بۇران چاپقۇنسىز دىڭىزدا ھەر قانداق ئادەم يول باشلىغۇچى بولالايدۇ.
لىكىن ئاپتىپى بار ، سايىسى يوق، خۇشاللىقىلا بار، قايغۇسى يوق ھاياتنى ھەقىقى ھايات دىگىلى بولمايدۇ، ئەڭ بەختلىك ھىسابلىنىدىغان ئادەمنى ئېلىپ ئېيتايلى، ئۇنىڭ بەختى چىگىلىشىپ كەتكەن بىر كاللەك يىپ. ھاياتتا قايغۇ بىلەن بەخىت قوشكىزەك ئۇ بىزگە ئاچچىقنىمۇ، تاتلىقنىمۇ تېتىتىدۇ. بەزىدە ھەتتا ئۈلۈممۇ كىشىلىك ھاياتنى تېخىمۇ سۈيۈملۈك مەنىگە ئىگە قىلىدۇ. كىشىلەر ھاياتنىڭ جىددىيلىك ۋە تىرەنلىكىدە، قايغۇ ئەلەم ۋە پىراق ئازاپنىڭ سايىسىدە ھەقىقى ئۆزلۈككە يېقىنلىشالايدۇ.
بىز ھەممىمىز يىراق مەنزىلگە قاراپ كىتىپ بارغان ئادەملەردۇرمىز.ئالدىمىزدە بىزنى قانداق ئىشلار كۈتىۋاتىدۇ، ۋە قانداق ئىشلار يۈز بىرىدۇ. بۇنىسىنى ھىچىكىم پەرەز قىلالمايدۇ. بىز پەقەت ئالدىمىزغا بىر قەدەم تاشلىساقلا، ھامىنى نىشانىمىزغا يىتىپ، ئۆز بەختىمىزنى تاپالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىشىمىز كىرەك.
پەقەت ھامان بىر كۈنى ئۈلىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ تۇرغاندىلا ئاندىن دۇنيادا ياشاشنىڭ تۇلىمۇ بىباھا بۇلىدىغانلىقىنى تۇيۇپ يۈرگىلى بۇلىدۇ.
مۇھەببەتتە مەغلۇپ بولغان ئوغول بالىنىڭ ئاغزىدا قىز ۋاپاسىز، قىز بالىنىڭ ئاغزىدا ئوغول ۋىجدانسىز.
ئادەم دىگەنددە تارتىنچاقلىق بولسا بۇلىدۇ. لىكىن بەزى يەردە تارتىنچاقلىق قىلىپ قويسا مەڭگۈ پۇشايماندا قالىدۇ.
باشقىلارغا ھەددىدن ئارتۇق ئىشىنىپ كەتمە.
باشقىلارغا ئالدىراپ ئىچكى سىرىڭنى ئېيتما.
باشقىلارنىڭ نەرسە-كىرىكىنى سوراش ئىككىلا تەرەپكە روھى بېسىم ئېلىپ كىلىدۇ. شۇڭا يەڭگىلى بولىدىغان قىيىنچىلىقنى ئامال بار ئۆزىڭىز ھەل قىلىڭ. ئامال بولمىغاندا، ياخشى دوستىڭىزدىن ياردەم سوراڭ.
بەختسىزلىككە ئۇچىرساڭ بىرلا نەرسىگە تىكىلىۋالما. بەلكى سىنى ئۈمۈدلەندۇرگۈدەك ئىككىنجى، ئۈچۈنجى نەرسە بۇلۇشى مۇمكىن. شۇنداق قىلالىساڭ مەغلۇپ بولساڭمۇ چۈشكۈنلىشىپ كەتمەيسەن. يىقىلىپ چۈشكەندە:<<مەن بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ يىقىلىپ چۈشكەن، بۇنىڭدىن كىيىنمۇ يىقىلىپ كەتسەم ئورنۇمدىن دەس تۇرالايمەن>>دىيەلىشىڭ كىرەك. سانسىز قېتىم يىقىلىشلار سانسىز قېتىم ئۆرە تۇرۇشنى ئۈگىتىدۇ. بىلگىنكى نەدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىرساڭ شۇ يەردە ئورنىڭدىندەس تۇر!
بەزى كۆزلەر مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە يۇمىلىپ قالىدۇ.
بەزى كۆزلەر قىيىنچىلىق توغىرا كەلگەندە ئالىيىپ قالىدۇ.
بەزى كۆزلەر پۇل-مالنى كۆرسە قىزىرىپ قالىدۇ.
بەزى كۆزلەر سوغا- سالامنى كۆرسە ئويناپ كىتىدۇ.
بەزى كۆزلەر باشلىقنى كۆرگەندە يىلىنىپ ياشلىنىپ كىتىدۇ.
بەزى كۆزلەر ۋاقتى كەلگەندە ياش تۆكىدۇ.
بەزى كۆزلەر ۋاقتى كەلگەندە چەكچىيىپ قالىدۇ.
مەنبە:خاتىرەمدىن ئۈزۈندىلەر (يىغىپ ساقلىۋالغانلىرىم).