ئۇنۇتقۇم يوق سىنى ئەزەلدىن
قادىرجان-پاھ
(1) ئۇنۇتقۇم يوق سىنى ئەزەلدىن، كۆزلۈرۈمنى ئەپ قاچقان بىلەن. بەخىتلەردىن يىراق سەن گۈلۈم، مەن باغرىمنى كەڭ ئاچقان بىلەن.
(2)
لەختە-لەختە بۇيۈرەك باغرىم، كىچە-كۈندۈز سىنىلا ئەسلەپ. مەن قۇلۇمنى بەرگىنىم بىلەن، قۇيار سىنى تەقدىرىڭ قەسلەپ. (3)
قۇلۇم ساڭا يەتمەيدۇ گۈلۈم، سەن ئىگىزدە نىگارىڭ پەستە. كىتەي سىنىڭ كۈزۈڭدىن يىراق، ساقلىغىن سەن شۇنلا ئەستە.
(4)
نىمە چارە تەقدىرىم شۇدۇر، سىنى مەندىن ئەزىز ياراتقان. شۇنچە ئەزىز ياراتقان تۇرۇپ، سىنى يەنە ماڭا قاراتقان.
(5) ئۇنۇتقۇم يوق سىنى ئەزەلدىن، ئىشىق يۇلى كەلدى ئەجەپ تار. ئۇنتۇپ كەتكىن سەن مىنى بىراق، بولسۇن ماڭا پەقەت ھىجران يار.
(6)
قول تۇتۇشقان دەريا بۇيىدا، بۇلار ئەمدى مەڭگۈ ئەسلىمە. ئۇچۇپ كەتكىن مىنىڭدىن ئىگىز، ئۆرلەۋەرگىن ھەرگىز پەسلىمە.
(7)
خەيىر دەيمەن، ئاخىرقى قېتىم ، رازى بولغىن مىنىڭدىن جېنىم. باساي زورغا ئازاپلىرىمنى، پاتمىسىمۇ دۇنياغا تىنىم.
(8) كۈيلەپ سىنى يۈرەك قېتىمدىن، مۇنبەرلەردە توختىماس قەلەم. ئىزىۋەتتى نازۇك دىلىمنى، ماڭا كەلگەن بۇئازاپ ئەلەم.
مەنبە-ئۆزۈم
2012-يىل9-ئاينىڭ27-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-28 10:23 PM
|