مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1410|ئىنكاس: 22

ئابدۇقادىر داموللام ئۈگۈتلىرى (توپلام) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84572
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 133
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2012-9-1
ئاخىرقى: 2012-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 07:07:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇقادىر داموللام ئۈگۈتلىرى

تەڭرىنىڭ ئىنسانغا كۆپتۇر تارتۇقى ،
ئەقىل ۋە ئەدەپتىن يوقتۇر ئارتۇقى .
ئەقىل ۋە ئەدەپ ھەر ياشنىڭ جامالى ،
ئۇنىڭسىز بولماس ھاياتنىڭ كامالى .
پەزىلەت كۆپ ئېرۇر بۇ ئالەم ئارا ،
ئىلىمدۇر ھەممىدىن ئەليۇل ئەلا.
ئىلىمدۇر بىباھا ،قازسا پۈتمەس كان ،
ئىلىمدىن باشقىسى كىمگە ئەسقاتقان ؟
ئىلىملا نىجاتلىق بىرەر مەڭگۈلۈك ،
بىلىملىك ھاياتتۇر ،جاھىللار ئۆلۈك .
ئى ياش بىل جاھىللىق نومۇستۇر بىشەك ،
نادانلىق زۇلىمىغا رازىدۇر ئېشەك .

*$ ئىنساننىڭ قەدىر -قىممىتى مەيلى ئۇ ئىنسان ياخشى ئەمەلنى ئاز قىلسۇن ياكى كۆپ قىلسۇن ،گۈزەل ئەمىليىتىگە باغلىق .
*$ زاماننىڭ ھاتەملىرى سانىلىدىغان ئەرلەر مۇھتاجلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلغان ،دەردمەنلەرنىڭ دەردىگە يەتكەن ،بىناۋالەرنىڭ كۆڭلىنى ئالغان ،ھەق سۆزنى ئېيتقان كىشىلەرنى ھىمايە قىلالىغان ئەرلەردۇر .
*$ ئالىملار ئۆز ئىلىمىنى ئەتراپقا رىياسىز تارقاتسا ،ئۇلارنىڭ ھەر بىر لەۋزىدىن قەنت شېكەر تامسا ،ئالەم نۇرغا تولۇپ زاماننىڭ قاراڭغۇسىمۇ يورۇيتى .
*$ ئەقىل ئىگىسى بولساڭ قۇرۇق دېمەي بۇ سۆزگە قۇلاق سال :غەيرەت ئەھلى دائىم قانائەتچان بولسا نىمە دېگەن ياخشى ؟ بىر مەسەل باركى ، كىشىدىن تەمە قىلماق گويا ئۆكۈزدىن سۈت ،مۈزدىن ئوت تەمە قىلغان بىلەن باراۋەردۇر . خۇدا ،بىزنى قانائەتلەك قىلغىن .
*$ ئەگەر ئادەم ئۆزىنىڭ مەخپىيەتلىگىنى ئۆزى ئاشكارىلاپ بولۇپ ،ئۇنى <يېيىۋەتتى > دەپ باشقىلارنى ئەيىبلىسە ،ئۇ ئەخمەقتۇر .چۈنكى ئۆزىنىڭ مەخپىيەتلىگىنى ئۆز قەلبى سىغدۇرالمىسا ،باشقىلارنىڭ قەلبى قانداق سىغدۇرالايدۇ ؟
*$ ئىلىم تەلەپ قىلماق خاھ ئەر كىشى ،خاھ ئايال كىشىگە پەرھىزدۇر .ئىلىم بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى سائادەتكە سەۋەنچىدۇر .

ئويلا ،ئەي جىسىمنىڭ چاكىرى ئىنسان ،
نەپ كۈتمە جىسمىڭدىن زىيان بار پىنھان .
بەخش ئەت جېنىڭغا پەزىلەتتىن كۈچ ،
جىسىم ،ياق ،جاندىدۇر ھاياتتىن نىشان !

*$ توغرا سۆزگە ئىشەنمەي ،خاتا سۆزگە ئىشىنىپ ،ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان مىللەت ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىدىن ئۈمۈد كۈتۈش قىيىن .
* $ گەرچە لاياقەتسىز يەر بولسىمۇ ياخشىلىق تېرىغىن ،ياخشىلىق قەيەرگىلا تېرىلسۇن زايە كەتمەيدۇ . ياخشى ئىشقا گەرچە ئۇزۇن زامان بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭ ھوسۇللىنى پەقەت تېرىغان كىشىلا كۆرىدۇ .
*$ كىتاب ئوقۇغان كىشى تەپەككۇرنى ھەمراھ قىلماي ،كىتابنىڭ شەرھى -ئىزاھىغىلا ئېسىلىۋالسا ، گويا باشلانغۈچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ .
*$ كىشىلەرنى ھۆرمەت قىل ، سەن باشقىلارغا ھۆرمەت قىلساڭلا ، ئاندىن باشقىلاردىن ھۆرمەت كۆرەلەيسەن .

چىراينىڭ ھۆسنىگە تولمىقى بىلەن ،
يىگىتنىڭ پەزىلەت شەرتى تولامدۇ ؟
تۆمۈرنىڭ پارقىراق بولمىقى بىلەن ،
يەمەندىن چىققانغا دەلىل بولامدۇ ؟

*$ كىچەيۇ كۈندۈز مېھنەت بىلەن بولۇپ ئۆز ئابرويىنى ساقلىسا ، مۇنداق كىشى ئەلدىن ئازار كۆرمەيدۇ .ھېچ زامان خار بولمايدۇ .
*$ پەسەندىلەرگە ھەرگىزمۇ مىھرىبانلىق كۆرسەتمە ،ئۇنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ قوتيسەن .قوپاللىق قىل ،ئىتائەت قىلىپ باش ئەگكەن ھالدا ئالدىڭغا كىلىدۇ . شۈھبىسىزكى ،تۆمۈرنى پەقەت ئوتلا يۇمشىتىدۇ .ئەمما ئۇنىڭغا پۇتۇن دېڭىز سۈيىنى قۈيساڭمۇ يۇمشىمايدۇ .
*$ ئەگەر سەن سۈيىڭنى ئەخلەت چۈشكەن دەپ ئىچمىسەڭ ،ئۇسسىز قالىسەن . قانداق كىشىنىڭ سۈيىنىڭ ھەممىسى ساپ بولغان ؟ يەنە قانداق كىشىنىڭ ھەممە ئىشى دۇرۇس دەپ قارالغان ؟ ! كىشىنىڭ ئەيىبلىرنىڭ سانالغانلىقى ئاشۇ كىشىنىڭ پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنىڭ يىتەرلىك ئىسپاتىدۇر .

ھەر قانداق كېسەلگە تېپىلسىمۇ ئەم ،
يوق ھەرگىز ئەخمەقنى ساقايتار مەلھەم .

*$ نەپىس شۇنداق بالادۇركى ، ئەگەر ئەقىل ئۇنىڭغا شاھلىق قىلالمىسا ، ئادەمنى ئىتتىنمۇ پەسلەشتۇرۋېتىدۇ .خۇدا نەپس بالاسىدىن ساقلىغايسەن .
*$ بارلىق نەرسىلەرنىڭ تەمىنى قايتا - قايتا تېتىپ كۆردۈم .لېكىن ،مەن تېتىغان نەرسىلەر ئىچىدە گادايلىقتىنمۇ تەمى ئاچچىق نەرسە يوق ئىكەن . مېنى قايغۇغا سالغان نەرسىلەر ئىچىدە دۈشمەننىڭ شاتلىغىدىن باشقىسىنى تاپالمىدىم .
*$ ئالىم شاگىرتلىرغا ئىلىم ئۈگەتكەندە غەرەزدىن خالىي بولۇپ ،ئۇلارغا ھەقىقىي كۆڭۈل قاراتسا ،زامان ئەھلى نەزىرى تار موللىلاردىن قۇتىلىدۇ .
*$ ئىلىم - مەرىپەتنىڭ قەدىر - قىممىتى بولمىغان جايدا مەرىپەت ئەھلىنىڭ شۆھرىتى يوقىلىپ ، خارۇ زارلىققا يۈزلىنىدۇ .
*$ غەپلەتتە دائىم ئۇخلىماق يوقىلىش ۋە ئۆلۈم يولىدۇر .
*$ كىشىلەرنىڭ ياخشى خىسلەتلىرىنى ھەجىۋىي قىلىدىغان كىشى پەزىلەت ئىگىلىرىڭ يۈرىكىنى ھەجىۋىي بىلەن يارا قىلىدىغانلاردۇر . بۇنداقلارنىڭ ھەجىۋىيسىگە تۈكۈرمەك كېرەك .
*$ ياخشىلىققا يات ، مال - دۇنياغا مايىل بولۇپ ، ئالتۇن كۈمۈشلەرنى كۆزىگە سۈرتۈپ ئۆتكەن غېنىلەر ياخشى يولغا مېڭىشتىن باش تارتقان جىنايەتكارلەردۇر . ئۆز مېلىدىن ئۆشرە - زاكات ئايرىمىغان بايلار خىيانەتكارلەردۇر . بۇنداقلەرنىڭ قولىدىكى مال ئامانەتدارنىڭ قولىدىكى مالغا ئوخشاش ئۆزىگە ئەسقاتمايدۇ ئۇلار ئۆلىدۇ ، مېلى قالىدۇ .
*$ ئەي ئوغلۇم ، جانلىقلارنىڭ ھەممىسىگە رەھىم قىلغىن . ئۇلارغا كۆيۈنۈش ۋە شەپقەت كۆزۈڭ بىلەن باق . ئۇلارنىڭ چوڭلىرىنى ھۆرمەتلە ، كىچىكلىرىگە رەھىم قىل . ھەر بىر ئىشتا ھەممىنى پەيدا قىلغۇچىنىڭ ھەققىگە رىئايە قىل .

ئول ئەدەپ ئىلىمگە بەك بولماق ھېرىس ،
ھەسەلنى كۆپ يېسە تېتىيدۇ ئەمەن .
بولۇپ خار ئەخلاقلىق ، پەزىلەتلىكلەر ،
جاھىللار ئامەتتىن تولۇق بەھرىمان .
*$ دۇنيادا نىيەت - ئىقبالى دۇرۇس ، كۈچ - قۇۋۋىتىمۇ يېتەرلىك نۇرغۇن ئادەملەر ئۆتكەن . ئەمما ئۇلار دائىم ئارزۇلىرىغا يىتەلمىگەن . يەنە نۇرغۇن زەئىپ ، ئاجىز كىشىلەرمۇ ئۆتكەن ، بۇلار ئارزۇ - ئىستەكلىرىگە قېنىپ ، مۇرادى دېگۈدەك ھاسىل بولۇپ ئۆتكەن .
*$ سۆز زىننەتتۇر ، سۈكۈت بولسا خاتىرجەملىكتۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ سوزلىمە . مەن سۈكۈت قىلغىنىمغا بىر قېتىممۇ پۇشايمان يېمىدىم .ئەمما ، سۆزلىگىنىمگە كۆپ قېتىم پۇشايمان يېدىم .
*$ ھازىر ۋە كەلگۈسىنىڭ بەخت - سائادەت ۋە شاراپەتلىرى ياخشى نىيەت ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن ھاسىل بولىدۇ .
*$ بىلىڭلاركى ، بۇ زامان غەپلەت ۋە بىپەرۋالىقنىڭ زامانىسى ئەمەس ، ئويغىنىش ۋە سەزگۈرلىك زامانىسىدۇر . جاھىللىق ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەس ، ئىلىم مەرىپەت دەۋرىدۇر . سۇسلۇق ۋە بىكارچىلىق ۋاقتى ئەمەس ، تىرىشىش ۋە غەيرەت - ئىجتىھات ۋاقتىدۇر .
*$ گۈل شۇنچە باراقسان ھەم خۇش پۇراق ئېچىلغان بولسىمۇ ، ئاخىر توزۇپ چېچىلىشتىن خالى قالمىدى . ئادەمنىڭ ئۆمرى شۇ گۈلنىڭ ئېچىلىشىدىن توزىغانچىلىك ۋاقتىدۇر ، مۇشۇنچىلىك ۋاقىتنى غەنىمەت بىلمەي ، كۆڭۈللەرنى ئورۇنسىز رەشك - ھەسەت زەرداپلىرى بىلەن ئۇپرىتىشتىن بىزگە نىمە پايدا بار ؟
*$ ئىلىم بىلەن نىجات تاپ ، مەڭگۈ ياشنايسەن .
*$ ئىنسانلارنىڭ ياخشىسى كىشىلەر ئۈستىدكى ئېغىرچىلىقنى ئىرغىتىپ تاشلاپ ، مەنپئەت يەتكۈزگەن كىشىدۇر .ئەگەر قادىر بولالىساڭ ، كىشىلەر ئارىسىدا ياخشى ئىشلاردىن باشقىنى قىلما . بارلىق يامان ئىشلاردىن يىراق بول .
*$ ھەر كىمنىڭ يامان ئاقىۋەتكە قېلىشىغا ئۆزىنىڭ پېئىل - ئېتىبارى سەۋەپچىدۇر .
*$ ئىتتىپاق بۆلۈنمەسلىكتۇر ، ئىلگىرلەش چىكىنمەسلىكتۇر .
*$ سۇئال : ئىنساننىڭ بەىت - سائادىتى ۋە ئۇلۇغلۈقى نىمە بىلەن بولىدۇ ؟
جاۋاپ : ھەقىقەت ۋە راستچىللىققا ئەگىشىپ ، ئەمەل قىلماقلىق بىلەن بولىدۇ .
*$ كىشىلەرنىڭ قولىدىكى نەرسىلەرنى تەلەپ قىلغۇچى بولما ، دوستلار سەن بىلەن ئۇچرىشىپ قىلىشتىن قورقىدۇ . شۈھبىسىزكى ، خارلىق دېگەن كىشىلەردىن بىر نەرسە سوراشتۇر . گەرچە سېنىڭ سورىغىنىڭ <يول نەدە ؟> دىگەن سۇئال بولسىمۇ .
*$ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ پۈتمەس - تۈگىمەس بايلىقلىرى ھىممەتلىك ئىنسانلارنىڭ مېھنەتچان قوللىرى ئارقىلىق دۇنيانىڭ گۈزەللىكى ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان . شۇڭا ، بىزنىڭ قىلىۋاتقان ۋە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمىزمۇ دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈزەللىكى ئۈچۈن بولىشى كېرەك .
*$ ئەي ئالىي مەرتىۋە ئىگىللىرى ، ئالاىيلىق بىلەن مەغرۇرلانماڭلار . كالا بىلەن چۆرگىلىدىغان بۇ دۇنيا قانۇنىيەتسىز ئەمەس .
*$ ھەر قانداق بىر ئىش ياخشى نىيەت بىلەن بولمىسا ، ئۇ قىلچە پايدا بەرمەيلا قالماستىن ، بەلكى يامان ئاقىۋەتكە گىرىپتار قىلىدۇ .
*$ سۇئال : مىللەتنىڭ خار ۋە زەبۇن بولمىقىغا سەۋەپ نېمىدۇر ؟
جاۋاپ : ئىككى نەرسىدۇر :
بىرى ، بىلىمسىزلىك ۋە نادانلىق .
ئىككىنچىسى ، تەپرىقىچىلىق ۋە ئىختىلاپتۇر .
ھەر قانداق قۇۋۇم ۋە مىللەتنىڭ خارلىق ۋە قۇللۇققا چۈشۈپ قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ نادانلىق ۋە ئۆز ئارا ئىتتىپاقسىزلىقتۇر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-29 12:40 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84572
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 133
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2012-9-1
ئاخىرقى: 2012-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 07:12:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئابدىقادىر دامۇللام ئۈگۈتلىرى 2

&. شۇنداق كىشىمۇ باركى ، ئۆزىنىڭ مىسچىلىك قەدرى بولسا ،ئالتۇن بىلەن باراۋەر قويار .ئازراق بىر نەرسە بىلسە ،ئۆزىنى ئەفلاتوننىڭ قاتارىغا قويار .تەقۋالىقتا ئۆزىنى خەلىپە مەئىمۇننىڭ قاتارىغا قويار .ئەمما بۇرادەرلىرى ئۇنىڭ ئازارىدىن قان يۇتار . خۇدا ، مۇنداق كىشىلەرگە ھەرگىز مۇھتاج قىلمىغىن .
&. قەلەم ئەھلىنىڭ ئەدىل -ئىنساپلىق بولغىنى ( بۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ھىچكىمگە ئەلەم يەتمىسە ) ھەممىدىن ئەلا .
&. نىيەت قانچە ياخشى بولسىمۇ ، پايدىلىق ئەمىليەت بىلەن بىرلەشتۇرۇلمىسە ، كامالەتكە يىتەلمەيدۇ .
&. قانەئەت ئەھلى (ئەھلى قانە ) ئەل ئىچىدە كىشىلەرنىڭ ئەلالىرىدىن سانىلىدۇ . ھەرقانچە ئىززەتلىك ،ئېسىلزادە كىشى بولسىمۇ تەمەخور بولسا ، ئىززىتى نابۇت بولىدۇ .
&. ئەقىل ،بىلىم ۋە ئەخلاق خارلانغان جايدا ،نەپس ۋە نادانلىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىشى مۇقەرەر .
&. بىز ئۈچۈن قىممەتلىك نەق بايلىق ھېساپلىنىدىغان ئۆمرىمىز ئەتىگەندىن كەچكىچە ئايىغى چىقمايدىغان رەشىك خۇسۇمەتلەر ئىچىدە ئېقىن سۇدەك ئۆتۈپ كەتتى . بىز بولساق ، بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرغىچىلارغا پىسەنت قىلماي غەپلەت ئىچىدە ياشاۋاتىمىز .
&. دۈشمىنىڭدىن بىر قېتىم ئىھتىيات قىلساڭ ، دوستۇڭدىن مىڭ قېتىم ئېھتىيات قىل . كۈنلەرنىڭ بىرىدە دوستۇڭ دۈشمەنگە ئايلىنىپ قالسا ، زىيان سېلىشتا دۈشمەندىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ چۈشىدۇ .
&. مېنىڭ يۇرتۇم ماڭا زۇلۇم قىلغان تەقدىردىمۇ سۆيۈملۈكتۈر . مېنىڭ خەلقىم ماڭا بېخىللىق قىلغان تەقدىردىمۇ سېخىدۇر .
&. كىشىلەردىن ئۆزۈڭنى چەتكە ئېلىپ ، ھەقنىڭ يادى بىلەن ياشا ، ئاندىن كىشىلەرنى خالىغانچە سىناپ كۆر . ئۇلارنىڭ ئارىسىدا چايانلارنىڭمۇ بارلىقىنى بايقايسەن .
&. ئەگەر كۆزۈڭ باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى كۆرسەتسە ، سەن ئۇ كۆزۈڭگە <باشقىلارنىڭمۇ كۆزى بار > دېگىن . ئەگەر ئەقىل ئىگىسى بولساڭ ، باشقىلارنى ئەيىبلىمەيتتىڭ .ئەگەر ئۆزۈڭدىكى ئەيىبنى كۆرەلىسەڭ ، بۇ ئەيىبىڭ بىلەن جىم بولاتتىڭ .
&. مۇھەببەت ۋاپادارلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس ، مۇھەببەت ئەھلىگە گۈزەل ئەخلاقلىق ، ئېسىل تەبىئەتلىك كىشىلەردىن باشقىسى كېرەك ئەمەس .
&. ھەر بىر ئىش تىرىشچانلىق ۋە ئېجتىھات بىلەن بەرپا بولىدۇ .
&. كۆڭلىدە باشقىلارغا قارا ساناپ ،ھىيلە -مىكىر بىلەن ياشىغان كىشى كېچە - كۈندۈز ئىبادەت قىلىپ ، ئاجىزلارغا خەير - ساخاۋەت قىلىپ تۇرغان بولسىمۇ ، ھەقنىڭ ئالدىغا بارغاندا ئۇنىڭ ھالىغا ۋاي !
&. قوشنىلارغا پېشكەللىك يەتسە ياردەم بەرمەسلىك قوشنا ھەققىنى ئادا قىلمىغانلىقتۇر .
دوست دىگەن ساماندەك سەيلىدە ، باغدا ،
ئايرىلۇر دوست - دۈشمەن ئەڭ قىيىن چاغدا .

&. بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان چاغدىكى يىغىسى دۇنيانىڭ ئۇنىڭغا ئۆزىدىكى ھادىسلەرنى بىلدۈرگەنلىكى بولىدۇ . ئۇنداق بولمىسا ، قورساقتىن دۇنيانىڭ كەڭرى ياخشى جايىغا چىقىپمۇ يىغلىغىنىنىڭ سەۋەبى نىمە ؟ بالا دۇنيانى كۆرۈپلا دۇچ كىلىدىغان ئازاپلارنىڭ تەھدىتىنى ھېس قىلغاندەك يىغلاپ كېتىدۇ .
&. دەۋر بىر خىل ھالەتتە تۇرمايدۇ ، بەزىدە ئالدىنى قىلىدۇ ،بەزىدە ئارقىسىنى قىلىدۇ . ئەگەر ئۇ سېنى سەن ياقتۇرمايدىغان ئىشلارغا ئۇچراتسىمۇ سەۋر قىل ، چۈنكى دەۋر سەۋر قىلمايدۇ .
&. قەلەم ئەھلىنىڭ ئاچ كۆز بولغىنى ھەممىدىن يامان . ئۇنداقلار نەپىسنىڭ خاھىشى بىلەن بىرىنى يىغلاتسا ،بىرىنى كۈلدۈرىدۇ . بۇنداقلاردىن قايتا - قايتا ھەزەر قىلماق كېرەك .
&. بىراۋنىڭ ۋەسفىنى قىلغان شائىر شۇ كىشىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان ھەقىقىي سۈپەتلىرىنى مەدھىيلىگەن بولسا ، شۇ شائىر دوسلۇققا يارايدۇ . بۇ خىلدىكى شائىرلار ھەقىقىي ئەقىل ئىگىللىرىدۇركى ،ئۆزىنىڭ يازغانلىرىدا ئەيىب - نۇقسان بار - يوقلۇقىغا ئالاھىدە دىققەت بىرىدۇ ،ئەيىب -نۇقسانلىرىنى تۈگىتىشنىڭ كويىدا بولىدۇ .
&. سۇئال : ئىززەت - ئابروي ۋە كۈچ - قۇۋۋەت دىگەن نىمە ؟
جاۋاپ : ئىلىم - مەرىپەت ئۈگنىش ۋە ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىق بىلەن بولىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن جانابى ھەق بىزلەرنى ئىتتىپاقلىققا ئەمىر قىلغاندۇر :< ھەممىڭلار ھەقنىڭ ئارغامچىسىغا مەھكەم يېپىشىڭلار ، بۆلۈنمەڭلار >.
&. كىمىكى ئۆزىنى خۇشال قىلىدىغان ئىشلار ئۈچۈن دۇنيانى ماختىسا ، قەسەم قىلىمەنكى ھېچقانچە ئۆتمەيلا ئۇنى ئەيىبلەيدۇ . ئەگەر دۇنيانىڭ قولىدىن كەتكەنلىكى ئۇنىڭ ھەسرىتى بولسا ، كەلگەنلىكى ئۇنىڭ غېمىنى كۆپەيتىدۇ .

بەزىلەر بار <گەرچە گۇناھ مەندە تۇرۇپ ،
قاپ كۆتۇرۇپ نەگە باراي ؟ >دېمەيدىغان .
خورجۇننىڭ ئالدىنىلا كۆرۇپ لېكىن ،
<ئارقا كۆزىدە نە بار ؟ > دەپ غەم يىمەيدىغان .
&. ئەمالارنى دۆت دەپ ئەيىبلىمە .بۇ مەسىلىدە دەنالارنىڭ سۈكۈت قىلىشى توغرىدۇر . سەن قارغۇلاردىن ھايا كۈتمە . چۈنكى ، ئۇنىڭدىكى ھايانىڭ ئورنى خارابتۇر .

پەيتى كەلسە ياخشى مالدىن كەچسەڭ بىراق ،
ئابرۇرۇڭ مەڭگۈ سەندىن كەتمەس يىراق .

&. خارلىق ھاياتتىن ئۆلۈم گۈزەلرەك . چۈنكى بەزى نومۇسسىز ئىشلارنى ھېچقانداق كىشى ئۆچۈرەلمەيدۇ .
&. ئەگەر مەن بىرەر نەرسىدىن ھەيران قالدىم دىسەم ، ياشلارنىڭ قەدىر- قىممەتسىز ئىش - ھەركەتلىرى مېنى ھەيران قالدۇرغان بولىدۇ .
&. بوۋاقنىڭ تۇغۇلغاندا ئالقىنىنى يۇمۇۋالغانلىقى ھاياتلىقتىكى ھېرىسمەنلىكنىڭ بېشارىتىدۇر . ئۆلەر ۋاقتىدىكى ئالقىنىنى ئېچىپ قويغانلىق بولسا ،<ئاگاھ بولۇڭلار ، مەن دۇنيادىن ھېچنەرسە ئالماي كەتتىم > دىگىنىنىڭ بىشارىتىدۇر .

باق ئوغلۇم خەلقىڭگە ئىللىق كۆز بىلەن ،
ھەم كۆرسەت مېھرىڭدىن لۇتفى ئىنايەت .
كىچىككە رەھىم قىل ، چوڭىغا ئىززەت ،
خەلق ئەتكەن ھەققىگە قىلما خىيانەت .
&. ئەگەر سەن ئەقلىڭنى توغرا ئىشلىتەلىسەڭ ، ياتقان ئورنۇڭ كېچىدىمۇ ئەقىل نۇرى بىلەن دائىم يورۇپ تۇرىدۇ .
&. بىزنى تۇغۇپ ئۆستۈرگەن ،ئاق سۈت بېرىپ چوڭ قىلغان ، ئوقۇتۇپ موللا قىلغان ، بۈگۈنكى كۈندە بېشىدا كۆتۈرۈپ ئابرۈي قىلىۋاتقان ئەزىز يۇرتىمىشنى ، ئۇلۇغ خەلقىمىزنى ھەر قاچان ئۇنتۇپ قالماسلىغىمىز لازىم .
&. بىر مىللەتتە ئۇلۇغ ئىتتىپاقلىققا يىتەكلۈگۈچى مەنىۋى رەھبەر بولمىسا ،بۇ چوقۇم كىشىللىرنىڭ چېچىلغىنى چېچىلغان .
&.ئەيىبلىك كىشىلەرنىڭ ئەيىبى بىلەن ، پەزىلەت ئىگىللىرنىڭ پەزىلىتىنى خەلق بىلمەمدىكەن دەپ قالما . چۈنكى خەلق ئەڭ ئادىل نازارەت قىلغۇچىدۇر .
ئىنساندىكى ئەڭ يامان ئىش ئۆزىنىڭ ئەيىبىنى ئۇنتۇپ قېلىش ۋە قېرىندىشىدىكى يېپىلىپ قالغان ئەيىبلەرنى تىلغا ئېلىپ يۈرۈشتۇر .ئەگەر ، ئىنسان ئەقىل ئىگىسى بولغان بولسا ، ئۆزىگە قارىسا يېتەرلىك ئەيىبلىرى تۇرغان يەردە باشقىلارنى ئەيىبلىمىگەن بولاتتى .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-29 12:08 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84572
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 133
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2012-9-1
ئاخىرقى: 2012-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 07:16:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئابدىقادىر دامۇللام ئۈگۈتلىرى 3

&. بېخىللىق ،نامەردلىك ،ھىممەتسىزلىك ،ساخاۋەتسىزلىكلەر ئاللاتائالانىڭ بېخىل بايلارغا بەرگەن ئالىي جازاسىدۇر. ئۇنداقلار ئۆمۈرۋايەت پۇل -مالغا ھېرىس بولۇپ ، شۇنىڭ كويىدا ،شۇنىڭ غېمىدە ،شۇنىڭ تەشۋىشلىرى ئىچىدە ئازاپ چېكىپ ئۆتىدۇ .
ئاقىل شۇكى ئۆز ئەيىبىنى كۆرەر ئالدىن ،
يوق ئۆزگىگە ئازار يەتمەك دەل شۇنىڭدىن .
&. دۇنيادا ئىتتىپاقلىشىپ ، بىر ياقىدىن باش چىقارغان ئەل كۆزلىگەن مەقسەتكە مۇقەررەر يېتىدۇ .
&. مۇشەققەتلەردىن كېيىن ئارزۇلارغا يېتىش مۇقەرەردۇر .
&. تارىخ قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا ، بەدەۋىيەتتىن مەدەنىيەتكە ،قالاقلىقتىن تەرەققىياتقا ، قاباھەتتىن گۈزەللىككە قاراپ راۋاج تاپقان .
&. داۋالاش قېيىن بولغان كېسەلگە سەۋر داۋا بولىدۇ .
&. ئۆمرىدە مېلىغا ئاپەت تەگمىگەن ، دۆلىتى زىيادە بولغان سودىگەر ئۆز مېلىدىن ۋاقتىدا ئۆشرە - زاكات ئايرىيالمىغان ، غېرىبلەرنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇرالمىغان ،ئاچلارنى ۋاختىدا تويغۇزالمىغان ، يالىڭاچلارغا تون ياپالمىغانلاردۇر .
&. ئەقلىڭدىن مەسلەھەت سورا ، ئەقىلدىن باشقىسىنى كېرەكسىز ھېسابلا .
&. دۇنيادىكى بىردىن بىر ئۇلۇغ كىشى دۇنيادا باشقىلارغا تايانمايدىغان كىشىلەردۇر .
&. ئاي ئۆزىنىڭ سەۋر قىلىشى بىلەنلا ئۇلۇغلىققا ، ئالىي مەنزىلگە ۋە گۈزەللىككە ئىگە تولۇن ئايغا ئايلانغان .
باشقىلارنىڭ ئەيىبىدىن تىلىڭنى يىغ ،
بار ئۇنىڭمۇ تىلى ، ساڭا قارالغان تىغ .
&. سۆزنى گىرامماتىكا بىلەن گۈزەللەشتۈر ، چۈنكى سۆز قائىدىسىدىن مەھرۇم بولغان كىشى سۆزىنى بۇزىدۇ .
&. سۆزلەيدىغان ئورۇننى تاپساڭ ،چوقۇم كەڭ تاشا سۆزلە . ئەگەر سۆزلەيدىغان ياخشى سۆزنى تاپساڭ ، ئايىماي سۆزلە . چۈنكى ، كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىلىم ۋە قابىليىتىگە يارىشا ئۇ سۆزلەردىن توغرا چۈشەنچە ئالىدۇ .
&. ناۋادا رازى بولسام دوستلىرىمنىڭ ئەيىبىنىڭ ھەممىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسىم ئەيىبلىرنىمۇ كۆرمەيمەن . خۇددى نەپرەت كۆزى ئەيىبتىن باشقىنى كۆرمىگەندەك دوستلۇق كۆزى ئەيىبلەرنى كۆرۈشتىن ئاجىزدۇر .
&. ئېرىنىڭ پەرمانىدىن چىقماي ، ھەم مۇسۇلمانچىلىق ،ھەم روزىغار خاتونلۇق بۇرچىنى ئادا قىلىش بىلەن بولغان ئاياللارنى ئىنسان ئەمەس ، بىھېشنىڭ ھۆرى دەپ بىلمەك كېرەك .بۇ خىلدىكى خوتۇنلارغا ئەر بولغانلارنىڭ ئىقبالى ھەر قاچان يورۇقتۇر .
&. قاچانكى ، ئەھلى ئىسلامنىڭ ئەخلاقلىرى بۇزۇلسا ، ياخشى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا نۇخسان يېتىدۇ ،ئىتتىپاقلىق يوقۇلىدۇ . ھورۇنلۇق ،بىكارچىلىقلار ، زۇلۇمۋە خىيانەتچىلىكلەر كۆپىيدۇ .ئىلىم - مەرىپەت كېمىيىپ ، شان - شۆھرەت خارۇ زارلىققا ئالمىشىدۇ .
&. قايغۇ - ھەسرەت يېقىنقى خۇشاللىقتىن بىشارەت بىرىدۇ .
&. مەن شۇنداق كىشىمەنكى ،سەمىمىيلىك ۋە ئەدەپ - ئەخلاق مىنىڭ تەبىئىتىمدۇر .ئارتۇقچىلىق ،ئەخلاق ۋە ھىكمەتلەر مەندە باردۇر . سېخىيلىغىم كاتتىلىق شەرىپىمنىڭ دەلىلىدۇر . خىسلەتلىرىمنىڭ ئەڭ ئەقىللىيسى خەير -ئېھسان قىلىش ۋە سېخىيلىق قىلىشتۇر . دانالىق ،ئېھتىياتچانلىق ، ئىشەنچ ، بىلىم ۋە ئىشتىياق ،ئىلىم -ئېرپان ۋە ھېكمەتلەرمۇ مېنى تونۇيدۇ .
&. ھەۋەس دىگەنمۇ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ۋاپادارلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس . ئۇنىڭغا پەقەت كاتتا ، ئۇلۇغ ،سېخىي ئادەملەرلا لايىق كېلىدۇ .
&. مەن پاك يىگىتمەن ، مېنىڭ مەدھىيلەشكە تىگىشلىك ئىپپەتلىك بولغان ياخشى ئەخلاقىم تاكى ماڭا كېپەن ھەمرا بولغانغا قەدەر مەندىن ئايرىلمايدۇ .
&. ئەگەر گۈزەللىك ئىگىللىرى سۇيقەسىت ئىشلىتىدىغان بولسا ، ھاۋايى ھەۋەس ئىگىللىرىنى تولۇق ئىگەللەپ ،ئۇلارغا باشلىق بولالايدۇ .
&. ھارقانداق ئاساۋ ئاتقا يۈگەن بار . لېكىن ۋاقىت دېگەن ئاساۋ ئاتنى ئارقىسىغا ياندۇرغىلى بولمايدۇ .
مالامەتچى ئەزۋەيلىدىڭ بىھۇدە ،
بەك قارايسەن مۇھەببىتىڭ قىبلەڭمۇ ؟
مەنمۇ دېدىم ئەزۋەيلەپسەن شۇنچە قىپ ،
تىڭشىغۇدەك سېنىڭ سۆزۈڭ قۇرئانمۇ ؟
&. خاتىرجەملىكنى سۆيۈش ئادەمنى ئۇلۇغۋار ئىشلاردىن توسۇپ ،ھورۇنلۇققا ئۈندەيدۇ .
&. مەن ئۆز قەدىر - قىممىتىمنى تونۇغانلىقىم بىلەن قىممەتلىكمەن .
&. ئارزۇنىڭ چەكسىزلىكى بولمىسا ، دۇنيا نېمەدىگەن تار - ھە !
&. سۈكۈت قىل ، سۈكۈت ئازغۇنلىقتىن نىجات بەرگۈچىدۇر .
&. مەن دەرەخ شاخلىرىدىن < نىمە ئۈچۈن قىشتا يالىڭاچ بولىۋېلىپ ، يازدا كىيىم كىيىپ ئوتتۇرغا چىقىسىلەر ؟ > دەپ سورىسام ، شاخ :<كۈزدە باھار كىلىش ئالدىدا دەپ ئاڭلاپ ، بۇ خوش خەۋەرنى يەتكۈزگىچە سۆيۈنچە قىلىپ كىيىمىمىزنى بېرىۋىتىدىكەنمىز > دېدى .
&. ئۆز ئىشىغا پۇختا بولۇپ ، ھۈنەرنى راستلىق بىلەن قولدىن چىقارغان كاسىپ ئۆمرىدە كەسپى ۋەجىدىن كېلىدىغان ئۇياتتىن خالىيدۇر . بۇ خىلدىكى كاسىپلار ھەر قاچان ھەر يەردە ئېتىبارغا مۇشەررەپتۇر .
لېكىن شۇنداقمۇ كاسىپلار باركى ، كېچەيۇ كۈندۈز كەسپى كارىغا مەشغۇل بولۇپمۇ ، ئىلۆىدە تۈزۈكمۇ پۇل تۇرمايدۇ ، كەسىپ كارى ئىلگىرى باسمايدۇ .بۇنداقلار ھۈنەرنى ھىيلە بىلەن بىللە قوشۇپ ساتىدىغانلاردۇر.
&. شۇنداق خوتۇنلار باركى ، بىھايا ۋە بىنامازلىقتا ئالدىدا تۇرىدۇ ، زۇۋاندارلىقتا ھېچكىم ئۇلارغا يېتىشەلمەيدۇ . بۇ خىلدىكى ئاياللارنىڭ ئەرلىرىنىڭ كۆڭلى ھەر قاچان پاراكەندە تۇرىدۇ . مۇنداق ئاياللار ئەرلەر ئۈچۈن ئاپەت بولۇپ ھەرقاچان ھەزەر قىلماق لازىمدۇر .
&. دۇنيادىكى ئېغىرچىلىقلار ئىچىدە ئىستىقبال قايغۇسى ھەممىدىن ئېغىر .
&. بىزدە دىن ئوقۇغان موللىلار يۇرتنىڭ ياخشى تائامىنى يەپ ، سەدىقە - ئېھسانغا دۇئا قىلىپ ئۆتىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا خالىسانە ئورۇندايدىغان ھېچقانداق مەجبۇريىتى يوقتەك يامان بىر ئادەت شەكىللەنگەن . بۇ ئادەت تۈپەيلى بىچارە خەلىق جاپالىق ئەمگەكلەرنى قىلىپ ، تاپقان تەرگىنىنى بىز موللىلارغا يىگۈزۈش ، ئالدىغا قويۇپ ، دۇئا ئېلىشقا ئادەتلەنگەن بولسا ،بىز موللىلارمۇ ئۇلارنىڭ ياخشى تائاملىرىنى يەپ -ئىچىش ، نەرسە - كېرەكلىرىگە دۇئا قىلىشقا ئۈگۈنۈپلا كەتتۇق . ئەمىليەتتە بۇ ئىشلىرمىز ئۆز ئەقىدىمىزگە خىلاپ . چۈنكى ، نەزىر تائاملىرى ۋە سەدىقە - ئېھساننىڭ ھەقلىق ئىگىسى مىسكىنلەردۇر .
&. بىزنىڭ شانلىق تارخىمىز ، سەلتەنەتلىك دەۋرانىمىز ،روناق تاپقان زامانلىرىمىز بولغان . لېكىن ، بۇ ئۆتكەنكى تارىخ . ھەر ئەۋلاد ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋردە تىرىشىپ - تىرمىشىپ بىر ئىش قىلىشى ، تارىخ يارىتىپ ئىلگىركى تارىخقا ئۇلاپ مېڭىشى لازىم . بىزمۇ ھەم شۇنىڭ ئىچىدە .
&. ئەۋلادىڭلارنى باشقا بىر زامان ئۈچۈن تەقدىم ئېتىڭلار . چۈنكى ،ئۇلار سىلەر ياشىغان زاماندىن باشقا بىر زاماندا ياشىماق ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەنلەردۇر .
&. سالام ياخشى يولغا ماڭغان كىشىلەر !




ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85463
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 93
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2012-9-27
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 08:09:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 2091
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13554
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3117 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 08:16:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ تەشەككۈر !اللە ئىلىمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن ، امىن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79364
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5673
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 151 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 08:17:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ihlasmanyigit يوللىغان ۋاقتى  2012-9-28 07:16 PM
&. بېخىللىق ،نامەردلىك ،ھىممەتسىزلىك ،ساخاۋەتسىزلىكلە ...

يەتكۈزۈلۈشكە تېگىشلىك،ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز ئۈگۈتلەر...ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2836
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13792
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1075 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 08:19:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىسىنى ساقلىۋالدىم   .  
     ھەقىقەتەن ياخشى تېما  ئىكەن  ،  رەھمەت   .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 395
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4216
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 213 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 08:41:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر دوستۇمدىن ئاڭلىسام ئابدۇقادىر داموللام قېيامەت كۈنى ئەڭ ئازاپقا دۇچار بولغىچېلار بالىلىرنى نادانلىقتا قالدۇرغان ئادەملەردىگەن گەپنى ئاڭلىدىم دەيدۇ ،

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 772
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13485
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 5305 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2012-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 09:00:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكى بەخت ھەم نۇرلۇق بولغاي .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58154
يازما سانى: 618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5830
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 09:25:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەڭرىنىڭ ئىنسانغا كۆپتۇر تارتۇقى ،
ئەقىل ۋە ئەدەپتىن يوقتۇر ئارتۇقى .
ئەقىل ۋە ئەدەپ ھەر ياشنىڭ جامالى ،
ئۇنىڭسىز بولماس ھاياتنىڭ كامالى .
پەزىلەت كۆپ ئېرۇر بۇ ئالەم ئارا ،
ئىلىمدۇر ھەممىدىن ئەليۇل ئەلا.
ئىلىمدۇر بىباھا ،قازسا پۈتمەس كان ،
ئىلىمدىن باشقىسى كىمگە ئەسقاتقان ؟
ئىلىملا نىجاتلىق بىرەر مەڭگۈلۈك ،
بىلىملىك ھاياتتۇر ،جاھىللار ئۆلۈك .
ئى ياش بىل جاھىللىق نومۇستۇر بىشەك ،
نادانلىق زۇلىمىغا رازىدۇر ئېشەك .

مەن مۇشۇ مىسرالىرىنى ئىزدەپ يۈرگىلى نەچچە ئاي بولغانتى ......بەك خۇش بولىۋاتىمەن رەھمەت سىزگە!

سەنمۇ قويساڭ ئۈمۈدۈڭنى نەۋرىگە
  مەنمۇ قويسام ئۈمۈدۈمنى نەۋرىگە
  نەۋرىلەردىن نەۋرىلەرگە يۈكلىنىپ
  كۆمۈلمەمدۇ ئۈمۈدىمىز قەبرىگە ?

  
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش