت شۇ دوللار ئالماشتۇرۇش ئىشىغىلا قاراپ ئولتارسام بۇلاتتىغۇ؟بۇنۇڭغا سىزمۇ قۇشۇلغانغۇ؟ بىراق سىز بۇيرىغان باشقا ئىشلارنىمۇ قىلىشقا باشلىدىم، شىركەتنىڭ بانكىدىن قەرز ئالدىغان ئىشلىرىغا ماتېريال يوللايدىغان ئىشلار، قەرىز پۇل چىقىپ بولغىچە بانكىنى تەمىنلەيدىغان ئۇچۇرلار ، يەنە تېخى كىنىشكىلەرنى شىڭيەن قىلىدىغان ئىشلارنىمۇ مەن قىلدىمغۇ دەيمەن، بۇ جەريانلاردا ھەممىمىزلا شىركەتكە، باشلىققا ئىش كەلدى ئەمدى بىشىنى ئاغرىتمايلى دەپ لام -جىم دىمەي ئىشلىدۇق، يەنە بىر دەسلەپ كەلگەن خانىمنىڭ ئىشى تېخىمۇ كۆپ ئىدى، تاشقى سودا ئىدارىسىدىن كىلىدىغان ياردەم پۇللارنى ھەل قىلىش ئىشلىرىغا يوللايدىغان، تەييار قىلىدىغان ماتېرياللارنى ئۇ تەل قىلاتتى، مەن ئىكىسپورتتىن قايتىدىغان پۇللارغا كىتىدىغان ماتېرياللارنى مەن تەييار قىلاتتىم، 2008 -2009- يىللىرى بىر ئوبدان يىللىق مۇكاپات تارقىتىپ ھەممىمىز خوش بولغان ئىدۇق، 2010 – يىل جىملا ئۆتتى، 2011- يىلى ئىش كەلدى دەپ بىزمۇ قەتئىيلا گەپ قىلمىدۇق ، ئەمما ئىكىسپورتتىن قايتقان باج كىرىم، تاشقى سودا ئىدارىسىنىڭ ياردەم كىرىم پۇللىرىدىن ئۈزۈلمەي كىلىپ تۇراتتى، بىز بەزىدە يىللىق مۇكاپات تارقاتسۇن دەپ باقايلىمۇ دەپ ئويلايتۇقيۇ، پەقەت ئېغىزىمىزدىن چىقارمايتتۇق.
مائاشلار ئۇ خانىمنىڭ 1700، قالغان ئىككىمىزنىڭ ئۇخشاشلا 1500 ئىدى، ھىلىقى تەگىشىشتىن كىيىن مۇشۇنداق ئىدى، مىنىڭغۇ پىكرىممۇ يوق ئىدى، بۇپتۇ كىم ئىشنى جىق قىلسا شۇ ئالسۇن مائاشنى دەپ، تا بۈگۈنگىچە پىكرىممۇ چىقمىغان، ئەمما بۈگۈن شۇنچىلىك قۇرسۇغۇم كۆپتى، قاراپ تۇرۇپ يەنە مىنى ئۆگەيلىدىڭىز، ئەتىگەن تىلفۇن قىلغان ۋاقتىڭىزدا مەن يولدا دىيەندۇڭچى مىنىۋالغاچ تىلفۇن سۇمكامدا ئاڭلىماي قاپتىمەن، يەنە كىچىكىپ قاپتىمەن، ئەسلى بۈگۈن سۈپەت تەكشۈرۈشنىڭ خادىملىرى كىلەتتىكەن، مەن كەلسەم دەرھال سۈپەت تەكشۈرۈش تەجرىبىخانىسىنى تازلاڭ تەكشۈرۈش كىلىدۇ دىدىڭىز، ئۇ يەر بىر يىلغىچە ئىشلەتمىگەچكە شۇنچىلىك مەينەت ئىدى، قالايمىقان ئىشلەتمەيدىغان نەرسىلەرنى ئەكىرىپ قويغان ئىدى، مەن دەرھال تازلاشقا چۈشۈپ كەتتىم، ئاۋال ئەسكى تۈسكىلەرنى ئەچىقىۋىتىپ ئاندىن تام تۇرۇسلاردىكى تورلارنى ئىچكىرى تاشقىرى ئىككى ئىشخانىنى سۈپۈرۈپ بولدۇم ، شۇ ئۇتتۇرلۇقتا سىز مەيداندا ئۈزۈم ئەكەلگەن خېرىدارلار بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرۇپ، يەنە بىر خانىم ئىشخانىسىدىن چىقىشىغا ئۇنۇڭغا مىنىڭ ئىسمىمنى ئاتاپ تۇرۇپ دەپ قۇيۇڭ باشقا ئىشى بولمىغاندىكىن تەجرىبىخانىنى پاكىزە تازلىۋەتسۇن دەۋاتىسىز، مەيداندا تۇرۇپ ۋارقىرىغاندەك گەپ قىلسىڭىز مەن ئاڭلىماي قالاتتىممۇ، سىزنىڭ ئاشۇنداق ئادەم بار يەردە ئۆزىڭىزنى چوڭ كەلتۈرۈپ قول ئاستىڭىزدىكىلەرگە بۇيرۇق قىلىدىغان مىجەزىڭىزدىن جاق تويدۇم، ئۇ خانىممۇ مىنى تازلاۋاتىدىغۇ دەپ قۇيۇپ كىرىپ كەتتى، ئاچچىقىمدا مەنمۇ ئىشىمنى تاشلاپ ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ، ۋاڭىلداپ تۇرۇپ نىمە دەيدۇ بۇ باشلىق مەن تازلىق قىلمىسامغۇ بىر گەپ تازلاپ تۇرساممۇ يەنە بىر نەرسە دەيدىغۇ دەپ بىر مۇنچە قاقشىۋىتىپ چىقىپ ئىشىمنى قىلىشقا باشلىدىم، تەجرىبىخانىدا سايمانلار بەك كۆپ ئىدى، تەجرىبىگە كىرەك بولىدىغان ھەر خىل چوڭ كىچىك پىروبىركا، ئىستاكانلار ھەم باشقا سايمانلارنى بىر باشتىن يۇيدىغاننى يۇيۇپ سۈرتىدىغاننى سۈرتۈپ يېرىمىغا كەلگەندە تەكشۈرۈشنىڭ كىلىپ قالدى، پەقەت ئىككىلا ئايال خەن قېرىنداش، ئۇلار ئاۋال چوڭ ئىشخانىدا ئولتارغاندا شۇنداق تىزلىك بىلەن تازلىدىم ، بىر چاغدا ئاشپەز ئايالنى ياردەملىشىشكە بۇيرۇپتىكەنسىز ئۇمۇ ياردەملەشتى، شۇنۇڭ بىلەن ئاخىر ئاز قالغاندا ئۇلارمۇ كىردى ھەم پاكىزە تازلاۋاتقىنىمىزنى كۆردى، مەن ئامال بار ئۇلارغا چۈشەنچە بېرىپ بىر يىل بولغان شىركەتتە ئىش چىققاندىن كىيىن تەجرىبىخانىنى ئىشلەتمىگىلى، بۈگۈن سىىلەرنى كىلىدۇ دەپ ئاڭلاپ تازلاۋاتىمىز دىدىم، ئۇلارمۇ باشقا گەپ قىلمىدى ھەم سودا قانداراق دەپ سوراپ قويدى، مەن ئۆتكەن يىللاردەك ئەمەس دىدىم، ئۇلارمۇ سودا يوق تەجرىبىخانىنى ئىشلەتمىگەچ، پەقەت ئۈچ خىل سايماننى تەكشۈرەپ ئۆلچەملىك ياكى ئۆلچەمسىز ئىكەنلىكىنى بىكىتىپلا بولدى قىلدى، ھەممىسى لاياقەتلىك بولدى، مەن ئۇلار تەكشۈرۈپ بولغىچە يىنىدا قاراپ تۇرۇپ لاياقەتلىك دىگەن ئىسپاتنامىنى ئىمزا قۇيۇپ بېرىپ بىر نۇسخا بېرىۋىدى كۈتۈرۈپ چىقىشىمغا مىنى چاقىرىپ قالدىڭىز، ھەم قانداق بولدى دەپ سورىدىڭىز، مەن لاياقەتلىك بولدى دىۋىدىم ئۇلارنى ئۇزۇتۇپ قۇيۇڭ دىدىڭىز، ئۇزۇتۇپ بۇلۇپ كىرسەم مائاشلارنى تەڭشەپسىز، 1700 يۈەن ئالدىغان ئىشنى كۆپ قىلىدىغان خانىمغا 300 يۈەن قۇشۇپسىز، مەن بىلەن ئۇخشاش 1500 يۈەن مائاش ئالدىغان كىيىن كەلگەن خانىمغا 500 يۈەن ، ماڭا بولسا 200 يۈەن، نىمىشقا بۇنداق قىلىسىز؟ ماڭا بۇندىن كىيىن تەجرىبىخانىنىڭ ئىشىنىمۇ سىز قىلىسىز دەپ ئۈگۈنۈشلەرگە ئەۋەتكەن ئادەم نىمىشقا ماڭىمۇ ئۇخشاش قۇشۇپ بەرمەيسىز؟ تەجرىبىخانىنىڭ ئىشى شۇنچە ئاسانما؟ ئاچچىقىمدا سىزگە پىكرىم بار نىمىشقا ئۇخشاش كۆزدە قارىمايسىز، ئۇخشاش مائاش قۇشمايسىز دىسەم ئۆزىڭىزدىن ئىزدەڭ خاتالىقنى دىدىڭىز، مەندىنمۇ ئۆتكەن يەرلەر بار، ئەمما مائاش قۇشقىچە بولسىمۇ مىنىڭ بەش يىل ئىشلىگەن يۈزۈم يۇقمۇ؟ بورۇنقى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىگەن يەرلىرىمنى ئويلاپ بولسىمۇ ماۋۇلار ئۇخشاش خانىم تۇرسا پەرىقلىق قۇشۇپ بەرسەم ئانىڭ كۈڭلىگە كىلىپ قالۇر دىگەننى ئويلىمىدىڭىزمۇ؟ ئىككى خانىم چىقىدا بەك خىجىللىق ھىس قىلدۇق ، بىز گەپ قىلغۇچە سىز ئالدىراپلا سۆزلىشىپ كەتتىڭىز دەۋاتىدۇ، ئەمما مەن سۇقۇشۇپ ئەمەس پىكرىم بار دەپ گەپ قىلسام ئۇنى دەپ بۇنى دەپ ماڭا گۇنا ئارتقىلى تۇردىڭىز، ھەر شەنبە يەكشەنبە دەم ئېلىۋاتىسىز، ئىشىڭىز چىققاندا رۇخسەتمۇ سوراۋاتىسىز دائىم كىچىكىپ كىلىسىز دەپ، خوددى شەنبە يەكشەنبە مەنلا دەم ئىلىۋاتقاندەك خۇددى مەنلا رۇخسەت سوراۋاتقاندەك، باشقىلارمۇ دەم ئىلىۋاتىدىغۇ، رۇخسەت سوراۋاتىدىغۇ دىسەم مىنى ئىچى تار دىدىڭىز تېخى توۋا دەپ قالدىم، سىزچە مەن مائاشنىڭ ئاز بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا شۇنداق ئېيتىشتىمما سىز بىلەن؟؟ پۇل شۇنچە چوڭ نەرسىما؟ ئەجىبا بۇرۇن ئىككى خانىم كەلمەستە شۇلار قىلغان ئىشلارنى كۆپىنچىسىنى ئۆزەم يالغۇز قىلىپمۇ شۇنچىلىك خۇشاللىق بىلەن ئاز مائاش بولسىمۇ قىلچە مائاش تۇغۇرلۇق ۋايسىماي قاقشىماي كۈڭۈللۈك ئىشلىگەن ئىدىمغۇ؟ شۇنچە يىل ئىشلەپ مەندىن كىيىن كەلگەن خانىملارچىمۇ مائاش ئالالمىسام، ئۇخشاش كۆزدە قارىماي قاراپ تۇرۇپ مىنىڭ كۈڭلۈمنى رەنجىتسىڭىز قانداق قىلاتتىم سىز بىلەن تاكاللاشماي، مەن ئەسلىمۇ ئېغىر بىسىق ئىدىم، بىراق ئاچچىقىم كەلگەندە پەقەتلا ئۆزەمنى تۇتالمايتىم، بۈگۈن ئاچچىقىمدا يەنە سىز بىلەن دىيىشتىم، تۇختاپ قالماقچىمۇ بولدۇم ، ئاخىرى يەنە چىداپ بىقىش قارارىغىمۇ كەلدىم ، چۈنكى مەن ئۇنداق تۇختىماي خىزمەت ئورنىنى ئالماشتۇرۇشنى پەقەتلا خالىمايتىم! بولمىسا نۇرغۇن ئورۇنلار باركەن مالىيە خادىمىغا ئېھتىياجلىق ھەم ماڭىمۇ ماس كىلىدىغان، مائاشى تۆۋەن بولسىمۇ كۈڭلۈم رەنجىمىسە، خۇشاللىق ئىزدەپ تۇرۇپ ئىشلىسەملا بەك رازى بۇلاتتىم! بارا- بارا بۇرۇنقى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ كەتكەن ۋاقىتلىرىم ئىسىمگە كىلىپ قالدى، كۈڭلۈم بەك بەك يېرىم بولدى، ئۆزەمنىڭ شۇنچىلىك ئەجىر سىڭدۈرۈپمۇ بۈگۈنگە كەلگەندە ئەتىۋالىنىشتىن خارلىنىشقا چۈشۈپ قىلىۋاتقىنىمغا پەقەتلا چىدىمىدىم، رەھمەتلىك ئىنىڭىز بولغان بولسىمۇ خېلى ئادەمنىڭ قەدرىنى قىلىپ قۇياتتى، ئىشلىگەننى بىلەتتى ! ئۇقۇغانلارنى خېلى ھۈرمەت قىلاتتى، ئۇ بولسا ئىشلارمۇ شۇنچە تىز يۈرۈشەتتى، مانا ئىنىڭىزنىڭ يوقلىقى بىلىندى، ئويلىغانسىرى چۈشتىن كىيىن قۇلۇم پەقەت ئىشقا بارماي بىر تالاي گەپلىرىمنى پىكىر بايانىدا يېزىپ چىقتىم، ئىچىم خېلى بۇشاپ قالدى مانا، سىزگە دەيدىغان ئەڭ مۇھىم گىپىم پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس، پۇلنى تاپقانكەنسىز پۇلىڭىزنى خەجلەپ سەۋىيىرىڭىزنى ئۈستۈرۈڭ ، ھەر قانداق ئورۇنغا سىزنىڭ ماتېرىيالىڭىزنى تۇشقازغۇچە شىركەتتىكى ئۈچ خانىم شۇنچىلىك خىجىللىق ھىس قىلىپ كىتىمىز ! ساۋاتسىزنى مەجبورىي قىلىپ تۇلۇق ئۇتتۇرا سەۋىيە قىلىپ يېزىپ قۇيىمىز! ئادەم ئىشلىتىشنى ياخشىراق ئۈگۈنۈڭ! قول ئاستىڭىزدىكىلەرگە پات پات ئەھۋالىنى سوراپ كۈيۈنۈپ تۇرۇڭ! پۇلىڭىز ھەر قانچە جىق بولسىمۇ سىزدە ئازراق بىلىم سەۋىيە بولمىسا باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كىتىسىز، تومپاي كۆرىنىسىز، قول ئاستىڭىزدىكىلەرنىڭ سىزنى ھەقىقى ھۈرمەتلىگۈسى كەلمەيدۇ!!! سىزدىن ھىيىقمايدۇ!! سىزدىن پەخىرلەنمەيدۇ!! مەن باشلىقىمنىڭ رادىل ئابلادەك بىلىملىك بولمىسىمۇ، تەربىيە كۆرگەن كۈيۈمچان، ئىقتىدارلىق، ئانچە مۇنچە بولسىمۇ بىلىملىك بولۇشىنى بەكمۇ خالايتىم!! شۇنداق باشلىقنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەپ قىممەت ياراتسام پەخىرلىنەتتىم!! بۇ سۆزلىرىمنى ھامان بىر كۈنى كۆرىشىڭىزنى بەكمۇ تىلەيمەن! ئاچچىقلانسىڭىزمۇ ماڭا بەك بەك بەك ئۆچ بولۇپ كەتسىڭىزمۇ مەيلى!! ئاخىرىدا ھەسەن بەسرىنىڭ مۇنۇ ئەقلىيە سۆزى بىلەن سىزگە دىمەكچى بولغان پىكىر بايانىدىكى يۈرەك سۆزلىرىمنى ئاخىرلاشتۇراي!
‹‹ گۈزەل تەدبىر ۋە گۈزەل باشقۇرۇش يېرىم پايدىدۇر، ئۆز ئورنىدا ئىشلىتىلگەن ئازغىنە پۇل، ئىسراپ قىلىپ ئىشلىتىلگەن كۆپ پۇلغا قارىغاندا پايدىلىقتۇر.››
مەنبە: مەن 2012- يىلى 9- ئاينىڭ 28- كۈنى ھازىر تامام!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-2 04:46 PM