نەمەرد
يولۇڭغا قاپقانلار قۇرىدۇ نامەرد،
ئوڭ تارتقان ئىشىڭنى بۇزىدۇ نامەرد.
ئارقىڭدىن تارىتىپ پىتنە-ئىغۋالار،
قايغۇڭدىن شادلىنىپ كۈلىدۇ نامەرد.
ئىلكىڭدە بارىدا ساڭا دوست-قاياش،
بېشىڭغا كۈن چۈشسە يوقىلار نەمەرد.
بەختىڭنىڭ تېڭىغا زاۋال چىللايدۇ،
چۈجەڭنى سا بولۇپ چوقۇلار نامەرد.
ئالاردا ھىجىيىپ دەيدۇ : ۋاي ئاداش!
بىرەردە سېنىڭدىن قاچىدۇ نامەرد.
ئوچاقتا ئوتلىرىڭ كۆيسە گۈرۈلدەپ،
ئۈستىگە تۇپا ،سۇ چاچىدۇ نامەرد.
بىلىپلا قالدىمۇ ئاجىزلىقىڭنى،
ياقاڭدا ئىلەنگۈچ ئۇچىدۇ نامەرد.
ئىشلىرىڭ ئوڭ كېلىپ كۈلسەڭ ، شادلانساڭ،
ئازابتىن زەھەرلەر يۈتىدۇ نامەردە.
يولۇڭنى ئويىدۇ ، تىكەن تاشلايدۇ،
كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپلا بۇزىدۇ نامەرد.
ئالدىڭدا تۈلكىدەك ھىجايغان بىلەن،
ئارقاڭدىن خەنجەرنى ئۇرىدۇ نامەرد.
ھەر ۋاقىت سېنىڭدىن سەۋەنلىك ئىزدەپ،
سايەڭدەك ئەگىشىپ يۈرىدۇ نامەرد.
ئامىتىڭ ، بەختىڭگە زاۋاللار چىللاپ،
دوستلۇرۇڭ كەينىدىن ھۈرىدۇ نامەرد.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شورلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-28 09:36 AM