«دانىش ھىكايىسى»تىلۋىزىيە فىلىمى توغرىسىدا
سىنارىست-قۇربانجان ئابلىز.رىژىسۇر-گۇلزار تۆمۈر. ئاساسلىق روللاردا: مەمەتجان-قۇربانجان ئابلىز.مەكتەپ مۇدىرى-گۇلزار تۆمۈر. مەمەتجاننىڭ ئانىسى –ماينۇر بارات.زاكىر-ئەسئەت قاتارلىقلار فىلىمنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: بۇ فىلىمدە مەلۇم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە يۈز بەرگەن تەسىرلىك ۋەقەلىك بايان قىلىنغان. بۇ مەكتەپكە يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنغان ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى- مەمەتجان مەكتەپتە خىزمەتنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئانىسىنى بېقىش ۋە ئۆينىڭ بارلىق ئېغىر يۈكى ئۇنىڭ يەلكىسىگە يۈكلىنىدۇ. ئۇ قەتئى ئىرادىگە كېلىپ، تىرىشچانلىق بىلەن ئائىلە باشقۇرۇپ، تەشكىل ۋە ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىدۇ. بىراق بىر قىسىم ياشلار ئۇنىڭ كەچلىك ئولتۇرۇشلارغا بارماي، ھاراق ئىچمەي، تاماكا چەكمەي ئاددى-ساددى تۇرمۇش كۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنى «پىخسىق» دەپ ھاقارەتلىشىدۇ. لىكىن مەمەتجان بۇنداق گەپلەرگە پىسەنت قىلماي، خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەۋىرىدۇ. مەكتەپنىڭ 3-يىللىق 2-سىنىپنىڭ سىنىپ مۇدىرى ئالمىشىپ كەتكەنلىكتىن، بۇ سىنىپقا بەنجۇرېن بەلگىلەشكە توغرا كېلىدۇ. بىراق بۇ سىنپقا ھېچكىم بەنجۇرىن بولۇشنى خالىمايدۇ. مەكتەپ يىغىنىدا مەكتەپ مۇدىرى كىمنىڭ بەنجۇرىن بولىشىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا مەمەتجان «مەن بەنجۇرىن بولاي» دەپ قول كۆتۈرۈدۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ باشقا ئوقۇتقۇچىلار ئۇنىڭغا ئىشەنمەي مەسخىرە قىلىشىدۇ. مەمەتجاننىڭ سىنىپ مۇدىرى بولىشىغا تەشكىل قوشۇلۇپ ئۇنى سىنىپقا ئېلىپ كىرىپ ئوقۇغۇچىلارغا تونۇشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەمەتجان بۇ سىنىپنىڭ تىل-ئەدىبىيات دەرسىنى بېرىدۇ ھەمدە سىنىپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەيدۇ. بۇ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئىنتىزامسىز،چۇۋالچاق بولۇپ، بالىلار ناھايىتى كەپسىز ئىدى. دەسلەپتە بالىلار مەمەتجاننى كۆزگە ئىلماي، ئۆتكەن دەرسىگە قۇلاق سالمايدۇ. مەمەتجان سەۋىرچانلىق بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈپ، ئۆزىنىڭ ئىللىق مىھرى بىلەن بالىلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتىدۇ. بىر كۈنى مەمەتجان دەرس ئۆتۈشكە كىرگەندە بىر ئوقۇغۇچى بىر داس سۇنى سىنىپنىڭ ئىشىگىنىڭ بېشىغا ئېلىپ قويىدۇ. مەمەتجان سىنىپقا كىرىشىگە ئىشىك بېشىدىكى بىر داس سۇ مەمەتجاننىڭ بېشى ۋە كىيىملىرىگە تۆكۈلۈپ ھۆل قىلىۋىتىدۇ. ئۇ بۇ ئىشنى ھېچبىر كۆڭلىگە ئالماستىن دەرسنى داۋاملاشتۇرۇۋىرىدۇ. ئۇ بىر قىتىم «دانىش ھىكايىسى» دېگەن تىمىدا بىر پارچە نامسىز ھىكايە ئېلان قىلدۇرىدۇ. مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بۇ ھىكايىنى ئاڭلاپ ، ناھايىتى ھەيران قېلىشىدۇ ھەمدە مەكتەپكە شان-شەرەپ كەلتۈرگەن نامسىز كىشىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈشىدۇ. مەمەتجان مەكتەپتە ئىشتىن سىرىتقى ئەدىبىي يېزىقچىلىق كۇرجىكى تەشكىللەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل-ئەدىبىيات دەرسىگە بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇدۇ. شۇندىن كىيىن ئوقۇغۇچىلار مەمەتجان مۇئەللىمنى بارا-بارا ياخشى كۆرۈپ،ئۇنىڭ بىلەن تىزلا چىقىشىپ كېتىشىدۇ. ئاخىرىدا بۇ چۇۋالچاق سىنىپ دەپ نام ئالغان بۇ سىنىپ مەمەتجان مۇئەللىمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن مەكتەپتىكى ئەڭ ئىلغار سىنىپ كوللىكتىپىگە ئايلىنىدۇ. مەمەتجان شەھەرلىك مۇئارىپ ئىدارىسى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى» بولۇپ باھالىنىپ، ئۇنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى تېلۋىزوردا تونۇشتۇرىلىدۇ. تەپسىلى مەزمۇنىنى بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ تىلۋىزىيە فىلىمىنى كۆرۈشكە ئالدىراڭ. يازغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 2012-يىلى 28-سىنتەبىر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-28 09:23 PM
|