مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1716|ئىنكاس: 37

مۇھەببەتنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشنىڭ خەيرىلىك بۇلىشى ئۈچۈن...... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45610
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4460
تۆھپە نۇمۇرى: 586
توردا: 214 سائەت
تىزىم: 2011-6-25
ئاخىرقى: 2012-10-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 08:28:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇھەببەتنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشنىڭ خەيرىلىك بۇلىشى ئۈچۈن......



ئايرىلىش ناھايىتى ئازاپلىق ئىش.ئۇ مۇھەببەتلەشكەن ئىككى تەرەپنىڭ ھىسياتى ۋە تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي،داۋاملىق ياخشى ۋە ئۆزىگە تەئەللۇق يېڭى مۇھەببەتكە ئېرىشىشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ .

ئامرىكا سىتانفورت ئۇنۋېرسىتىدىكى جەمئىيەتشۇناس فۇد:ئايرىلىشنى يۈز تۇرانە ئوتتۇرىغا قۇيۇش ئىنتايىن مۈشكۈل.بۇنىڭدىكى مۈشكۈللۈك ئايرىلىپ كىتىش ئىنىق بولسىمۇ ،قارشى تەرەپنىڭ غۇرۇرىغا تىگىشنى خالىماسلىقتا گەۋدىلىنىدۇ .شۇڭا ھازىر يانفۇندا قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئايرىلىپ كىتىشنى ئوتتۇرىغا قۇيۇش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىۋاتىدۇ.بىراق بەزىلەر بۇنى تاشلىۋېتىلگۈچىگە نىسپەتەن ئادىل بولمايدۇ،دەپ قارايدۇ.ئامرىكا مۇتەخەسسىلىرى يېقىندا قىسمەن ياشلارنى زىيارەت قىلغاندا ،%24ئادەم قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئايرىلىپ كىتىشنى قۇبۇل قىلغىلى بۇلىدۇ،دەپ قارىسا ،%26ئادەم شۇنداق قىلغانلىقنى ئىتراپ قىلغان

.

فىزولوگىيە جەھەتتە،ئايرىلىش خۇددى تاماكا تاشلىغانغا ئوخشايدۇ،ئامرىكىلىق ئىنشانسۇناش فېشىر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق،لايىقىدىن ئايرىلغانلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىنكاسىنىڭ زەھەر تاشلىغانلار بىلەن ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان

.

پىسخولوگىيە جەھەتتە،لايىقىدىن ئايرىلىش روھى بېسىم ئېلىپ كىلىدۇ.بالىلىق چېغىدا يىتىلگەن ئادەت كىشىلەرنىڭ ئايرىلىشقا بولغان ئىنكاسىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.ئەگەر كىچىكىدىن ئەتراپىدىكىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلىشىگە ئېرىشكەن ،ئاتا-ئانىسىدىن بىر كۈنمۇ ئايرىلمىغان بىرەيلەن،كۈنلەرنىڭ بېرىدە لايىقىدىن ئايرىلىپ قالسا،مۇھەببەتكە ئىشەنمەيدىغان ،ياشاشتىن ۋا كىچىدىغان بۇلۇپ چۈشكۈنلىشىپ كىتىدۇ،شۇڭا ئايرىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا چۇقۇم قارشى تەرەپنىڭ خاراەكتىرىنى ئويلىشىشى كېرەك.

مۇھەببەتنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشنىڭ خەيرىلىك بۇلىشى ئۈچۈن،چۇقۇم تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:
1.قارشى تەرەپنى ئايرىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشقا قىستىماسلىق كېرەك.
2.ئايرىلىش تەلىپىنى يۈز تۇرانە ئوتۇرىغا قۇيۇش لازىم.يۈ تۇرانە پىكىر-ئالماشتۇرۇش كىشىگە تەسەللى بېرەلەيدۇ.
3.ئايرىلىش تەلىپىنى ئوتۇرىغا قويغاندا، ئىككى تەرەپنىڭ غۇرۇرىغا تىگىشتىن ساقلىنىش كېرەك.ئايرىلىش تەلىپىنى ئوتۇرىغا قويغاندا،ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ كەيپىياتى جىددىيلىشىدۇ،شۇڭا ئۆز كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇش،باشقىلارنىڭ

غۇرۇرىنى قوغداش كېرەك.



4.جىدەللىشىش ۋە ئۆچ ئېلىشتىن خالىي بۇلۇش كېرەك.
5.قارشى تەرەپتىن دوستلۇق مۇناسىۋېتىنى ساقلاپ قېلىشنى تەلەپ قىلماسلىق كېرەك.چۈنكى بۇ يۈرەك يارىسىنىڭ ساقىيىشىنىڭ ۋاختىنى ئۇزارتىۋېتىدۇ.
6.ئۆزىنى ھەممىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك ھىس قىلىشتىن ساقلىنىش،ئۆزىگە تەئەللۇق يېڭى مۇھەببەتنىڭ ئۆىگە قۇچاق ئېچىپ تۇرغانلىقىغا ئىشىشنىش كېرەك.





مەنبە: قانۇنچىلىق گېزىتى


ئۆزەڭنى سۆي!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50331
يازما سانى: 486
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5977
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1116 سائەت
تىزىم: 2011-8-3
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 09:04:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي مەنمۇ ئۇنېڭدىن ئايرىلغاندا شۇنداق ياخشى ئىدىم ھازىر يەنە ئەسلەپ قالىمەن ، ئايرىلىش بەك تەسكەن ، زادى تۇپتىن ئۇنتۇش ئۇسۇلى يوقمىدۇ؟ ئۆزەمنى تۇتۇۋالمىساملا تېلفۇن قىلۋىتىدىغاندەك............  بەك زىرىكتىم ئۆزەمنى ئالداشتىن...........

پەقەت ئۆزەڭنى سۆي ئاندىن باشقىلارنىڭ سۆيشىگە ئىرشەلەيسەن.....................

ھاكاۋۇرلىقىڭ ئۆزۈڭگە دۈشمەن

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 118
يازما سانى: 3714
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29645
تۆھپە نۇمۇرى: 2206
توردا: 1767 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 09:26:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مـۇھەببەتنىڭ ھـەقىقي مـاھىيتى



1.مۇھەببەت يېڭى باشلانغاندا بەكمۇ تاتلىق،لېكىن بارغانسىرى ئادەمنى ھاردۇرۇپ قويىدۇ،كۆيەك يامانمۇ كۆنەكمۇ دەپ تېخى كۆندۈرۈپ قويىدۇ،يۈز ئۆرۈيدۇ،زېرىكىدۇ،ئۈمىدسىزلىنىدۇ،سوغۇق كۈلۈمسىرەيدۇ.ئىلگىرى بىر ئۆمۈر بىرگە ئۆتۈشكە ۋەدىلەشكەنلەر،ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئايرىلىپ كەتكىنىگە بەكمۇ خۇشال بولىدۇ،لېكىن قانداقتۇر بىر ۋاقىتلاردا،بىز ئۆزىمىزنىڭ بىر ئادەمنى بەكمۇ سۆيىدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلىمىز.لېكىن بىز ئاخىرىدا،ئۇنىڭ مۇھەببەت ئەمەس بەلكى ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئالدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلىمىز.
2.سىز يوقىتىپ قويسىڭىز بولمايدىغان ئادەمنى ئەمەلىيەتتە يوقىتىپ قويالمايمەن دېيەلمەيسىز،سىز يىغلاپ ياشلىرىڭىز قۇرغاندا،يەنە بىر ئادەم سىزگە ئىللىق كۈلۈمسىرىگەندە،سىز ئازابلىنىپ ئۈمىدسىزلەنگەندە،سىزنى سۆيمەيدىغان شۇ ئادەمنىڭ ئەمەلىيەتتە قەتئىي سىزنىڭ ئازابلىنىشىڭىزغا ئەرزىمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز.ھازىر ئويلىسىڭىز شۇنداق كومىدىيەلىك تۇيۇلامدۇ؟يەنە بىر يېڭى دۇنيارىڭىز بولغاندا،بارلىق ئازابلار تارىخقا ئايلىنىپ كېتىدۇ.
3.مۇھەببەتنى تەسەۋۋۇر قىلساق رىئاللىقتىن گۈزەل كۆرۈنىدۇ،تونۇشقاندىمۇ شۇ ئايرىلغاندىمۇ شۇ.بىز شۇنداق چوڭقۇر سۆيگەندەك ھېس قىلىمىز،بەكمۇ چوڭقۇر،لېكىن بىر كۈنلەردە ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق چوڭقۇر ئەمەسلىكىنى،ئەڭ چوڭقۇر مۇھەببەتنىڭ پەقەت بىرگە بولغاندا ئاندىن چوڭ بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىمىز.
4.مۇھەببەتنىڭ سەۋەبىدىن ئىككى ناتونۇش ئادەم بەكمۇ تونۇش ئادەمگە ئايلىنىدۇ،ئايرىلىش سەۋەبىدىن ئەنە شۇ بەكمۇ تونۇش ئادەملەر يەنە ناتونۇش ئادەملەرگە ئايلىنىدۇ.ئوخشاش ئىككى ئادەم،ئايرىلغاندا بولسا سەن ماڭا بارغانسىرى ناتونۇش تۇيۇلىۋاتىسەن دەيدۇ،مۇھەببەت دەل مۇشۇنداق،ناتونۇشنى تونۇش قىلىدىغان،تونۇشنى ناتونۇش قىلىدىغان سىرلىق ئويۇن.
5.مۇھەببەت بىر ئادەمنى ئۆزگەرتىۋىتەلەيدۇ،بۇ ياشلىقنىڭ ياخشى تەرىپى ھەمدە دەردى.مۇھەببەت ئادەمنى ئۆزگەرتەلەيدۇ،بەلكىم ياخشى ئادەمنى يامان قىلىۋىتىشى،ياكى يامان ئادەمنى ياخشى قىلىۋىتىشى مۇمكىن.
6.ئەر كىشىنىڭ ئۆمرى ئاياللارغا مۇنۇ ئىككى ئىشنى قىلىش بىلەن ئۆتىدۇ،ئۇنىڭ تەسەۋۋرىدىكىدىن ياخشى بولۇش ياكى ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكىدىن يامان بولۇش،ئايال كىشى ئۇنىڭ ياخشى تەرىپى بىلەن ئۇنىڭ يامان تەرىپىنى كەچۈرىدۇ،ئەگەر بىر كۈنى ئۇلار ئايرىلىپ كەتسە،ئەرنىڭ بەك ئەسكىلىكىدىن ئەمەس بەلكى ئايالنىڭ بەك ياخشى بولغانلىقىدىندۇر،بىزنىڭ ئۆمرىمىزدە چوقۇم ئۇنتۇپ كېتىشكە ھەم چوقۇم ئەستە ساقلاشقا تېگىشلىك ئىشلار ئوخشاشلا بەك كۆپ.بەزى ئىشلارنى چوقۇم ئۇنتۇپ كەتكەن ياخشى،بولۇپمۇ سىز ئەڭ سۆيىدىغان ئادەمنىڭ سىزگە بەرگەن ئازابىنى.

7.ۋاقىت مۇھەببەتنى چۈشەندۈرىدىغان ياخشى قورال،ئۇ ئادەمگە مۇھەببەتنى چوڭقۇر چۈشەندۈرىدۇ،ئۇنى قوبۇل قىلغۇزىدۇ،بەزىدە بىتچىت قىلغۇزىۋىتىدۇ.ھەرقانداق بىر قايغۇ-ھەسرەتنى ۋاقىت يېنىكلىتەلەيدۇ،ئەگەر ۋاقىت سىزگە ئۇنتۇپ كېتىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنى ئۇنۇتقۇزالمىسا،ئېسىدە ساقلاشقا تېگىشلىك بولمىغان ئادەملەرنى ئەستە ساقلىغۇزۇپ قويسا،بىزنىڭ سۇدەك ئېقىپ كېتىۋاتقان يىللىرىمىزنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟ئەگەر بارلىق ئازاب،قايغۇ-ھەسرەت،مەغلۇبىيەتلەرنىڭ ھەممىسى يالغان بولسا،ئۇنداقتا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى؟ئەپسۇس،يالغان مۇھەببەتلەر،يالغان ياخشىلىقلار،ئۆزىمىزنىڭ يەتكۈچە ئازابلىرى،مەغلۇبىيەتلىرىمىز ھەممىسى ئۆزىمىز كۆرۈپ تۇرغاندەك ھەقىقىي رىئاللىق.
8.ئۇنىڭ نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقى بار،لېكىن سىزنى سۆيمەيدۇ،مانا بۇ سىز مەڭگۈ ئۆزىڭىزنى قايىل قىلىشنى قوبۇل قىلالمايدىغان كەمچىلىك.بىر ئادەمنىڭ ئەڭ چوڭ كەمچىلىكى شەخسىيەتچىلىكى،ئارتۇقچە ئويلىشى،ياۋايى،بوينى قاتتىقلىقى بولماستىن،بەلكى ئۆزى سۆيمەيدىغان ئادەمنى سەۋدايىلارچە سۆيۈشىدۇر.يوشۇرۇن كۆيۈش ئۆزىنى تۈگەشتۈرگەنگە تەڭ،ئۇلۇغ قۇربانلىق ھېسابلىنىدۇ،يوشۇرۇن ياخشى كۆرۈش ئەمەلىيەتتە بەك بىچارە ئەھۋال،خۇددى ئۆزىنى شۇ ئادەمنى ھەقىقىي سۆيىدىغاندەك كۆرسىتىپ قويىدۇ.

9.ئەڭ رومانتىك بولغان مۇھەببەتكە ئېرىشكىلى بولمايدۇ،ئەڭ رومانتىك مۇھەببەتلىك سۆز بولسا،سىز ئايرىلىپ كەتكەن ئادەم سىزگە تېلفۇن قىلىپ ياخشىمۇسەن؟ دېيىشى.سىز خۇددى ھەيران قالغىنىڭىزنى چاندۇرمىغاندەك مەن ناھايىتى ياخشى دەيسىز،ئەمەلىيەتتە سىز ئۇنى ھېلىھەم سۆيىسىز،ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ كۈنىڭىز ئۆزىڭىز دېگەندەك ياخشى ئۆتمەيۋاتىدۇ،ئەرلەر ئۆزىنى قەيسەر كۆرسىتىشىدىكى سەۋەب ئۆزىنى قىزنىڭ ئالدىدا بىچارە ھەم ئاجىز كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن،قىز بالىنىڭ ئۆزىنى بەختلىك كۆرسىتىشى بولسا ئۆزىنىڭ كۆڭلىنىڭ يېرىملىقىنى ئەرگە كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈندۇر.

10.مۇھەببەت بەزىدە ئادەمنى چۈشكۈنلەشتۈرۈپ قويىدىغان بىر ئىش،ئەقلىنى ئىشلىتىپ تاللىغان ھەم قارار چىقاردىم دېگەن گەپ پەقەت ئۆزىگە تەسەللىي بەرگەن سۆزلەردۇر خالاس.مۇھەببەت ئەزەلدىنلا ئاسارەت ھېسابلىنىدۇ،مۇھەببەتنى قوغلاشقانلىق ئەركىنلىكنى قوغلاشقانلىققا باراۋەر ئەمەس.ئەركىنلىك بەك قىممەتلىك،دەل شۇ قىممەتلىك نەرسىنى بىز مۇھەببەت دېگەن نەرسىگە ئالماشتۇرىمىز،چۈنكى بىر ئادەمنى سۆيگەندە،بىز بىلىپ تۇرۇپ ئەركىنلىكنى قۇربانلىق قىلىمىز،ھەمدە ۋەدە بېرىشكە رازى بولىمىز.

11.يەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ساقلاش ۋاقتى ھەم مۇددىتى بولىدۇ،لېكىن قىز بالا يېمەكلىك ئەمەس،ياشلىقنىڭمۇ چېكى بار،سەۋر-تاقەتنىڭمۇ چېكى بار،شۇڭا مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن ئۇنى ياخشى سۆيۈڭ،ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈڭ،چۈنكى ئۇ سىزنى ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاپ تۇرالمايدۇ.ھەممە نەرسىنىڭ ۋاقىت تەرتىپى بولىدۇ،ئادەم تۇغۇلىدۇ،قېرىيدۇ،كېسەل بولىدۇ،ئۆلىدۇ.مۇھەببەتمۇ ئادەممۇ تۇيمىغان ھالدا ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىدۇ.

12.مۇھەببەتنى چۈشىنىدىغان قىز دائىم بۇ جەڭدە يېڭىلىپ قالىدۇ،مۇھەببەت ئەسلىدىلا بەكمۇ ئېچىنىشلىق نەرسە،يەڭگەنلەر پادىشاھ.مۇھەببەتنى يۆتكىگىلى بولىدۇ،نىكاھنىمۇ ھەرۋاقىت توڭلىتىپ قويغىلى بولىدۇ،مۇھەببەت ھەم گۈزەل ھەم كىشىنى ئازابلايدىغان نەرسە،شۇڭا بۇ يولغا كىرگەندە ئەڭ بىرخەتەر ئەڭ ماس كېلىدىغان كوچىدا مېڭىش كېرەك.
13.يوقاتقاندىن كېيىن ئاندىن قەدرىنى بىلىسىز،مۇھەببەتنىمۇ شۇ،ھەقىقىي يوقاتقان چېغىڭىزدا ئاندىن نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز،نېمىشقا يېنىڭىزدا بار ۋاقىتتا قەدىرلىمەيسىز،شۇڭا بار ۋاقتىڭىزدا قەدىرلەڭ.يوقاتقاندا ئۆكۈنگىنىڭىزنىڭ پايدىسى يوق.مۇھەببەت ئەنە شۇنداق مۇرەككەپ،ئۇنىڭ مۇقىم ئۇقۇمى يوق،مىڭ كاللىدىكى مۇھەببەت مىڭ خىل بولىدۇ.شۇڭا ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلىش شۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ تۇيغۇسىغا باغلىق.
14.ئادەم ئۆمرىدە كىشلەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ،تونۇشىدۇ،ئايرىلىدۇ،لېكىن ھەممە ئادەم ئايرىلىش دېگەن بۇ سۆزگە بەك ئۆچ.بۇ دۇنيا مۇھەببەت بىلەن گۈزەل ھەم مۇھەببەت بىلەن شۇنچە رەزىلدۇر.


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ئىلنازە + 101 رەھمەت سىزگە سەتئاي(چ.
دەتمەن + 55 مۇھاببەتنى تەتقىق قىل.
nim-japa + 157 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 313   باھا خاتىرىسى

زەھـــەردىـــن شـــىـــپــا كــــــۈتــمــــە،تــىـــگــى پـــەســـتىــن ۋاپـــــا...

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 3274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5324
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 3217 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 09:51:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tatlek~626 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-27 09:04 PM
ھەي مەنمۇ ئۇنېڭدىن ئايرىلغاندا شۇنداق ياخشى ئىدىم ھاز ...

تۈپتىن ئۇنتۇش ئۇسۇلى : ئۇنىڭ يامان تەرىپىنلا ئويلاڭ

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 2151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1900
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1575 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 10:04:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆل يوللىغان ۋاقتى  2012-9-27 09:51 PM
تۈپتىن ئۇنتۇش ئۇسۇلى : ئۇنىڭ يامان تەرىپىنلا ئويلاڭ{:34 ...

ھىچقانداق يامان تەرپىنى بىلمىسەك كۆرمىگەن بولساق قانداق قىلۇرمىز

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 3274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5324
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 3217 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 10:08:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaLGundi يوللىغان ۋاقتى  2012-9-27 10:04 PM
ھىچقانداق يامان تەرپىنى بىلمىسەك كۆرمىگەن بولساق قان ...

ساقام مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ ...ئادەم دىگەن شەخسيەتچى كېلىدۇ ..ئۆز مەنئەتىنى  دائىم بىرىنچى ئورۇنغا قۇيىدۇ ..شۇڭا بىر ئادەمىنىڭ يامان تەرىپى يوق دىسەك يالغان گەپ بۇلىدۇ ...ئەلۋەتتە مۇھەببەتىنىڭ كۆزى قارىغۇ بۇلىدۇ دەيدىكەن ...بىراق كۆز كۆرىمسىمۇ كۆڭۈل تۇيۇپ تۇرىدۇ ..پەقەت شۇ ئىتراپ قىلشقا جۈرئەت يوق بولسا كېرەك .....

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 2151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1900
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1575 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 10:15:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆل يوللىغان ۋاقتى  2012-9-27 10:08 PM
ساقام مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ ...ئادەم دىگەن شەخسيەتچ ...

لىكىن مەن يامان تەرپىنى ئويلاي دىسەممۇ ئۇنىڭ ھىچبىر يامان تەرپىنى ئويلىيالمايۋاتىمەن. شۇنچە ئىنچىلىك بىلەم ئويلسىاممۇ ئويلىيالمىدىم. دىگەنلىرىڭىز توغرا بولمىسا

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 3274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5324
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 3217 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 10:18:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaLGundi يوللىغان ۋاقتى  2012-9-27 10:15 PM
لىكىن مەن يامان تەرپىنى ئويلاي دىسەممۇ ئۇنىڭ ھىچبىر ي ...

ئۇنىڭ سىزنى تاشلۋىتشى ،سىزنى ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ مۇھەبىتىڭىزىنى قۇبۇل قىلماسلقى ...مانا بۇ ئەسكى تەرىپى ...ئەجىبا بۇمۇ ياخشى تەرىپىما ؟ ئەگەر شۇنداق ئويلسڭىز ..نېرۋىڭىزدىن چاتاق چىقپتۇ ....

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 2151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1900
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1575 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 10:22:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆل يوللىغان ۋاقتى  2012-9-27 10:18 PM
ئۇنىڭ سىزنى تاشلۋىتشى ،سىزنى ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ مۇھەب ...

ئۇ مىنى تاشلىۋەتمىدى ئۇنداق ئىش بولغىنى يوق ھەدە. بىز چىرايلىق خوشلاشتۇق. ئۇ مۇھەببىتىمنى قۇبۇل قىلغان كۆڭلىنى ماڭە بەرگەن. بىز  ئىككىلىمىز سەۋەپسىز خوشلاشتۇق.

مەن يامغۇرنى ياخشى كۆرىمەن.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81189
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4446
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 10:23:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئەڭ ئېچىنىشلىق،بىچارە مۇھەببەت ئىبارىسى....نىمىشقا مەن سېنى ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ، سەن مېنى ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ، سەن بىلەن توي قىلالمايمەن ؟! (يىگىتنىڭ بىچارە سۆزلىرى)
............................................................ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قۇندۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-27 10:26 PM  


دەردكە مۇپتىلا بولساڭ،ئىي اللە دەردىم بار، دىمەي، ئىي دەرد! مېنىڭ ئاللاھىم بار ، دېگىن ............
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش