يازغۇچى ئائىلىسى
ئەكبەر ئەخمەتجان سابىرى
( بالىلار ھېكايىسى )
- ئاپا ، ئاپا !
- ۋۇش ، ئاستىراق گەپ قىلغىن ... ھە ، نېمە بولدۇڭ ؟ !
- ئاپا ، مەن ساڭا بىر ناخشا ئېيتىپ بېرەي . بۈگۈن مەكتەپتە مۇئەللىم بىزگە ئۆگىتىپ قويدى .
- كېيىن ئېيتىپ بەرگىن قوزام ، ھازىر داداڭ ھوجرىسىدا چۆچەك يېزىۋاتىدۇ . ئۇنىڭغا دەخلى قىلساق بولمايدۇ . كەپسىزلىك قىلمىغىن ، بولامدۇ ؟...
- چۆچەك ؟! ئاپا ، چۆچەك يېزىش ياخشى ئىشمۇ ؟
- ئەلۋەتتە ياخشى ئىش ، سەنمۇ ياخشى ئوقۇپ ، چوڭ بولغاندا داداڭدەك چۆچەك يازغىن- ھە ؟
- ....
# # #
- ھەي كەپسىز ، نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن ؟ داداڭنىڭ يېزىق ئۈستىلىنى قالايمىقان قىلىۋىتىپسەنغۇ ؟!
- قارا ئاپا ، مەنمۇ دادامغا ئوخشاش چۆچەك يېزىۋاتىمەن ...
- نېمىلەرنى جىجىلاۋاتىسەن ؟! ئۆت بۇياققا ! داداڭ كۆرسە يەنە خاپىلايدىغان بولدى – دە ؟! ھەي ... ئاپلا ، داداڭنىڭ ماۋۇ ئىش قەغەزلىرىنى يىرتىۋىتىپسەنغۇ ؟ ۋۇھ ، گەپ ئاڭلىمايدىغان ياغاچ قۇلاق !!
- …
# # #
- بالام ، داداڭنىڭ ھوجرىسىنى مارلاپ نېمە قىلىۋاتىسەن ؟
- قارا ئاپا ، دادام بىردەم يازىدۇ - دە ، يازغان قەغەزلىرىنى يىرتىپ پۇرلاپ تاشلايدۇ ... بۇ دادامنىڭ نېمە قىلغىنى ؟
- ھە ... بەلكىم داداڭنىڭ ئىلھامى كەلمەي ، يازغان چۆچىكى ياخشى چىقمايۋاتقان بولسا كېرەك . ياخشى يازالمىسا شۇنداق قىلىدىغان گەپ بالام .
- ئاپا ،ئەمىسە سەن نېمىشقا دادام قەغەزلەرگە قالايمىقان جىجىلاپ ، قەغەزلەرنى يىرتىپ ، پۇرلاپ تاشلىسا گەپ قىلمايسەن ، ئەمما مەن شۇنداق قىلسام نېمىشقا مېنى تىلللاپ ، خاپا بولۇپ كېتىسەن ؟....
- .....
( ئاپتۇردىن) __ ئەسكەرتىش : بۇ ھېكايە مېنىڭ شىنجاڭ ياشلار -ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان <<مەن نېمىشقا قورقۇنچاق>> ناملىق بالىلار ھېكايىلەر توپلىمىمدىن ئېلىنغان .
مەنبە : شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى .