ئەگەر بىز ھەقىقى تۈردە خوشاللىقنى ۋە بەختنى ئىزدىمەكچى ،بۇ ھاياتتا كېيىنكىلەر پەخىرلەنگۈدەك ئىزلار بىلەن ياشاپ قالماقچى بولساق ،خۇددى بىر شائىر ئېيتقاندەك : يا ئوتۇن يارماق كېرەك ، يا شام بۇلۇپ يانماق كېرەك .@ مەن قايتىپ كەلدىم ، سېنىڭ باغرىڭغا قايتىپ كەلدىم ،سېنىڭ كېچە –كۈندۈز زىكرى قىلىپ ، ماڭا قايتىدىن ھاياتلىق تېلىگەن تېلەكلىرىڭ مېھرىبان ئاللانى تەسىرلەندۈرۈش بىلەن بىرگە، مېنىڭ ئاتا –ئانام ،ساڭا ،پەرزەنتلىرىمگە قىيالماي ھاياتلىق ئۈچۈن قىلغان كۈرىشىم ،ئەزرايىلنى باش ئەگدۈردى بولغاي ، سېنىڭ ئاشۇ ئىسسىق باغرىڭدا،ھاياتنىڭ پەيزىنى بالىلىرىم ،ئاتا –ئانام ،ئۇرۇق –تۇققان ،ھەم بارلىق دوست –بۇرادەرلىرىم بىلەن بىرگە سۈرۈشكە قايتىدىن مۇيەسسەر بولدۇم .دىمەكچى بولغۇنىم سەن ماڭا يەنى بىر قېتىم ھاياتلىق بەردىڭ . ساڭا رەھمەت جېنىم ،بېشىمدا مۇسىبەتنىڭ قۇشى ئۇچقان چاغلىرىمدا ،تەڭرىنىڭ نامىنى ھەر مىنۇت ھەر سېكۇت زىكرى قىلىپ ، بېشىمدا كېچە –كۈندۈز پەرۋانە بۇلۇپ ،كېسەل كارۋېتىمدىن بىردەممۇ نېرى كەتمەي : - قەيسەر بول گۈلۈم ، بىزنىڭ بەختلىك كۈنلىرىمىز ئەمدىلا باشلانغان ، مېنى ھەم بالىلارنى تاشلاپ كېتىشىڭگە روخسەت قىلمايمەن ›-دەپ، ماڭا نىجاتلىق تىلىدىڭ .سېنڭ ماڭا بەرگەن مەدەتلىرىڭ ،تۇككەن قان –ياشلىرىڭدىن تەسىرلەنگەن بۇ گۈزەل دۇنيامۇ ماتەمدىن لىپاس كەيگەن قارا گەۋدىسىنى تەتۈر قىلىپ ،ماڭا ئاشۇ قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن بىر يۇرۇق يول بەردى .
قەتئى ئىرادە ھاياتلىق يولىڭدىكى نۇرلۇق مەشئەل ، سەن ئۇنى قانات قىلىپ يولىڭدىن قايتمىساڭلا ،ئۇ سېنى كۆزلىگەن نېشانغا يەتكۈزىدۇ، دەپ قايسى بىر كىتاپتىن كۆرگۈنىمدەك ،سەن ئاشۇ قەتئى ئىرادەڭ بىلەن مېنىڭ بۇ كېسەلچان ئاجىز تېنىمنى ،ھاياتتىن ئۈمۈت ئۈزگەن قەلبىمنىمۇ ئىرادىلىك قىلىپ تاۋلاپ چىقتىڭ . ئەينى چاغدىكى دوختۇرنىڭ دىئاگنۇزىنى كۆرگەن چېغىمدىكى كەيپىياتىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەشتىن قورقۇمەن . ئۆزەمنىڭ شۇنچە ياش تۇرۇپلا ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بۇلۇپ قالغىنىمغا بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەيلا قالغان ئىدىم . ئەمدىكىنە ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ،خىزمەتكە چىقىپ ئاتا –ئانامنىڭ پۇت –قۇلىنى سوۋۇتاي دىگىنىمدە ،بۇ نىجىس كېسەل ماڭا ئەمدى نەدىن چاپلاشتى دەپ تولىمۇ ئازاپلاندىم . ھەتتا ئۆز تەغدىرىمدىن زارلاندىم . ھاياتتىن ئۈمۈدۈمنى ئۈزۈپ ،ئەزرايىلنىڭ كېلىپ جېنىمنى ئېلىشىنى كۈتتۈم . دوختۇرلارنىڭ داۋالانسىڭىز ساقىيىپ كېتىسىز دىگەنلىرى خۇددى مېنى بەزلەش ئۈچۈن ،ماڭا تەسەللى بېرىش ئۈچۈنلا دېگەنلىرىدەك بېلىنىپ ،ئۇلارنىڭ نەسىھەتلىرىنىمۇ ئاڭلىمىدىم . كۈنلىرىمنى چىرايىمنى يالغان كۈلكە بىلەن پەدەزلاپ ،ھاياتقا كۈلۈپ قارىغان ئادەمدەك ئۆتكۈزدۈم .چۈنكى باشقىلارنىڭ ماڭا ئىچ ئاغرىتىشىنى خالىمايتتىم .
ئارزۇ ئارمانلىرىمغا ئاق داكىدىن ياغلىق ئارتىپ،ئىرادە ،ئىشەنچىمگە ئاپپاق خەستىن بەلۋاغ باغلاپ يۈرگەن كۈنلەردە سەن بىلەن تۇنۇشتۇم .بەلكىم بۇمۇ ئاللا ئېگەمنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدۇر. سېنىڭ مۇھەببەتلىك كۆزلىرىڭ چىرايىمدىكى ساختا كۈلكىنى ،قەلبىمدىكى ھەسرىتىمنى بىر قاراپلا بىلىۋالدى . مىسكىن قەلبىمگە بۆسۇپ كىرگەن مېھرى –مۇھەببىتىڭ ماڭا بۇ دۇنيانىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇردى .ھاياتلىققا قارتا ئىشەنچىم تۇغۇلدى .دوختۇرنىڭ داۋالىنىش تەكلىۋىنىمۇ قۇبۇل قىلدىم .
بېلەمسەن جېنىم ، نىمە ئۈچۈن ئەينى چاغدا شۇنچە جاھىللىق قىلىپ ،سېنىڭ ماڭا داۋالىنىش توغرۇلۇق قىلغان نەسىھەتلىرىڭگە قۇلاق سالمىدىم ؟ يەنە ،نىمە ئۈچۈن مەن ئۈچۈن ئۆز جېنىڭدىنمۇ كېچىشكە تەييارئىكەنلىگىڭنى ئىسپاتلاپ تۇرغان سەمىمى ساپ مۇھەببىتىڭگە پەرۋاسىزلارچە قارىدىم؟ چۈنكى سېنىڭ مېنى دەپ ياشلىق باھارىڭنى نابۇت قىلىشىڭنى خالىمايتتىم .ساڭا كېيىن يۈك بۇلۇپ قېلىشتىن تولىمۇ قورقاتتىم .قەلبىمدىكى لاۋىلداپ كۈيۈۋاتقان پاك مۇھەببىتىمنى زومۇ –زو بېسىپ ،ساڭا پەرۋاسىزلارچە مۇئامىلە قىلغان بولىۋالدىم . گەرچە ھازىرقى داۋالاش ئىشلىرى شۇنچە ئىلغارلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ ،بۇ كېسەلنىڭ تۈپ يىلتىزىدىن ساقىيىپ كېتىشىگە ئىشەنچىم يوقتى . شۇڭا ئاشۇ چاغلاردا ھاياتلىق ۋە مۇھەببەت ئوتتۇرسىدىكى كۈرەشتە ھەقىقەتەن تەمتىرەپ قالغان ئىدىم . ئەمما سېنىڭ ماڭا بولغان سەمىمى مۇھەببىتىڭنىڭ مەندىن ئۆتە جاھىللىقى مېنى يەڭدى ، كېسىلىمنى يەڭدى . ماڭا ئىشەنچ ئاتا قىلدى .ئىككىمىزنىڭ سەمىمى سادىقلىغىمىزدىن ئۇلۇغ ئاللا ئېگەم تەسىرلىنىپ ،ئىككىمىزگە مۇھەببەتنىڭ شېرىن ۋەسلىنى سۈرۈش پۇرسىتىنى بەردى ،شۇنداقلا بۇ شېرىن لەززەتتىن بىر جۈپ تاتلىق مېۋىمۇ بەردى . باشقىلارنىڭ ئاللا ئېگەمنىڭ بويرىقىسىز قىل تەۋرىمەس دىگېنى توغرا ئىكەن ، بۇرنۇمغا پۇراپ تۇرغان ئۆلۈم ۋەھىمىسىدىن ئۇنىڭ شاپائىتىدە قۇتۇلۇپ بەختلىك تۇرمۇشقىمۇ ئېگە بولدۇم .
ئايالنىڭ ئاياللىق لاتاپىتى ئەڭ ئاۋال ئۆزىگە ئۆزى ئىشىنىشتە ،يولدىشىغا سادىق ،پەرزەنتىگە كۈيۈمچان ،ئاتا –ئانا ،قېرىنداشلىرىغامېھرىبان بۇلۇشتا جۇلالىنىدۇ دەپ ،ئۆز لاتاپىتىمنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن تىرىشتىم .كېسىلىمنى ئويلاشقا ،ئۇنىڭ ئۈچۈن كوڭلۇمنى بىئارام قىلىشىمغا سېنىڭ مۇھەببىتىڭ يول قويمايتتى . سېنىڭ ئائىلىدىكى سەمىمى سادىقلىغىڭ ،كۈيۈمچانلىقىڭ ، بالىلارغا بولغان مەسئۇليىتىڭ ئۆزەمنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ساڭا پارۋاسىز قاراپ سېنى ئازاپلىغان كۈنلىرىمنى ئەسلىتىپ ،مېنى بەزىدە خىجىل قىلىپ قۇياتتى. خوشاللىقنىڭ كەينىگە ھامان قايغۇ يۇشۇرۇنغان بۇلىدۇ دەپ كىم شۇم ئېغىزلىق بىلەن ئېيتقان بولغىيتتىكىن ،توساتتىن بىر كۈنى يەنە يىقىلىپ چۈشتىم . ئەمما بۇ نۆۋەت ئىلگىركىگە قەتئى ئوخشۇمايتتىم . كېسەل ئازابى مېنى قانچە قىينىسىمۇ ،ھاياتقا بولغان ئىشەنچىم كۈن سېرى ئېشىپ باراتتى .سېنىڭ مۇھەببىتىڭ ،بالىلىرىمنىڭ سەبى تەلمۇرۇشلىرى ،ئاتا –ئانامنىڭ سۇلغۇن چىرايلىرى مېنى تېخىمۇ ياشاشقا ،ھاياتلىققا ئۈندەيتتى .
توۋا شۇنىڭغا ھەيرانمەن جېنىم ، ئىلگىرى كۆزۈمگە سوغۇق كۆرۈنگەنلىكى نەرسىلەر شۇ تاپتا تولىمۇ ئىسسىق ، مېھرى ئاتاشتەك بىلىنسە ، ئەتراپىمدىكى ھەممە مەۋجۇدات خۇددى بەدىنىمدىكى ھەر بىر تال ھۈجەيرىدەك ،ماڭا چەمبەرچاس باغلانغاندەك بىلىنەتتى . ئۇلارنى تاشلاپ كېتىشكە كۆزۈم پەقەت قىيمايتتى . سېنىڭ رېغبىتىڭ بىلەن تېخىمۇ رىغبەت تاپتىم ، ئەمما جېنىم ،سەن ئالدىمدا چاندۇرمىغىنىڭ بىلەن كېچىلىرى ئۇخلۇماي جەينىماز ئۈستىدە ئۇلۇغ ئاللادىن ماڭا نىجاتلىق تىلەپ قىلغان يىغا ئارلاش سۆزلىرىڭنى مەندىن يۇشۇرالمايتتىڭ . شۇنداق چاغدا كاللامغا :-توۋا قانداق ئادەملەر بۇ ھاياتتىن زارلىنىپ ئۆلىۋالماقچى بولىدىغاندۇ ؟ ، بەلكىم مۇشۇ دەقىقىدە بەزىلەر ھاياتلىققا ئىنتىلىپ ياش تۈكۈۋاتقان بولسا ، بەزىلەر ھاياتتىن زارلىنىپ ياش تۈكۈۋاتقاندۇ ، نىمە دىگەن تەڭشەلمىگەن جاھان بۇ-ھە ! دېگەن خىياللار كېچەتتى .
لېكىن گۈزەل ھاياتقا بولغان ئىنتىلىش مېنى سەندىنمۇ بەكرەك ئىرادىلىك قىلىۋەتتى . ئوپۇراتسىيەگە ماڭغان چېغىمدىكى سېنىڭ سىمايەڭ مەڭگۈ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ ، ئوپىراتسىيە قەغىزىگە قول قۇيۇۋاتقان قوللىرىڭ ساڭا بوي بەرمەي تىترېشىنى ھەم مۇھەببەتلىك كۆزىڭدىن ئاققان ئىككى تېمىم ياشنى مەندىن يۇشۇرالمايسەن جېنىم ! شۇ چاغدىلا ئۆزەمنى ئالەمدىكى بارلىق ئاياللاردىن بەختلىك ھېس قىلدىم ،ساڭا بولغان ھۆرمىتىم،مۇھەببىتىم تېخىمۇ ھەسسىلەپ ئاشتى . ھۇجودۇمنى قۇدرەتلىك بىر ئوت كۆيدۈرۈپ ئۆتكەندەك بولدى ، بۇنىڭلىق بىلەن قەلبىمدىكى ياشاش ئىستىكى تېخىمۇ كۈچەيدى . ئۆز –ئۆزەمگە ئاللادىن مەدەت تىلەپ سەن بىلەن ماڭا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىشنى تىلىدىم .مەندە ھېچقانداق قوقۇش ھېسياتى يوق ئىدى ، پەقەت كاللامدا ‹مەن چوقۇم ياشايمەن› دىگەن ئۇقۇمدىن باشقا نەرسە يوق ئىدى ... دوختۇرنىڭ ‹بىز پەقەت سەۋەپ قىلغۇچى ، قالغىنى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بىمارنىڭ بەرداشلىق بېرەلىشىگە باغلىق ›دېگىنى توغرا چىقتى . قارىغاندا بۇ دۇنيادا يەيدىغان رېسقىم تۈگۈمىگەن چېغى ، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ھېممىتى، دوختۇرلارنىڭ كۆڭۈل قۇيۇپ داۋالىشى ،ھەم سەن بىلەن مېنىڭ ھاياتقا بولغان ئىنتىلىشىمىز ،بېشىمدىلا چۆگۈلەپ يۈرگەن ئەزرايىلنى باش ئەگدۈردى . يەنە بىر قېتىم ھاياتلىققا ئېرىشتىم .
جېنىم ،بۇندىن كېيىن يەنە قانداق كۈنلەرنىڭ كېلىشى مېنىڭ ئىرادەمنى ھەرگىزمۇ تەۋرىتەلمەيدۇ . چۈنكى ئىرادەمنى سەن تاۋلاپ چىقتىڭ ،گۈزەللىكنىڭ ،ھەقىقى مېھرى-مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى ، ئاياللىق لاتاپەت ،ئانىلىق مەسئۇليەت ،بەختلىك ئائىلە دىگەنلەرنى ھېس قىلدۇردۇڭ .ھاياتنىڭ تولىمۇ گۈزەل ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتتىم . شۇڭا ساڭا ۋەدە بېرەي جېنىم ،ھاياتلىق ئۈچۈن چوقۇم تىرىشىمەن ! كەل جېنىم ،ئۇلۇغ ئاللا ئېگەمنىڭ شاپائىتى ئۈچۈن،گۈزەل دۇنيانىڭ تېخىمۇ مېھىر-مۇھەببەتلىك بۇلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلايلى .
@قا ئىزاھات : بۇ جۈملە سۆز يۇلتۇزۇڭ بۇلايمۇ ،يىلتىزىڭمۇ دېگەن كىتاپتىن ئېلىندى
مېھرىيە يازمىسى
|