بەك مۇكەممەل بولۇپ كېتىشىڭىز ھاجەتسىز
بىز ئەلۋەتتە ئەڭ ياخشى قىلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك، ئەمما كىشىلەرنىڭ مۇكەممەللىكنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. بىز يۈز تۇتۇۋاتقان ئەھۋال شۇنچە مۇرەككەپ تۇرسا، بۇ جەرياندا كىشىلەرنىڭ خاتالىق چىقارماسلىقى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.
شۇنداقتىمۇ، بەزى ۋاقىتلاردا كىشىلەر ئۆزلىرىدىن كېتىپ قالغان سەۋەنلىكلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلالمايدۇ. بەلكىم بىزنىڭ ئاتا - ئانىلىرىمىز بىزنىڭ مۇكەممەل، سەۋەنسىز، ئېۋەنسىز بولۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىشى مۇمكىن؛ بەلكىم دوستلىرىمىز ھەر دائىم بىزنىڭ كەمچىلىكىمىزنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەسلىكى مۇمكىن، چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ بۇ كەمچىلىكلىرىمىزنى تۈزىتىشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ چۈشىنىشى ئىنتايىن تەس بولغىنى شۇكى، بىزنىڭ خاتالىقلىرىمىز ئۇلار ئەڭ ئاجىز چاغدا، ئۇلارنىڭ جېنىغا ئۆتكەنلىكىدۇر. بۇ بىزنى خىجالەتتە قالدۇرىدۇ. ئەمما ئۆزىمىزنىڭ سەۋەنلىكىنى ئۈستىمىزگە ئېلىشتىن ئىلگىرى، بىز چوقۇم ئۆزىمىزدىن شۇ سەۋەنلىكلەرنى بوينىمىزىغا ئېلىپ تۈزىتىشىمىزدىن ئىبارەت شۇ يۈكنى بىز چوقۇم يۈدۈشىمىز كېرەكمۇ؟ دېگەننى سورىشىمىز كېرەك.
بەلكىم بىز دەل يوقاتقانلىقىمىز ئۈچۈن، مۇكەممەل بولۇۋاتقاندىمىز. بىر مۇكەممەل ئادەم، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، رازى بولۇشنى بىلمەيدۇ. ئۇنداق ئادەم ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىنىڭ ئۆزىدە بولمىغان شۇ نەرسىلەرنى ئۆزىگە ئېلىپ كەلگەنلىكىدىن خۇرسەن بولۇشنى بىلمەيدۇ.
ئۆزىنىڭ مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولالمايدىغان ئارمانىنى تاشلىۋېتەلىگەن كىشى ئەڭ مۇكەممەل ئىنساندۇر؛ ئۆز يېقىنلىرىنى يوقىتىش ئازابىغا باتۇرلارچە يۈز تۇتالىغان كىشى ئۇ مۇكەممەلدۇر ــــ چۈنكى ئۇلار ئەڭ ناچار كەچمىشلەرنى بېشىدىن كەچۈردى ھەمدە بۇ ئازابلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتكۈزەلىدى.
ھايات ھەرگىزمۇ تەڭرىنىڭ سىزنى ئەخمەق قىلىش ئۈچۈن قۇرغان خەتەرلىك توزىقى ئەمەس. سىز ھەرگىزمۇ بىر سەۋەنلىك بىلەن ئۆلچەمسىز ئادەم بولۇپ قالمايسىز. ھاياتلىق بىر مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسى، ئەڭ ياخشى كوماندىنىڭمۇ توپنى كەتكۈزۈپ قويغان خاتىرىسى بولىدۇ، ئەڭ ناچار كوماندىنىڭمۇ شەرەپ قۇچىدىغان كۈنى كېلىدۇ. بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىز ئۆزىمىزنى يوقاتقىنىمىزدىن كۆپرەككە ئېرىشتۈرۈشتۇر.
بىز كىشىلەرنىڭ مۇكەممەلسىزلىكىنى قوبۇل قىلغان چېغىمىزدا، بىز ھاياتلىقنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن قەلبىمىزدە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەندە، بىز مۇكەممەل بولالىغان بولىمىز؛ ئەمما باشقىلار مۇكەممەللىكنى قوغلاشقان چېغى بولسا، ئۇلارنىڭ دەل شۇ مۇكەممەللىك ئۈچۈن بېشى قېتىۋاتقان چېغىدۇر.
مۇبادا بىز باتۇرلارچە سۆيەلىسەك، كەچۈرەلىسەك، باشقىلارنىڭ بەختى ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ خۇشاللىقىنى كەڭ قورساقلارچە بىلدۈرەلىسەك، ئۆزىمىزنى ئايلىنىۋاتقان شۇ مۇھەببەت - سۆيگۈلەرنى ئەقلىمىز بىلەن قەدىرلىيەلىسەك، ئۇنداقتا بىز باشقا ھاياتلىقلار ئېرىشەلمىگەن شۇنداق بىر مۇكەممەللىككە ئېرىشكەن بولىمىز.
مەنبە : جۇڭگو رادىيو تورى شىنجاڭ تارماق تورى
http://www.radioxj.com/n17351c24.aspx