يالغانچى مۇخبىرغا
(ساتىرا)
ماھىركەنسەن پەردازغا يازغانلىرىڭ رەڭ مۇخبىر،
جان بېقىشتا تېمسىقلاپ تاپقان يولۇڭ كەڭ مۇخبىر.
سۆك-سۆكلىكنى ‹باغ›دەيسەن،ئىگىز قىرنى‹تاغ›دەيسەن،
‹تۈۋرۈك›دەيسەن يىڭنىنى،سىركە كۆرسەڭ‹مەڭ›مۇخبىر.
ھەقنى يازساڭ راست سۆزلەپ،نۇرلانمامدۇ ئوبرازىڭ،
‹ئىغار›دەيسەن پاسسىپنى دەپلا بەرسە‹يەڭ›مۇخبىر.
شۇنچە سۆزلەپ يالغاننى،ئۆرتەنمەمدۇ ۋىجدانىڭ؟
ئەي بىچارە جان باقتى،يۈزى قېلىن چەم مۇخبىر.
‹ھالۋا›دەيسەن ئۇماشنى،‹مانتا›دەيسەن كۆمەچنى،
‹شاد›دەپ يازدىڭ مىسكىننى،تۇرسا مىڭ دەرت-غەم مۇخبىر.
كۆنۈپ كەتتىڭ ئەجەپمۇ يەمگە كۆنگەن‹پاخلان›دەك،
‹نەدىن چىقار بىر نەپ›دەپ،قۇلاقلىرى دىڭ مۇخبىر.
‹باي›كۆرسۈتۈپ نامراتنى‹مەپە›دەيسەن كارۋاتنى،
سەندەك بىرسى بارمىدۇ،رەڭۋازلىقتا ئەڭ مۇخبىر.
بىر تېمىم سۇ بەڭگىگە خۇددى دەريا كۆرۈنمىش،
رىئاللىقتىن چەتنەيسەن چەكتىڭمۇ-يا بەڭ مۇخبىر.
بوپ كەتمىدى بىر ئىشلار،سەن دىگەندەك مۇنچىلا،
سېلىپ باققىن ئوبدانراق بۇ جاھانغا زەن مۇخبىر.
مېڭىۋەرمە باشلىسا،رەڭۋازلىقنىڭ شەيتىنى،
ھەققانىلىق تۇيغۇسى ئىكەن سەندە كەم مۇخبىر.
كۆزنى يۇمۇپ مۈشۈكتەك،كەتمە مۇنچە مىياڭشىپ،
كاززاپلىقنىڭ مىكروپى ئىمانىڭدا جەم مۇخبىر.
ئېچىپ قويدۇم ئەپتىڭنى،بۇزۇپ قويدۇم كەيپىڭنى،
دەڭسەپ باققىن ئۆزۈڭنى سەن نىمىگە تەڭ مۇخبىر.
تەكىتلەندى پاھ!بۈگۈن،ئەمىليەتچىل-راستچىللىق،
سەن يۈرۈيسەن نەلەردە،ھۇشۇڭغا كەل ئەي مۇخبىر!
قايناپ كىتىش يازمامغا كۆپلەر ئۈچۈن بى ھاجەت،
سىزمۇ شۇنداق مۇخبىرغا مەن دىگەننى دەڭ مۇخبىر.
********
مەنبە: ئۆز قەلىمىم(ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-28 03:48 PM