بۈگۈن 9-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ب دەرىجىلىك بىرلەشمىسىنىڭ 26-ئايلانما مۇسابىقىسىدا شەنشى كونا شەھەر كوماندىسى 2 دە 1 نەتىجە بىلەن تيەنجىن پاراۋۇز كوماندىسىنى ئۇتۇۋالدى ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىش پۇرسىتىنى ساقلاپلا قالماي تاشئالما كوماندىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۈمۈدىنى يوققا چىقىرىپ تاللىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلدى، ئەگەر بۈگۈن شەنشى كوماندىسى مۇسابىقىدە ئۇتتۇرغان بولسا ، شىنجاڭ تائالما كوماندىمىز ئەتىكى شاڭخەي بىلەن بولغان ئەڭ ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىدەئۇتقان بولسا ئۇ چاغدا نۇمۇر ئۈسيۈنلىگىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئا دەرىجىگە ئۆرلەش سالاھىيىتىگە ئىرىشەتتى، ئەمدى ئەتىكى مۇسابىقىدا ئۇتسۇن ئۇتتۇرسۇن بەرىبىر بولۇپ قالدى. شۇنداقتىمۇ كوماندا ئەزالىرىغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز ۋە كىلەر يىلى نەك قويىۋەتمەي تىخىمۇ تىرىشىپ ياخشى ئوينىشىنى ، بىزگە يەنە بۇ يىلقىدەك نۇرغۇن خوشاللىقلارنى ئاتا قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز ، كوماندىمىز تىخى ياش ، ئەزالار ئاران 16 ياش ئەتراپىدا ، شۇنداق بولسىمۇ ئۇلاردىكى، يۈرەك، كەسپى ماھارەت ۋە كەسپى ئەخلاق دىگەنلەر ۋە شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ پوتبولغا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىغى جوڭگو پۇتبول ساھەسىنى قايىل قىپ قويدى.
سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتما دەپتىكەن، كوماندىمىزنى قۇراشتۇرۇپ ماددى ياردەم بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن تاشئالما گۇرۇھىغىمۇ رەھمىتىمىزنى بىلدۈرۈشنى ئۇتۇپ قالمايلى، تاشئالما گۇرۇھىنىڭ كوماندىمىزنى تاشلىۋەتمەي كىلەر يىلى داۋاپلىق قوللاپ بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.
ھەم بارلىق توپ مەستانىلىرىغا كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر
بۇ يىلقى سورۇنىمىز ئاخىرلاشتى. كىلەر يىلى يەنە ئۆز مەيدانلىرىمىزدا داۋاملىق ھۇررا توۋلايدىغانلىغىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايلى،
ئاللاغا ئامانەت
قاتتىق ئىچىنىش ۋە كىلەر يىلىغا بولغان ئوتتەك ئۈمۈت بىلەن يازدىم
مەنبە: بەيدۇ تورى يازما كۇلۇبى تاشئالما سەھىپىسى، تەپسىلاتىنى قىزىققۇچىلار بۇ يەردىن كۆرىۋالسۇن
http://tieba.baidu.com/f?kw=%D0%C2%BD%AE%BA%A3%CC%C4
قوشۇمچە:
تۈنۈگۈن ئىلان قىلىنغان شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۈگۈن ۋە ئەتىكى ئەڭ ئاخىرقى ئىككى مەيدان مۇسابىقىسىنىڭ 9 خىل ئىھتىماللىقتىكى نەتىجىسى. بۇنىڭدا ئىككى خىل ئىھتىماللىقتىلا شىنجاڭ كومانسىدى شاللىنىپ كەتمەيتتى، يەنى بۈگۈن شەنشى كوماندىسى قارشى تەرەپكە ئۇتتۇرۇش ياكى تەڭلىشىش ۋە ئەتە شىنجاڭ كوماندىسى چوقۇم شاڭخەي كوماندىسىنى يىڭىش. بۇگۈن شەنسى كوماندىسى قارشى تەرەپنى يىڭىپ 3 نۇمۇر ئالدى شۇنىڭ بىلەن ئەتە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى مەيلى قانداقلا بولسۇن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ شاللىنىپ كىتىشى مۇقەررەر بولۇپ قالدى.
若两场比赛都踢完,出现以下9种可能:
1.新疆胜上海,陕西输,新疆晋级。( 新疆积41上海积40陕西积39 )
2.新疆负上海,陕西输,上海晋级。( 新疆积38上海积43陕西积39 )
3.新疆平上海,陕西输,上海晋级。( 新疆积39上海积41陕西积39 )
4.新疆胜上海,陕西胜,陕西晋级。( 新疆积41上海积40陕西积42 )
5.新疆负上海,陕西胜,上海晋级。( 新疆积38上海积43陕西积42 )
6.新疆平上海,陕西胜,陕西晋级。( 新疆积39上海积41陕西积42 )
7.新疆胜上海,陕西平,新疆晋级。( 新疆积41上海积40陕西积40 )
8.新疆负上海,陕西平,上海晋级。( 新疆积38上海积43陕西积40 )
9.新疆平上海,陕西平,上海晋级。( 新疆积39上海积41陕西积40 )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yaro تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-27 05:54 PM