مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3709|ئىنكاس: 1

ياپونىيە ھۆكۈمىتى قانداق ئويۇن ئويناۋاتىدۇ؟  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 675
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 22505
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7491 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 08:02:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئارال سېتىۋېلىش: ياپونىيە ھۆكۈمىتى قانداق ئويۇن ئويناۋاتىدۇ؟

ئاپتورى: ياڭ پېيچاڭ (تەرجىمىدە: نەپرەت2009)

QYM3@V)B[L2$]YEF@AR}6%5.jpg

ياپونىيە بىلەن جۇڭگونىڭ سېنكاكۇ ئارىلى (جۇڭگو دىياۋيۈ ئارىلى دەيدۇ) مەسىلىسىدىكى ماجراسى ئۇزۇندىن بار ئىدى، يېقىندا تۇيۇقسىز كەسكىنلىشىپ كەتتى. 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى، ياپونىيە ھۆكۈمىتى سېنكاكۇ ئاراللىرىنى ھەمدە ئەتراپىدىكى كىچىك ئاراللارنى سېتىۋېلىپ، دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى،  9-ئاينىڭ 11-كۈنى ئارال سېتىۋېلىش توختامىغا رەسىمىي ئىمزا قويدى.

شەك-شۈبھىسىزكى، ياپونىيە ئاكىتىپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى. بۇرۇنقىغا ئوخشاش، جۇڭگو پاسسىپ ئىنكاس قايتۇرىدىغان تەرەپ بولۇپ، ئىنكاس قايتۇرۇش شەكلى يەنىلا ئېتراز بىلدۈرۈش بولدى. 9-ئاينىڭ 10-كۈنى، دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى ياڭ جيېچى ياپونىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنى جىددىي چاقىرتىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىز ئارال سېتىۋالغانلىقىغا قاتتىق ئارىلىشىدىغانلىقىنى ۋە قاتتىق ئېتراز بىلدۈرۈدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. باش مىنىستىر ۋېن جىياباۋمۇ شۇ كۈنى:«دىياۋيۈ ئارىلى جۇڭگونىڭ زېمىنى، ئىگىلىك ھوقۇق ۋە زېمىن مەسىلىسىدە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ھەرگىز يول قويمايدۇ» دېدى.

بۇ قېتىم، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئاز ياكى كۆپ بولسۇن ئازراق قارشى تەدبىر قوللاندى، بولمىسا يۈزىگە سەت بولىدۇ. 9-ئاينىڭ 10-كۈنى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى 1992-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دېڭىز تۋەلىكى ھەمدە چېگرا رايون قانۇنى» غا ئاساسەن، دىياۋيۈ ئارىلى ھەمدە ئەتراپىدىكى ئاراللارنىڭ جۇڭگو دېڭىز ساھەسى ئاساسىي سىزىقى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ تەدبىر قارىماققا كۈچلۈكتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما كىچىك بالىلارنىڭ ئۇرۇشقىنىدىن پەرقى يوق: بىر كىچىك بالىنىڭ ئويۇنچۇقى تارتىۋېلىنغاندا، ئۇ يىغلاپ:«ھۇ..ھۇ..تارتىۋالساڭ بولمايدۇ، ئۇ دېگەن مېنىڭ ئويۇنچۇقۇم» دەپ ۋارقىرايدۇ. ئەگەر چوڭلارنىڭ سۆزى بىلەن ئىپادىلىسەك، ئۇنداقتا:«گەرچە سەن مېنىڭ ئويۇنچۇقۇمنى تارتىۋالغان بولساڭمۇ، ئەمما ئويۇنچۇقنىڭ مېنىڭ ئىكەنلىكىدەك ئەمەلىيەتنى ئۆزگەرتەلمەيسەن» دەيدۇ. بىراق كۆپچىلىككە ئايانكى، يىغلاپ قاخشىغاننىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق، ئويۇنچۇق يەنىلا خەقنىڭ قولىدا.

ئىنچىكە كۆزەتسەك، ياپونىيەنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەقەدىكى پوزىتسىيىسى باشقىچە قەتئىي بولدى. گەرچە جۇڭگو رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 12-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىدا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ:«جۇڭگو ھۆكۈمىتى زېمىنىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش مەسىلىسىدىكى مەيدانى قەتئىي ئۆزگەرمەيدۇ» دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ياپونىيە يەنىلا خالىغىنىنى قىلىپ، پىسەنت قىلىپ كەتمىدى.

ياپونىيەنىڭ پوزىتسىيىسى بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئەمەلىيەتتە، ئارال سېتىۋېلىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس، ياپونلار ئىنچىكىلىك بىلەن پىلانلىغان. ئەگەر بىرى بۇنىڭغا قارىتا گۇمانىي پوزىتسىيەدە بولسا، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئارال سېتىۋېلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇش تەسەۋۇرىدىكى كۈنلەرگە قاراپ باقايلى. 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى، ياپونىيە باش ۋەزىرى يوشىھىكو نودا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى ھەمدە سېنكاكۇ ئارىلىنى دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ئۇنۋېرسال تەتقىق قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ نېمە كۈن؟ لۇگوۋ كۆۋرۈكى ۋەقەسىنىڭ 75 يىللىقى!

ئاخىرىنى يەنە تەھلىل قىلساق، سېنكاكۇ ئارىلى ئەمەلىيەتتە ياپونلۇقلارنىڭ قولىدا، يەنە سېتىۋېلىپ دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىشتىن ئىلگىرى نەزىرىمىزنى دۆلەت ئىچىگە ئاغدۇرايلى. 2012-يىلى، جۇڭگو ئىقتىسادىي ئېشىشى ئاستىلاش، پۇل پاخاللىقى، ئىشسىزلىق نىسبىتى ئۆرلەش ۋە تاشقى سودا كاساتلىشىش قاتارلىق كۆپ قىرلىق بېسىمغا دۇچ كەلدى، ئەگەر ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ تاقابىل تۇرمىسا، بىر مەيدان «جۇڭگو ئىقتىسادىي كىرزىسى» نىڭ يېتىپ كېلىشى مۇمكىن بولمايدىكەن ئىش ئەمەس.  ئىقتىسادىي كىرزىس يۈز بەرسە، ئەمەلدارلارغا نىسبەتەن ئۇنچە ياخشى ئىش ئەمەس، جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق، چۈنكى ئىقتىسادىي كىرزىس ھاكىمىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا چوقۇم خىرىس قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ مالىمانچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە كېلىپ ئېنتىرنېتنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە ئۇچۇرنىڭ تارقىلىشى بىلەن ئاۋامنىڭ ئېڭى ناھايىتى تېزلا ئۆسۈپ كەتتى، ئامما ئەمدى ئىتائەتچانلىق بىلەن بوي سۇنمايدۇ، ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا ھوقۇقىنى قوغداش ھەرىكىتى قىلىدۇ. شۇڭا، جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، پەقەت ئىككى تاللاش بار: توسۇش ياكى بوشاشتۇرۇش. توسۇشنىڭ ئامالى ناھايىتى ئاددىي: مۇقىملىق ساقلاش خىراجىتىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ئارمىيەگە تېخىمۇ كۆپ پۇل بېرىش، ئەمما نورمال پىكىر قىلالايدىغان ئادەم مۇنداق قىلىشنىڭ ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. بوشاشتۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى بولسا ئۈنۈملۈك سىياسىي ئىسلاھات قىلىپ، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مونوپوللىقنى ئازلىتىپ، ھوقۇقنى ۋە مەنپەئەتنى خەلققە قايتۇرۇپ بېرىپ، خەلقنى تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىكتىن بەھرىمان قىلىش. ئەلۋەتتە، بۇ يولنى تاللاش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، چۈنكى مەنپەئەتدار گۇرۇھلار سىياسەت بەلگىلەشنى قولىغا ئېلىۋالغان، ئۇلار مەنپەئەتىنىڭ قىلچىلىك زىيانغا ئۇچرىشىنى خالىمايدۇ.

(M3XUUJ4VVKBV6APZJ094F4.jpg

سەللا سىياسىي سەزگۈرلىكى بار كىشىنىڭ ھەممىسى 2012-يىلى 7-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان مەزگىل جۇڭگونىڭ سىياسىي يۆلىنىشىنى بەلگىلەيدىغان سەزگۈر ۋاقىت ئىكەنلىكىنى، ھەم سىياسىي ئويۇننىڭ ھەل قىلغۇچ پەيتى ئىكەنلىكىنى، ھەر قايسى سىياسىي كۈچلەرنىڭ كۈچ سىنىشىۋاتقانلىقىنى، 10-ئايدا بارغاندا ھەممە ئېنىق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ.

قارشى قىرغاقتىكى ياپونىيە ھەممىنى بەش قولدەك كۆرۈپ يەتكەن ئىدى. ياپونلارغا ئىنتايىن ئېنىقكى، ئەگەر جۇڭگو ئىسلاھاتچىلار گۇرۇھى ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىسە، بىر مەيدان سىياسىي ئىسلاھات جۇڭگونى چوقۇم دېموكراتىيىلىشىش يولىغا ئېلىپ ماڭىدۇ. مۇنداق مەدەنىيەت ئىسلاھاتى مەدەنىيەت زوراۋانلىقىدىن ساقلاپ قېلىپ، جۇڭگونى ئەگرى يولدا ئاز ماڭدۇرىدۇ. نەتىجىدە، جۇڭگو پەندىنپەي ھەقىقىي دېموكراتىيىلەشكەن ۋە زامانىۋىلاشقان دۆلەت بولۇپ، ئىقتىسادىي گۈللەنگەن، ئاۋام باي دۆلەت قۇدرەتلىك مەملىكەت بولىدۇ.

بۇ دۇنيادا، جۇڭگونىڭ دېموكراتىك دۆلەت بولىشىنى ئەڭ ئۈمىد قىلمايدىغىنى ياپونىيە. چۈنكى جۇڭگو دېموكراتىيىسىنىڭ يېتىپ كېلىشى ياپونىيەنىڭ دېموكراتىك دۆلەت ئەھۋالىنى تارتىۋالىدۇ، ئامېرىكىنىڭ نەزىرىدە ياپونىيەنى ئانچە ئەرزىمەس ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ، ئىسراتىگىيىلىك ئورنىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

بىرلا ۋاقىتتا، جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلىنىشىنى ئەڭ ئۈمىد قىلمايدىغىنى روسىيەدىن سىرت دەل ياپونىيە. گەرچە جۇڭگونىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ياپونىيەدىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرىچە قىممىتى يەنىلا ناھايىتى ئازلىقى كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ ھەمدە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشىنىڭ سۈپىتى يۇقىرى ئەمەس. مۇبادا جۇڭگو خەلقىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقى قويۇپ بېرىلسە، مەبلەغ سېلىش شارائىتى ياخشىلانسا، جۇڭگو ئىقتىسادى قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە ئېرىشىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ياپونىيە ھامان ئاسىيا ئىقتىسادىدىكى سەركىلىك ئورنىنى يوقىتىدۇ. ئۇ چاغدا، جۇڭگو ياپونىيە مۇناسىۋىتىدە ئىستراتىگىيىلىك بۇرۇلۇش كۆرۈلۈپ، تاڭ دەۋرىدىكى ۋەزىيەتكە قايتىپ كېلىدۇ.

شۇڭا، ياپونىيەگە ئەڭ پايدىلىق ئىستراتىگىيە بولسا جۇڭگونىڭ دېموكراتىيىلىشىش ۋە زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ تاشلاشتۇر. بۇ بىر تىرەك نۇقتىسىنى لازىم قىلىدۇ: دەل سېنكاكۇ ئارىلى. ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە جۇڭگونى قوزغىتىپ قويىدىغان نەچچە بۇرۇلۇش نۇقتىسى ناھايىتى ئېنىق تەيۋەن، سېنكاكۇ ئارىلى ۋە جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى. ما يىڭجيۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن، تەيۋەندىن ئىبارەت بۇ بۇرۇلۇش نۇقتىسى جۇڭگونى ھاياجانغا سالالمايدىغان بولدى، جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى بولسا نىسبەتەن يىراق، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئەمەلىي قول سالالمايدۇ، ياكى بەك يىراق بولغانلىقتىن قول سېلىش نىسبەتەن تەس دەپ ئېيتىقىشقا بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئەڭ مۇۋاپىق تىرەك نۇقتىسى دەل سېنكاكۇ ئارىلىدۇر. ئەگەر سېنكاكۇ ئارىلىنى مۇنداقلا سىيلاپ قويسا، جۇڭگو جەمئىيىتى جىددىيلىشىپ كېتىدۇ، مۇتەئەسسىپ كۈچلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ:«قاراڭ، ئۇرۇش تەھدىتىگە دۇچ كەلدۇق، سىياسىي ئىقتىساد ئىسلاھاتى قىلىپ نېمە قىلىمىز، دۆلەتنى قوغداش مۇھىم» دەيدۇ. خەلق ئارىسىدىمۇ ھەر قايسى تەرەپلەر ئىتتىپاقلىشىپ، بىرلىكتە نەپرەت ياغدۇرۇشتەك ۋەزىيەت بارلىققا كېلىدۇ. بۇ چاغدا، كۆپچىلىك سىياسىي مەيدانىنى تالاش-تارتىش قىلمايدىغان بولىدۇ، ۋەتەننىڭ زېمىنىنى قانداق قوغداشنى مۇزاكىرە قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىدۇ. گەرچە قىسمەن كىشىلەر سېنكاكۇ ئارىلىغا سەزگۈر بولمىسىمۇ، ئەمما غىڭ-پىڭ قىلىشقا پېتىنالمايدۇ، چۈنكى كىمكى سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىدە ئوخشىمىغان قاراشتا بولسا تىل-ھاقارەتكە كۆمۈلۈپ كېتىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، ياپونلار كۈلۈشكە باشلىدى، چۈنكى سېنكاكۇ ئارىلى (دىياۋيۈ ئارىلى) ۋەقەسى جۇڭگونى «توساش» تىن ئىبارەت كونا يولدا داۋاملىق مېڭىشقا مەجبۇر قىلدى. بۇرۇنقىلارنىڭ ساۋىقى بىلدۈردىكى، «توساش» ھەرگىز ئاقىلانە تاللاش ئەمەس. توساش قانچە ئېگىز بولسا، يار ئېلىش ئېھتىماللىقى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. مۇبادا جۇڭگونىڭ بۇ توسمىسى غۇلاپ چۈشسە، چوڭقۇر مالىمانچىلىق جۇڭگونى مەڭگۈ ئەسلىگە كېلەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ، جۇڭگو مەڭگۈ ياپونىيەنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ماڭىدۇ.

ئېھتىمال بەزىلەر بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلار ساپلا سۇيقەست نەزەرىيىسىگە تولغان، رەددىيە بېرىشكە ئەرزىمەيدۇ دەپ قارىشى مۇمكىن. بىز تارىخنى ئەسلەپ باقايلى: 1861-يىلى، مەنچىڭ خاندانلىقى جەدىتچىلىك ھەرىكىتى (يېڭىلىق ھەرىكىتى) نى باشلىدى، مەقسىتى چەتئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش، چەتئەللىكلەرگە ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش ئىدى. مەنچىڭ ئىسلاھاتچىلىرى غەربنىڭ قورال-ياراغ ئەسلىھەلىرىنى كىرگۈزۈپ، ياساپ ۋە غەربنىڭ پەن-تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، يېقىنقى زامان كارخانىلىرىنى قۇردى. زېڭ گوپەننىڭ ئەنچىڭ قورال-ياراغ زاۋۇتى، لى خوڭجاڭنىڭ جەنۇبىي جۇڭگو ياساش باش ئىدارىسى، كېمىسازلىق باش ئىدارىسى، زو زۇڭتاڭنىڭ فۇجوۋ كېمىسازلىق مەمۇرىي ئىدارىسى، جاڭ جىدوڭنىڭ خەنياڭ تۆمۈر زاۋۇتى، خۇبېي توقۇمچىلىق ئىدارىسى قاتارلىقلار. ياونىيە جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمى باشلاندى دەپ قارىدى، شۇنىڭ بىلەن، 1895-يىلى جۇڭگو-ياپونىيە جىياۋۇ دېڭىز ئۇرۇشى پارتىلىدى، مەنچىڭ ھۆكۈمىتى مەغلۇپ بولدى، جەدىتچىلىك ھەركىتى ئاخىرلاشتى.

20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى، ئاۋام پارتىيىسى (گومىنداڭ) ھاكىمىيىتى ھەر قايسى مىلتارىستلارنى بوي سۇندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇراي دېگەن. بۇ چاغدا، ياپونىيە سەدىچىن سېپىلىنىڭ ئىچىگە قوشۇن تارتتى، جۇڭگودىكى بۆلۈنمە كۈچلەر ئارام ئېلىۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، ئەڭ ئاخىرىدا بىر مەيدان ئېچىنىشلىق ئىچكى ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، جۇڭگونىڭ باشقا بىر يۆلىنىشكە باشلاپ ماڭدى، ھازىرغا قەدەر مۇۋاپىق يول تاپالماي يۈرىدۇ.

ياپونىيەنىڭ قول سېلىش پۇرسىتىنى تاللىشى ھەقىقەتەن ياخشى، ئەجىبا نەچچە قېتىملىقىنىڭ ھەممىسى دەل كېلىپ قېلىشمۇ؟ ياق، بۇ ياپونلار ئىنچىكىلىك بىلەن پىلانلىغان. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سېنكاكۇ ئارىلى ياپونىيەنىڭ ئۈچىنچى قېتىم جۇڭگونىڭ زامانىۋىلىشىش ۋە دېموكراتىيىلىشىش تىرەك نۇقسىنى مالىمانلاشتۇرماقچى بولىشى، جۇڭگو مۇداپىئە كۆرمىسە بولمايدۇ. ياپون پاكارلىرى ناھايىتى ھىيلىگەر!

مەنبە: ياڭ پېيچاڭنىڭ سۇمرۇغ بلوگىدىن نەپرەت2009 تەرجىمە قىلدى.


ھازىرغىچە 6 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
تىلسىم + 10 قېنى كۆرىمىز...
zokra + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
باھادىر + 100
YuqunAdam + 222 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
ap~qilam + 200 دەت كەلمىسۇن
atilla0997 + 68 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 610   باھا خاتىرىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9369
يازما سانى: 292
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 21946
تۆھپە نۇمۇرى: 1557
توردا: 4254 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 02:30:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياپونىيە ئۇ ئارالنى كىمنىڭ قولىدىن سېتىۋالدى؟ نىمىشقا دۆلىتىمىزنىڭ مۈلكىنى رۇخسەتسىزلا سېتىۋالالايدۇ؟

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
سۈرخان + 10 ئۇ ئارال بىر ياپونلۇق.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!.
http://saadat.blogbus.com
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش