ئۇيغۇر كارخانىچىلىقى،
تىمىنى ئىرىنىپ ئوقىماي چىقىپ كەتمەڭ،
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ:
بۈگۈن مۇشۇ پەيتتە ئۇيغۇر كارخانىچىلىرمىز دېگەن ماقالە ئۈستەدە قەلەم تەۋرىتىپ قاپتىمەن، چۈنكى ھازىرقى بىز ياشاۋاتقان زامانلاردا ، دۇنيادا باشقىلارغا بېقىنماي ئۆزىگە ئۆزى خۇجا بولۇپ، ئۆزىنىڭ نۇرمال ھاجىتىدىن چىقىپ ياشاشنىڭ بىردىن بىر ئامىلى، پەن مەدەنيەت ۋە زاۋۇت كارخانىلارنىڭ ئۆزىمىزدە بولىشى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىكەن، يېقىندىن بۇيان تور ساھەسىدە بولمىسۇن، ۋەياكى تۇرمۇشىمىزدا بولمىسۇن، بىز ئۇيغۇرلانىڭ يىمەك-ئىچمەك مەسىلىسىدىكى قىزىق نوقتىلار ئادەمنى ھەرخىل ئويلارغا سالماي قالمايدۇ، بىز مەيلى قايسى ساھەدە بولىشىمىزدىن قەتئى نەزەر ھەممىلا يەردە ھازىر بىزنىڭ يىمەك-ئىچمەكلىرىمىزنىڭ شۈبھىدىن خالى ئەمەسلىكى توغرىسىدا پاراڭلار ئىنتايىن كۆپ، ئەمما بىزلەردە قانداق قىلغاندا بۇ مەسىلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلغىلى بولىدۇ دەيدىغان پاراڭلار ئاساسى جەھەتتىن يوق دىيەرلىك، بۇنداق دىگىنىم، مەن بىر تاللار بازىرى ئاچىدىغان يەككە تىجارەتچى، مىنىڭ تىجارەتتىكى پىرىنسىپىم شۇكى قانداق قىلغاندا بىزنىڭ مۇسۇلمانلار ئاممىسىنى ھەقىقى شۈبھىدىن خالى بولغان يىمەك-ئىچمەكلەر بىلەن تەمىنلىسەمكىن دەيمەن، ئەمما بىزىكى ئەڭ چوڭ ئاجىزلىق شۇكى بىزنىڭ مىللى كارخانىچىلىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەپ چىقىرىش مەسىلىسى، مەن مۇشۇ جەرياندا نۇرغۇن كارخانىچى قېرىنداشلار بىلەن پاراڭلاشتىم، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىمانى بىلەن كېپىل بولغان سۆزلىرىگە قارىغاندا مەھسۇلاتلار گەرچە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئشلەنگىنى بىلەن، بەزى قېرىنداشلىرىمىز باشتىن ئاخىرى شۇ ماللار يەشىكلەرگە قاچىلانغانغا قەدەر، كۆزدىن كەچۈرۈپ تۇرىدىكەن، ھەم ئۇنىڭغا قاتىدىغان خام ماتېرىياللارنىڭ خۇرۇچلىرىنى بەزىلىرى زاۋۇتقا ئۆزلىرى ئەكىلىپ بىرىدىكەن، ئۇلارنىڭ دىيىشىچە بىز قانداق قىلغاندا مۇسۇلمانلار بازىرىدىن شۈبھىلىك ماللارنى چىقىرىپ تاشلىغىلى بولىدۇ دەپ باش قاتۇرىمىز دەپ تۇرىدىكەن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ كەسپىگە بەركەت ۋە ئىمانىغا مۇستەھكەملىك بەرسۇن، شۇنىڭغا ئەگىشىپ بىزنىڭ بىر قىسىم كارخانىچىلىرمىز (دەللال سودىگەرلىرىمىز) مۇسۇلمانلارنىڭ پاكىز يىمەك-ئىچمەككە بولغان تەلىپىنىڭ يۇقىرلىقىدىن، ۋە ئۇلارنىڭ چەتئەللەرنىڭ ئىچىملىكلىرىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ يۇقىرلىقىدىن پايدىلىنىپلا، بەزى يىمەك-ئىچمەكلەرنى مالايسىيانىڭ، تۈركىيەنىڭ، ۋە ئۇيەنىڭ بۇيەنىڭ دېگەن نام بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ياساپ چىقىپ كەينىگە ھالال دېگەن خەتنى بېسىپلا ئۇنىڭ ئۈستىگە چىگرادىن كىرگەن ساختا ئاق قەغەزنى چاپلاپلا سېتىۋاتقان ئەھۋاللارمۇ خېلىلا ئېغىر ئىكەن، ئەگەر راستىنلا شۇ جايلاردىن كىرگەن بولسىمۇ مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىنىڭ زاۋۇتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشەنچىلىك بولىشى ناتايىن، شۇنىڭدەك ئىشەنچىلىكلىرىمۇ كۆپ ئەلۋەتتە، مىنىڭ بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنىم، ھازىر ئويلاپ باقسام بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئىھتىياجىدىن چىققۇدەك تۈزۈكرەك بىر نەرسىمىز يوقكەن، يا بولمىسا خەنزۇلارنىڭكىنى، يا بولمىسا چەتئەللەردىن ئىمپورت قىلىنغانلىرىنى ئىستىمال قىلىدىكەنمىز، ئەگەر دە كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى چەتنىڭ ماللىرىنى ئىمپورت قىلىنىش چەكلىنىپ قالسا قانداقمۇ قىلارمىز بۇ بىر مەسىلە؟ خەنزۇلارنىڭكىنى ئىشەنجىسىز دەپ قاچساق، ياكى ئۆزىمىزنىڭ كارخانىچىلىرى ئىشەنچىلىك دەپ ئىشلەپ چىقارغان نەرسىلەرگىمۇ شەك قىلىپ ئۇ كارخانىچىلىرىمىزنىڭ ئۈستىدىن ھەر خىل سۆزلەرنى تارقاتساق، بەزى تەقۋادار مۇسۇلمانلىرىمىزغۇ يىمەي ئولتۇرارمىز، ئەمما بۇ نەچچە مىلىيۇن خەلىقنىڭ ئىستىمال مەسىلىسى، قايسى كۈنى بىر تور بەتتە كاڭ ئۇستامنىڭ تەييار چۆپلىرى توغرىسىدا مۇنازىرە بولۇپ، بەزى قېرىنداشلىرىمىز ۋاي مەن ئۇنداق نەرسىلەرنى يىمەيمىنەي ئۇنداغەي مۇنداغەي دەپلا كەتتى، ھەتتا شۇ مۇنازىرىدە بەزى قېرىنداشلىرىمىز ئامىنە شىركىتى ئىشلىگەن چۆپلەرنىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئەمەسلىكىنى داۋا قىلىۋاتىدۇ، ئەمىسە ئۇنىمۇ يىگىلى بولمىسا بۇنىمۇ بولمىسا ئەمىسە ئۆزەڭ پاكىزە بىر نەرسە ئىشلىمەمسە، سەنغۇ يىمەيسەنكەن، ئەمما ئاشۇ نەچچە مىلىيون مۇسۇلماننىڭ ھەممىسىنى توسالامسە؟ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە تەشۋىق قىلالامسە؟، خوتەنلىك بىر ئۆزى مۇكەممەل قارى بىر قېرىندىشىمىز مەدىنە ماركىسىدا تەييار چۆپ ئىشلىگەن ئىكەن، ئەمەلىيەتتە ئۇنى خەنزۇلارنىڭ زاۋۇتىدا ئىشلىتىپتۇ ئەمما ئۇنىڭ دىيىشىچە ئىمانىم بىلەن كېپىل بولىمە بۇ مالدا ھېچ قانداق شۈبھىلىك بىر نەرسە يوق دەپ گۇۋالىق بەردى، ئەمما دۇكانغا سالغاندىن كىيىن بەزى قېرىنداشلىرىمىز ئىچكىردە ئىشلىنىپتۇغۇ دەپلا قېچىۋاتىدۇ، سېتىلىشىمۇ بەكلا ئاستا، بىز ھەجەپ بىر خەقكەن، مەن قېرىنداشلاردىن شۇنى سوراپ باققۇم كىلىدۇ، چەتئەلنىڭ ماللىرىنىڭ ھەممىسى ھالال. ئىچكىرىدە ئىشلەنگەلەرنىڭ ھەممىسى ھارام دەيدىغان گەپ بارمىدۇ؟ ئەمدى نىمىشقا ئۆزى زاۋۇت قۇرۇپ ئىشلىمەيدۇ دەيدىغان سۇئال كىلىشى مۇمكىن، بىر كىشى كارخانا قۇرىمەن دەپ بار دەسمايىنىڭ ھەممىسىنى شۇنىڭ ئىجازەتنامىسىنى ئېلىش ئۈچۈن تەسەررۇپ قىلىپ ئەمدى مال ئىشلەي دەپ تۇرىشىغا دەسمايىگە پۇل يوق، بىر زاۋۇت ماڭدۇرۇش ئۈچۈن قانچىلىك مەبلەغ كىتىدىغانلىقىنى دىمىسەممۇ ھەممىمىزگە مەلۇم، قانداق قىلىش كېرەك؟ بەلنى رۇسلاپ بولغۇچە باشقىلارغا ئىشلەتكۈزمەيمۇ ئامال يوق، ئىچكىردىكى زاۋاتلانىڭ چوڭلۇقى، ئۇ زاۋۇتلارنىڭ ئىلغارلىقى، بىر كىشى ئاددى بىر زاۋۇتنى ئەكىلىپ مال ئىشلەيمەن دىسە ئۇ ئىشلىگەن مەھسۇلات ئۇ زاۋۇتنىڭكىدەك چىقمايدۇ، مۇمكىن ئەمەس، ئاددىسى خوتەندە مىنىرال سۇ زاۋۇتىدىن بىر قانچىسى بار، ئەمما ھەممىدىن سۈپەتلىك قاچىلايدىغىنى تۇڭيى شىركىتى مەبلەغ سالغان زاۋات ئىكەن ئۇ زاۋۇتتا قاچىلانغان سۇلار باشقىسىدىن نەچچە ھەسسە سۇپەتلىك، سەۋەبى ئۇ زاۋۇت باشقا زاۋۇتلاردىن نەچچە ھەسسە چوڭ ئىكەن، سۆزلىسەم بۇنداق ئىشلار ساماندەكلا، بىز دائىم ئىستىمال قىلىۋاتقان زەم زەم كولامۇ ئىچكىردىن چىقىدۇ، ئەمما ئىشەنچىلىك،
ئاخرىدا دىمەكچى بولغىنىم: بىز بىر نەرسىنىڭ ئىشلەنگەن ئورنىنى دەپلا ھالال ياكى ھارام دەپلا قارىسىغا ھۆكۈم قىلىۋەمەيلى! بايا دەپ ئۆتكىنىمدەك بىزنىڭ بەزى ئادەم قېلىپىدىن چىققان داللال تىجارەتچىلىرىمىز، بىزنىڭ ھالالنى تەلەپ قىلىدىغان ھېسىياتىمىزدىن (ياق ئىتىقادىمىزدىن) پايدىلىنىپلا مالايسىيەنىڭ، تۈركىيەنىڭ، سەئۇدىنىڭ، دەپلا ئىچكىرلەردە ماللارنىڭ ئەرزان باھادا ئىشلەتكۈزۈپ ئۇنىڭ قۇتىسىغا ھالال دېگەن خەتنى ئەرەپچە باستۇرۇپ، يېنىغا چەنزۇچە چۈشەندۈرۈش بىرىلگەن قەغەزنى چاپلاپلا چەتنىڭ دەپ سېتىۋاتسا بىزنىڭ نادان مۇسۇلمانلىرىمىز ئۇنىڭغا ئىشىنىپ تالىشىپ سېتىۋېلىۋاتىدۇ، (مەن دىمەكچى ھەممىسى شۇنداق دىمىدىم جۇمۇ! بىكا مىنى تىللاپ كەتمەڭلا، بەزى نۇپۇزلۇپ شىركەتلەرنىڭ كىرگۈزگىنى ھەقىقىسى،) شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ يىمەكلىكىمىزنىڭ ساپلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ كارخانىلىرى بارا بارا تاقىلىش گىرداۋىغا بېرىۋاتىدۇ،
قېرىنداشلاردىن قىلىدىغان ئۈمىدىم ھەممىمىز شۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنى بىر تاياقتىلا ھەيدىمەي، پاكىزە بىلەن پاسكىنىنى ئايرىپ ئىستىمال قىلساق، بۇنىڭدا ھەممىدىن مۇھىمى شۇ مالنى ئىشلەپ چىقارغان كارخانىچىنىڭ ئىمانىنىڭ قانچىلىكلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن، گەرچە سەئۇدىنىڭ دەپ ساتسىمۇ شۇنى ساتقۇچى (يەنى ۋاكالىتەن ئىشلىگۈچى) مۇسۇلمان بولمىسا بىزنى ئالدايدىنى ئىنىق، ئەگەر ئۇنى ساتقۇچى ھەقىقى ئاللاھتىن قورقىدىغان مۇئمىن بولسىلا گەرچە ئىچكىردە ئىشلەنگەن بولسىمۇ بۇنىڭغا ئىشەنچە قىلىشقا بولىدۇ دەپ قارايمەن، چۈنكى ئۆتكەندە مەن تەقۋا شىركىتىنىڭ دىرىكتورى بىلەن تىلفۇندا سۆزلەشكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشلەپ چىقارغان ماللىرىنىڭ %100 ئىشەنچىلىكلىكىنى دەپ تۇردى، ھەتتا قەسەم قىلغىلى تاس قالدى، بولمىسا بۇ شىركەتنىڭ ماللىرىنىڭ ھەممىسى ئىچكىردىن چىقىدىكەن، ھەتتا بىزلەر بەكلا يامان كۆرىدىغان «تېتىتقۇ» (يەنى ۋېيجىڭ) نىمۇ شۇنچىلىك ئىشەنچىلىك دەپ ئىمانىنى كېپىل قىلدى،
قېرىنداشلا: ھەمىمىز مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنىپ كۆرسەك زادى ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدەيمىزمۇ ياكى بۇنىڭغا ھەممىمىز ئورتاق كۈچ چىقىرىپ شۇ كارخانىچىىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن، كەلگۈسىدە ئاشۇ مەھسۇلاتلارنى باشقىلارغا ياساتماي ئۆزىنىڭ زاۋۇتىدا ياساپ بىزلەرگە سۇنىشىغا ھەممىمىز بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشۇپ، ياخشىلىرىن قوللاپ قۇۋۋەتلەپ، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى قىممەترەك بولسىمۇ سېتىۋېلىپ، تور ۋاستىلىرى ئارقىلىق تەشۋىق قىلىپ، يامانلىرىنى بازارلىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىشقا تىرىشساق، مۇشۇنداق ئەخلەتلەرنىڭ بىزنىڭ بازارلىرىمىزدىن ئورۇن ئېلىشىغا يول قويمىساق بىزنىڭلا ئەمەس ھەممە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىستىمالىنىڭ پاكىز بولىشىغا سەۋەپ بولۇپ قالارمۇ دېگەن مەقسەتتە بۇ ماقالىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن،
قېرىنداشلىرىمىز ياخشى ئىنكاسلىرى ئارقىلىق تىمىدا كام قالغان، ياكى خاتا كەتكەن جايلىرىغا تەنبىھ بىرىشىڭلارنى سورايمەن.
مۇسۇلمانلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەجبۇرىيتى!
مەنبە: عبد