1.پەلسەپە دىگەن نىمە؟
پەلسەپە دىگەن نىمە؟ئۇنىڭ ئېنىقلىمىسى بارمۇ يوق؟پەلسەپە نەزىرىيسى ۋە ئەمىلىيىتىنىڭ خۇلاسىسى زادى قانداق؟
مەلۇم مەنىدىن ئېيىتقاندا بۇ مەسىللەرگە جاۋاپ بەرمەك تەس. پەلسەپە دىگەن بۇ سۆزنى تۇنجى قېتىم ئىشلەتكۈچىدىن تارتىپ تاكى زامانىمىزدىكى پەيلاسوپلارغا كەلگۈچە ئارلىقتا، پەلسەپىگە بېرىلگەن ئېنىقلىما باشقا ئېلمىتلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئەڭ كۆپ دېيىشكە بولىدۇ. پەلسەپىنى ئېنىقلىمىسى 20 نەچچە خىل ، يەنە تېخى ئۇلارنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ۋە جۈملە تۈزۈلىشىمۇ خىلمۇ خىل ھەتتا بەزىدە ئۇلار ئارىسىدىكى پەرىق ھەرگىز بۇنىڭ بىلەنلا تۈگەپ كەتمەيدۇ.
پەلسەپە دىگەن بۇ سۆزنىڭ بىر قەدەر مۇۋاپىق ئېنىقلىمىسىنى بەلكىم فرانسىس بېكون ئوتتۇرىغا قويغان بولسا كېرەك. ئۇ، پەلسەپە ئەقىلنىڭ دەڭسىشىدىن ئۆتكەن بىلىم دەپ قارىغان. گەرچە بۇ ئېنىقلىما بەك ئاددى بولسىمۇ ، بىراق ئۇ ئادەمنى يەنىلا ئويلاندۇرىدۇ. بولۇپمۇ، پەلسەپە مىلادىدىن ئىلگىركى 5-ئەسىردىن تارتىپ ئوتتۇرا ئەسىرگىچە بولغان تارىخى دەۋىرلەردە ئۆزىگە يۈكلەپ قويۇلغان بەك كەڭ ۋە كالامپاي ئۇقۇمدىن قۇتۇلۇپ چىققاندىن كېيىن ،بۇ خىل قاراش تېخىمۇ زۆرۈر بوپ قالدى.
بۇ ئېنىقلىمىنى تاللىغانلىق ھەرگىز ئۇنىڭ پەلسەپىنىڭ ئەڭ ئەڭ مۇكەمملە، ئەڭ پاساھەتلىك ئېنىقلىمىسى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەكسىچە ئۇنىڭدىن باشقا ئېنىقلىمىلارنىمۇ تەتقىق قىلىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا تەتقىق قىلغۇچىغا مەركۇز ئىلىمغا نىسبەتەن خاس ئۇقۇم شەكىللىنىدۇ.
ئەمدى ھەرقايسى دەۋىرلەردىكى پەيلاسوپلارنىڭ شەرھىيسى ئاساسىدا ، پەلسەپە پەيدا بولغاندىن تارتىپ ئوتتۇرىغا چىققان ېنىقلىمىلارنى بايان قىلىمىز.
1. سوقرات:پەلسەپە ‹‹ياخشىلىق ››تۇغقۇچى شەئىيلەرنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكىنى ئەقىل بىلەن تەتقىق قىلىدۇ. يەنى تەبىئەتتىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ سېستىمىسى ۋە مۇكەممەللىكىنى ، ئۇلارنىڭ پەيدا بولۇش پىرىنسىپى ۋە ئەڭ ئىپتىدائى مەنبەسىنى تەتقىق قىلىدۇ.
2:ئەپلاتون:پەلسەپە بارلىق شەئىيلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە ماھىيەتتىكى مۇكەممەل سېستىمىلىقىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇنجخ ئىقتىراچىسىنى پەملەيدۇ.پەلسەپە بارلىق پەنلەرنىڭ شاھىنشانلىق شەرىپىگە داخىلدۇر.
3.ئارىستوتىل:پەلسەپە ئۈنۋىرسال ئىلىم، ئۇ بارلىق ئىلىملەرنىڭ تۇتقىسىنى نەزەرگە ئالىدۇ،ئويلىشىدۇ، يەنى شەئىيلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ سەۋەبى بىلەن تونۇشۇپ ،شەئىيلەرنىڭ تۈپ قانۇنىيىتى ۋە دەسلەپكى سەۋەبىنى پەملەيدۇ.
4. ئىپىكۇر: پەلسەپە كىشىلىك ھاياتنىڭ لەززىتىنى ئەمىليلەشتۈرۈش ئۈچۈن قانات يايغان نەزىرىيە ۋە ئەمىلى پائالىيەت.
5.دىئوگېنىس:پەلسەپە كىشىلىك ھاياتنىڭ لەززىتىنى ھېس قىلدۇرىدىغان ۋە كىشىلىك ھاياتنىڭ لەززىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىدىغان ئىلىم.
6. ئەل كىندى:پەلسەپە كىشىلەردىن شەئىيلەرنىڭ يۈزەكى تەرىپىنى ئەمەس ئەمەس، بەلكى ، ماھىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەتقىق قىلىشنىتەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى يۈزەكى نەرسىلەر چەكسىز بولىدۇ. ئۇنى بىلىمەن دەپمۇ بىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ.
7.فارابى: پەلسەپە بارلىق شەئىيلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن ئىبارەت بۇ پاكىتنى چىقىش قىلىپ شەئىيلەرنى چۈشىنىدۇ.
8.ئىبىن سىنا: پەلسەپە ئىنسان قابىلىيىتىدىن پايدىلىنىپ شەئىيلەرنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ ھەم نەزىرىيە ھەم ئەمىلىيەتتىكى ھەقىقەتلەرنى تەكشۈرۈپ دەلىللەپ ، ئىنسان روھىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
9.ئىبىن رۇشىد: پەلسەپە ياراتقۇچى ئىلاھنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلاش نۇقتىسىدىن شەئىيلەرنى كۈزىتىدۇ.
10. سادىق قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى: پەلسەپە ئالدى بىلەن ئىلىمنى سۆيۈش دىمەكتۇر، ئاندىن ئىنسانى قابىلىيەتلەر بىلەن شەئىيلەرنىڭ ماھىيىتىنى بىلىش، ئاخىرىدا ئىلىمگە مۇناسىپ روھ بىلەن سۆزلەش، ئىش قىلىش دىمەكتۇر.
11.سەدىردىن شىرازى: پەلسەپە شەئىيلەرنىڭ ماھىيىتىنى تونۇش، تەسەۋۋۇر قىلىش ھېس قىلىش بىلەن ، تەقلىدلەپ ئەمەس ، بەلكى رەسمى مۇنازىرە بىلەن شەئىيلەر مەۋجۇتلىقىغا كېسىم قىلىپ ، ئىنسانى روھنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتۈر .
12. شېپىزۋالى: پەلسەپە ئادەمنى ئەللامە مۇقامىدىكى روھىيەت ئۆلىماسىغا ئايلاندۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە پەيلاسوپ بەندىنىڭ قابىلىيىتى يەتكۈچە شەئىيلەرنىڭ ماددىيلىقىنى تونۇتىدىغانلاردۇر.
13.قۇتبىدىن شىرازى: پەلسەپە ئىنسان روھىنى مەزمۇن ۋە ئەمىلى جەھەتتە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مۇكەممەلەشتۈرىدۇ.
14. دېكارىت: پەلسەپە بارلىق ئىلىملەرنىڭ خۇلاسىسى، ئۇ ھەربىر ئىلىمنىڭ تۈپ مەزمۇنىنى ئىگىلىگەن بولۇپ ، مەۋجۇت بولۇشقا تېگىشلىك بارلىق مەۋجۇتلۇقتىن خەۋەردار قىلىشتۇر.
15. لوك: پەلسەپە ئىنسان كاللىسىدىكى ئۇقۇملارنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.
16. كانت: پەلسەپە بىلىۋاتقۇچى بىلىش جەريانىدا ئەمەل قىلىدىغان قانۇنىيەتلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.
17.فىشىت: پەلسەپە بىر خىل بىلىش سەنئىتى.
18.گېگېل. پەلسەپە ئۆلمەس ھەقىقەتنى تونۇش دىمەكتۇر.
2. پەلسەپە تەتقىقاتىنىڭ تېمىسى(تۇتقىسى)
پەلسەپىدە بىر نەچچە تېما (تۇتۇم)بار. لوگىكا ، ئەمەلى ئېتىكا، ئىستىتىكا، سىياسى ۋە مىتافزىكا شۇ تۇتۇملارنىڭ رەسمى ئاتالمىسى.
1. لوگىكا: ئۇ تەپەككۇر ، ئىزدىنىش، قانۇنىيەتلەش، كۈزىتىش، يىغىنچاقلاش، پەرەز قىلىش، ئاجرىتىش، ئانالىز قىلىشۋە ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇكەمملە ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ لوگىكا تەپەككۇرنى خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن ساقلاپ ، بىر تەرەپ قىلىش مۇمكىنچىلىكى بار مەسىللەرنىڭ ھەممىسىنى ھەل قىلىدۇ.
2. ئەمەلى ئېتىكا: ئۇ مەۋجۇتلۇق غايىسىگە قارىتىپ قىلىنغان تەتقىقات. يەنى كىشىلىك ھايات پەلسەپىسىدۇر.
سوقرات ھاياتلىقتىكى ئەڭ يۈكسەك بىلىم ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى بىلىش يەنى كىشىلىك ھايات پەلسەپىسىنى ئىگىلەشتۇر دەيدۇ.
3. ئىستىتىكا: ئۇ بىر كۆرسەتمىلىك پەلسەپە بولۇپ، پىسخولوگىيە ،تارىخ، ۋە جەمىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئىستىتىك تۇيغۇنى تەتقىق قىلىدۇ. ئىستىتىكىنى سەنئەت پەلسەپىسى دېسىمۇ بولىدۇ. ئىستىتىكا ئىنسانغا خۇشاللىق ۋە ئازاپ ئەكىلىشنىڭ تارازىسى ۋە گۈزەللىك رەزىللىكنىڭ ئۆلچىمىنى تەتقىق قىلىدۇ.
4.سىياسى: ئۇ ئىجتىمائى تەشكىللەرنى تەتقىق قىلىدۇ، ھەرگىز بەزىلەر تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ھوقۇقنى قولغا ئېلىش ھوقۇقنى ساقلاش ھەققىدىكى ئىلىم ئەمەس. مۇستەبىت تۈزۈم، ئاقسۆڭەكلەر ھاكىمىيىتى ، دېمكوراتىزىم، سوتسىيالىزىم، ھۆكۈمەتسىزلىك دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى سىياسىينىڭ تەتقىقات دائىرسىگە مەنسۇپ.
5.مېتافىزىكا: ئۇ پەلسەپىنىڭ باشقا تۇتۇملىرىغا ئوخشىمايدۇ، بارلىق شەئىيلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەقىقىتىنى ، يەنى تەبىئەتنىڭ تۈپ ھەقىقىتىنى، ئەڭ ئالى مەۋجۇتلىقىنى تاپقۇسى كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە ئىنساننىڭ ھېسسى ۋە ئەقلى بىلىش جەريانىدىكى روھ بىلەن ماددا ئارىسىدىكى ئۆز ئارا مۇناسىۋەتنى ھەل قىلىدۇ.
مەنبە: ئەرەپ تىلىدا يېزىلغان پەلسەپە دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قاچقۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-27 06:18 PM