يېتىپ كەتتىم يۈرىكىم قاناپ،
بىۋاخ چاغدا ئايرىلىپ سەندىن.
تولدى كۆزۈم ھەسرەتلىك ياشقا،
نېمە گۇناھ ئۆتتىكىن مەندىن؟!
يېتىپ كەتتىم يۈرىكىم قاناپ،
بولۇپ نۇرلۇق چىرايىم سامان.
ناخشا ئېيتىپ مۇڭلانغان بىلەن،
ھالىم خاراب، ئەھۋالىم يامان.
يېتىپ كەتتىم يۈرىكىم قاناپ،
غۇۋا يانغان يۇلتۇزغا بېقىپ.
قۇرۇپ كەتكەن پۇراقسىز گۈلگە،
ساقال باسقان مەڭزىمنى يېقىپ.
يېتىپ كەتتىم يۈرىكىم قاناپ،
قۇچاق ئېچىپ مۇزلىغان سەھەر.
شېرىن چۈشكە ئايلىنىپ قىسمەت،
ئەستىن چىقىپ كەتمىدى شەھەر.
يېتىپ كەتتىم يۈرىكىم قاناپ،
بۇياپ يۇمران لېۋىمنى قانغا.
ئازاب بارمۇ دۇنيادا ئارتۇق،
سۆيگۈ ۋىسال تاپمىغان جانغا.
مەنبە: ئىجادىيىتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-28 10:27 PM