چۈشتى سۆيگۈ يۇلتۇزى ئېقىپ...
رەڭگەر نۇرلار چاقنىغان كۆكتە.
ئۆلۈپ كەتتى ئاخىرقى ئارمان،
ھىجران ئوتى كۆيگەن يۈرەكتە.
چۈشتى سۆيگۈ يۇلتۇزى ئېقىپ...
ئالتۇن ياپراق تاشلىغان كۈزدە.
ئاقتى كۆزدىن ھەسرەتلىك قىيان،
دولقۇن ياساپ سارغايغان يۈزدە.
چۈشتى سۆيگۈ يۇلتۇزى ئېقىپ...
جۇلا قىلىپ توڭلىغان مۇزدا.
ۋىسال پەسلى چاڭقىدى بىۋاخ،
ئۆتۈپ كەتكەن چىڭقى تۇمۇزدا.
چۈشتى سۆيگۈ يۇلتۇزى ئېقىپ...
قۇچاق ئېچىپ نازىنىن باھار.
گۇناھ قىلىپ كۆكەرگەن لەۋلەر،
شەيتان تۇيغۇ ياغدۇرغاندا قار.
چۈشتى سۆيگۈ يۇلتۇزى ئېقىپ...
ھەسرەت چېكىپ ئۇزىغان ئاياز.
ئەنجان پاختەك سايرىغان باغلار،
گۈلگە تولغان ئۇنتۇلغاندا ياز.
چۈشتى سۆيگۈ يۇلتۇزى ئېقىپ...
سەرسان روھلار ئوينىغان كۆكتە.
ۋىسال پۇرسەت بەرمىگەن دەملەر،
ئارمان بولۇپ قالغان يۈرەكتە.
مەنبە: ئىجادىيىتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-28 12:17 PM