سۈيۈشنى بىلگەنلەر سۈيۈملۈك ئەزەل
دوستلىرىڭ بەرگەن تاش كېرەكسىز ئەمەس،
دۈشمىنىڭ بەرگەن زەر ئېلىپ كېلەر نەس.
دوست بىلەن دۈشمەننى ئايرىپ ياشىغىن،
جاپاغا باش ئەگمە بولغىن زەپەردەس.
ھۆرمەتلە ، ئىززەتلە ، قەدرىنى قىلغىن،
سېنىمۇ ئۆزىدەك چاغلىغانلارنىڭ.
تۈنىدە قۇياش بول ، بەختىنى تىلە،
مېھرىنى مېھرىڭگە باغلىغانلارنىڭ.
ھەزەر قىل ، سىر ئېيتما، ئىشىنىپ كەتمە،
كۆزۈڭگە تىكىلىپ ماختىغانلارغا.
نەپ بەرسەڭ ھىجىيىپ ، پايدا بەرمىسەڭ،
ھومىيىپ ، قاپاقنى ئاچمىغانلارغا.
شاد- خورام ياشايمەن دېسەڭ دۇرۇس بول،
ئاۋامنىڭ كۈيىگە جۇر بولسۇن ئۈنۈڭ.
شەيتىنىڭ، نەپسىڭنى باشقۇرالمىساڭ،
نادامەت، خورلۇقتا ئۆتىدۇ كۈنۈڭ.
ياخشىلار كۆڭلىگە بەرمىگىن ئازار،
ياردەم قىل، ئىلھام بەر غېرىب ، مىسكىنگە.
مېھرىڭنى ئايىما ئاجىز ، پېقىردىن،
قىممىتىڭ ، ئىززىتىڭ ساخاۋىتىڭدە.
مەنىلىك ، كۆڭۈللۈك ياشايمەن دېسەڭ،
زېھنىڭنى سەرپ قىل ، ئەلگە ، مىللەتكە.
سۈيۈشنى بىلگەنلەر سۈيۈملۈك ئەزەل،
بەختلىك، ئامەتلىك قالمايدۇ دەردتە.