ھەسرەت
خۇشاللىق يىراقتا،بەكمۇ يىراقتا،
يىراقتا مۇزلىغان شېرىن چۈش كەبى.
دىلىمنى دائىما چۇلغۇيدۇ ھەسرەت،
كۆيدۈرەر گاھىدا بولۇپ ئەسەبىي.
ئارمانلار يىراقتا،بەكمۇ يىراقتا،
گوياكى كۆمۈلگەن چوڭقۇر قەبرىگە.
ئارماندىن قىلچىلىك ئەسەرمۇ قويماي،
ھەسرىتىم تاشتىغۇ چىقىپ ئەۋجىگە.
پۇشايمان قاچىغا تولدى لىقمۇ-لىق،
تاشماقتا بۇلدۇقلاپ قاچىدىن يەنە.
نە سەۋەپ بۇنىڭغا ئۆزۈم بىر نادان،
گوياكى قالمىغان ھاياتتىن مەنە.
باغرىم تىلىندى يۈرىكىم قاناپ،
كەلمەكتە ھەسسىلەپ يەنە بۇ ئازاپ.
ئۆتكەن كۈن ئاتقان ئوق،يانماس ئارقىغا،
ماڭماقتا ئالدىمغا ئۈمىدسىز قاراپ.
مەنبە:قەلىمىم