مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 221|ئىنكاس: 4

كۆرەش سەھنىسى(ئەپچىلەم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 619
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 8700
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 09:59:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كۆرەش سەھنىسى

ھاياتنىڭ ئۆزى بىر كۆرەش سەھنىسى ،

بىزگىمۇ بار بىر كۈن ياكى ئەتىسى .

قانچىلىك كۈن ئۆتتى بىلمەي قالىمىز،

كېلىدۇ  تۇيمايلا  ئۆلۈم   پەتىسى .


ھاياتنىڭ ئۆزى بىر كۆرەش سەھنىسى ،

شۇنچىلىك يېقىملىق چالغان پەدىسى .

مۇڭلىنىپ كېتىمىز بىلمەي قالىمىز،

قالىدۇ  مۈكچىيىپ  قامەت گەۋدىسى .


ھاياتنىڭ ئۆزى بىر كۆرەش سەھنىسى ،

يازىدۇ  تەغدىرنى  شۇنچە   تەپسىلى .

ئۇقۇيمىز ھەسرەتتە  تۇرۇپ قالىمىز ،

شۇ سەبىي بوۋاقتەك بولۇپ ھەقىقىي .


ھاياتنىڭ ئۆزى بىر كۆرەش سەھنىسى ،

پۇتۇلگەن ھەر كىمنىڭ ۋەدە-ئەھدىسى.

بۇزۇلۇپ  كېتىدۇ   بىلمەي  قالىمىز ،

كېسىلسە  بەندىنىڭ مۇنچىلىك ئەقلى .


ھاياتنىڭ ئۆزى بىر كۆرەش سەھنىسى ،

بولىدۇ   نەيرىڭى  ،تاپا - تەنىسى  .

جۆر بولۇپ ئوينايمىز بىلمەي قالىمىز،

ئازدۇرغان ئاشۇ چاغ ،ھەر بىر بەندىنى .

ھاياتنىڭ ئۆزى بىر كۆرەش سەھنىسى ،

تاشىدۇ  ئۇنىڭمۇ  سەۋىر قاچىسى  .

شۇنداق كۈن كېلىدۇ بىلمەي قالىمىز،

بولغاندا بۇ سەھنە ئۆلۈم قەبرىسى .

مەنبەسى: ئەپچىلەم



گـەرچـە مـەن جەمىيـەت تەرىـپىدىن لۈكـچـەك دەپ ئاتالغـان بولـسامـمۇ، لېـكىن  ئۆزەمنـىڭ ھامـان بىر پارلىغـان يۇلـتۇز بولـىدىغانلـىقـىمغا ئىشىنىمـەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82322
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3226
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2012-6-30
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 02:19:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنداقمۇ ھۈنىرىم با دەڭ نايىتى ياخشى يىزىپسىز ،ھاياتنى ئىنتايىن پاسائەتلىك ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىپسىز..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83324
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2220
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 04:15:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋزۇ  داغ-دۇغىلىق ياخشى قويۇلۇپتۇ، شۇنىڭغا چۇشلۇق جەڭگىۋار جەڭچىلەردەك مىسرالار بۇ كۈرەش سەھنىسىگە ئالدىرىماي كېلىۋاتقان ئوخشايدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   poyuz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-27 04:31 PM  


پويىزنىڭ گۈدۈك چالغىنى، سىزگە ھارقاچان ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇشنى ئەسكەرتكىنى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40749
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3033
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 07:57:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بىرنى كەلتۈرۈپ قۇياي؛
ھاياتنىڭ ئۈزى بىر كۈرەش سەھنىسى،
بۈلمەيسەن بامۇ-يوق بۈگۈنى ، ئەتىسى.
شۇندىمۇ تەييار تۇر بولمغىن غاپىل،
يېقىنلاپ كەلمەكتە ئەقەل پەتىسى.

نۇر چېچىش قۇياشقىلا خاس ئەمەس،ئۈزىڭىزگە ئىشىنىڭ سىزمۇ نۇر چاچالايسىز!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40749
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3033
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 07:58:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھاياتنىڭ ئۈزى بىر كۈرەش سەھنىسى،
بۈلمەيسەن بامۇ-يوق بۈگۈنى ، ئەتىسى.
شۇندىمۇ تەييار تۇر بولمغىن غاپىل،
يېقىنلاپ كەلمەكتە ئەجىەل پەتىسى.



نۇر چېچىش قۇياشقىلا خاس ئەمەس،ئۈزىڭىزگە ئىشىنىڭ سىزمۇ نۇر چاچالايسىز!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش