مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 659|ئىنكاس: 16

باشلىق كېلىدۇ(ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىز كىم؟ كىمنىڭ ئەۋلادى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42289
يازما سانى: 402
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6507
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 963 سائەت
تىزىم: 2011-5-27
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 07:22:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                                        .

باشلىق كېلىدۇ
ئەسقەر تۇرسۇن

ئۆلكە باشلىقى خىزمەت تەكشۈرۈپ شەھەرگە كەلدى، شەھەردىكىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاۋال مۇھىم قۇرۇلۇش تۈرلىرى ۋە يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان سانائەت رايونىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولۇۋاتقانلارنىڭ ئۆيلىرىگىچە بېرىپ، شەھەرنىڭ قىيىنچىلىقى بارلارنى يۆلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئاخىرىدا شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدىكى مەجلىسخانىدا شەھەرنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ۋە بىرقىسىم ئىدارە ئورۇنلار مەسئۇللىرى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە يۇمىلاق ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى.
-مەن يىغىن ئاچقاندا ئۆزۈم رىياسەتچىلىك قىلىپ كۆنۈپ قاپتىمەن، بۈگۈنكى سۆھبەتكىمۇ ئۆزۈم رىياسەتچىلىك قىلاي، دەپ گەپ باشلىدى ئۆلكە باشلىقى ھەمدە كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن شەھەرنىڭ خىزمىتىنى بىرقۇر مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، كۆپچىلىكنى ئاكتىپ پىكىر بايان قىلىشقا ئۈندىدى.
قىسقىغىنا سۈكۈناتتىن كېيىن شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شەھەرنىڭ بىرقانچە يىلدىن بۇيانقى ساياھەتچىلىك تەرەققىياتى ئەھۋالى ۋە يېقىن كەلگۈسىدىكى پىلانلىرىنى تونۇشتۇردى. ئۆلكە باشلىقى ئاڭلىغاندىن كېيىن يەنە بەزى تەسەۋۋۇرلار ۋە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئارقىدىن پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەھەرنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنىڭ ئۇدا نەچچە يىل ياخشى بولۇپ، ئۆلكە بويىچە ئالدىدا مېڭىۋاتقانلىقى، پىلاندىن سىرت تۇغۇش قاتارلىق ناچار ئەھۋاللارنىڭ بارغانچە ئازىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇردى. ئۆلكە باشلىقى بۇنىڭغىمۇ بېشىنى يېنىك لىڭشىتقاچ ئاددىي باھا بەردى.
ئۇنىڭغا ئۇلاپلا شەھەرلىك شەھەر قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شەھەر قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى، كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىنى چۈشەندۈردى، ئۇنىڭ بايانىغا قارىغاندا بۇ شەھەردىكى ھەممە كىشىنىڭ ئولتۇراق ئۆي مەسىلىسى ھەل بولغاندەك ئىدى. ئۆلكە باشلىقى تۇرالغۇ ئۆي مەسىلىسىنىڭ مۇھىملىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى، تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي مەسىلىسىنى جەزمەن ياخشى ھەل قىلىشنى تاپىلىدى.
ئۆلكە باشلىقى يۇمىلاق ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئارقا رەتتە ئولتۇرغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىنىمۇ پىكىر بايان قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. 50 ياشلار چامىسىدىكى بىر كىشى بىر ئاز جىمجىتلىقتىن كېيىن ئەمدى سۆزىنى باشلاپ، بۇرۇن ئۆسكەن مائاشنى تولۇقلاپ بېرىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چۈشكەنلىكى، ئەمما ھازىرغىچە تولۇقلاپ بېرىلمىگەنلىكىنى تىلغا ئېلىۋىدى، شەھەر باشلىقى بۇنىڭغا دەرھاللا قوشۇق سېلىپ، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئىشقا ئالاھىدە قاراپ، ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق مالىيە ئىدارىسىنى بېجىرىشكە بۇيرىغانلىقى، پات يېقىندا ھەل بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بۇ كىشىنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلىدى. كەينى-كەينىدىن يەنە ئىككى كىشىنىڭ ئەمدىلا باشلىغان سۆزى شەھەر باشلىقىنىڭ ھاپىلا-شاپىلا قوشۇق سېلىپ جاۋاب بېرىشى بىلەن بېسىقىپ قالدى، شەھەر باشلىقى گەپ قىلماي جىم ئولتۇرغان باشقا بىرقانچە ئىدارە باشلىقىغا «گەپ قىلىشمامسەن» دېگەندەك مەنىلىك ھۆمىيىپ قويدى. چۈنكى ئۆلكە باشلىقى كېلىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق يىغىنىدا شەھەر باشلىقى بىرقانچە ئىدارە-ئورۇننىڭ مەسئۇلىنى مەخسۇس سۆز قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. ئولتۇرغان ئىدارە مەسئۇللىرى ئۆلكە باشلىقىنىڭ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي كۆپتۈرۈپ سۆزلەنگەن خىزمەت نەتىجىلىرىنى ئەمەس، بەلكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىنىڭ پىكىرلىرىنى بەكرەك قىزىقىپ ئاڭلىغانلىقىنى ھېس قىلىشىپ قالدى. دەل شۇ چاغدا ئۆلكە باشلىقىنىڭ كاتىپى ئۆلكە باشلىقىنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ، سۆھبەت ۋاقتىنىڭ توشقانلىقى، بىنا ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ يىغىلىپ بولغانلىقىنى ئېيتتى، ئۆلكە باشلىقى بىرەر قۇر خۇلاسە بىلەن سۆھبەتنى ئاياقلاشتۇردى-دە، شەھەر باشلىقىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش ئۈچۈن سىرتقا ماڭدى.

شەھەر باشلىقى خىزمەت تەكشۈرۈپ ناھىيىگە كەلدى، ناھىيىدىكىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاۋال يېڭى سېلىنغان مەھەللىلەرنى كۆزدىن كەچۈردى، يەسلىگە بېرىپ يەسلى مائارىپى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، سىرتنىڭ مەبلىغىنى جەلب قىلىپ قۇرۇلغان پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى، ئاخىرىدا ناھىيەلىك ھۆكۈمەت بىناسىدىكى مەجلىسخانىدا ناھىيەنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ۋە بىرقىسىم ئىدارە ئورۇنلار مەسئۇللىرى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە يۇمىلاق ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى.
-بۈگۈنكى سۆھبەتكە ئۆزۈم رىياسەتچىلىك قىلاي، دەپ گەپ باشلىدى شەھەر باشلىقى ھەمدە بۇ ناھىيەدە كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن ناھىيەنىڭ خىزمىتىنى بىرقۇر مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، كۆپچىلىكنى پىكىر بايان قىلىشقا ئۈندىدى.
ناھىيە ھاكىمى بىرقانچە كىشىگە مەنىلىك قاراپ قويغاندىن كېيىن، -مەن ناھىيەمىزنىڭ يېڭىدىن بەرپا قىلغان ياشلار باغۋەنچىلىك مەيدانى ئەھۋالىدىن ئازراق دوكلات بېرەي، دەپ ئالمان-تالمان گېپىنى باشلىدى ناھىيەلىك تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى.
-بىز ناھىيەمىزدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ياشلار باغۋەنلىك مەيدانى تەسىس قىلىپ، ياشلارنى شۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇردۇق، جەمئىي ئەللىك مىڭ تۈپ كۆچەپ سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ تىكتۇق، ھازىر ناھايىتى ياخشى ئاينىۋاتىدۇ، ئىشىنىمىزكى مۇشۇ نەچچە يىل ئىچىدە ئوبدانلا ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىدۇ، ياشلارمۇ ئىشسىز قالمىدى، بۇ ناھىيەمىز ئۈچۈن قوش نەپ ھېسابلىنىدۇ...
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاۋاتقان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىگە بۇ گەپلەر مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلىنىۋاتاتتى، چۈنكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئىلىم ئىگەللەپ قايتىپ كەلگەن نۇرغۇن ياشلارنىڭ ۋاقتى ئۆز قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرىدىغان خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئۆتمەستىن، ئەنە شۇ باغۋەنچىلىك مەيدانىدا كېچە-كۈندۈزلەپ سۇ ياقىلاش، كەتمەن چېپىپ ئىشلەش بىلەن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى...
ئارقىدىن ناھىيەلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ناھىيەنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىن بىر قاتار دوكلات بەردى، ئۇنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا ناھىيەدىكى بارلىق دېھقانلار ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ ئەندىشە قىلمىغۇدەك چىدامچان، قىشتا مەش قالىمىسىمۇ تەرلەپ تۇرىدىغان، يازدا ئىشىك-دەرىزىلەرنى ھىم ئېتىپ قويسىمۇ سالقىنداپ ئولتۇرىدىغان ھۇزۇرلۇق ئۆيگە ئېرىشكەندەك ئىدى.
يەنە بىرقانچە ئىدارە-ئورۇننىڭ مەسئۇلى ھاكىمنىڭ قاپىقىغا قاراپ ئولتۇرۇپ چىدىيالمىدىمۇ قانداق، زورىغا دېگۈدەك گەپلەر بىلەن پىكىر بايان قىلغان بولدى.
شەھەر باشلىقى بۇ دوكلاتلارنى «ياخشى بوپتۇ»، «داۋاملىق ياخشى بولسۇن»، «چىڭ تۇتۇڭلار»، «بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ»، دېگەندەك باھا-تەلەپ سۆزلىرىنى قىستۇرۇپ تۇرۇپ ئاڭلىدى.
سۆھبەت سوغۇق داۋاملاشماقتا ئىدى، -سىلەرمۇ گەپ بولسا دەپ ئولتۇرۇڭلار، دەپ جانلاندۇرۇپ قويدى شەھەر باشلىقى.
ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىر-بىرىگە قاراشقاندىن كېيىن، 40 ياشلار چامىسىدىكى بىرەيلەن ئەمدى گېپىنى باشلىۋىدى، ھاكىم بېلىدىن تەپتى:
-ئەمىتاخۇن، ئىشنىڭ ئەھۋالىنى بىلسەڭلا دەڭلا، بولمىسا، بىلىدىغانلار دېسۇن، بۇ ئىش سىلە دېگەندەك ئەمەستۇ، دېگەچ سەھىيە ئىدارىسى باشلىقىنىڭ چىرايىغا قارىدى ھەمدە «ئىشنى ئوڭشىمامسەن» دېگەندە مەنىدە ئىما قىلدى.
سەھىيە ئىدارىسىنىڭ يېڭىدىن ئۆستۈرۈلگەن باشلىقى ئەمىتاخۇن ئېيتقان داۋالىنىش ھەققى توغرىسىدىكى ئىشتىن تازا خەۋىرى بولمىسىمۇ، ھاكىمنىڭ مەقسىتىنى دەرھال چۈشىنىپ، نەزەرىيىۋى گەپلەرنى يورغىلىتىپ تۇرۇپ ئىشنى ئوڭشىدى.
ئارقا-ئارقىدىن ئېغىز ئاچقان بىر قانچە كىشىنىڭ گېپىمۇ شەھەر باشلىقى چۈشىنەر-چۈشەنمەيلا ھاكىمنىڭ «ھەل بولاي دەپ قالدى»، «بىر قىسمى ھەل بولدى، تولۇق ھەل بولۇش ئالدىدا»، «ھەل بولغانلىقىدىن خەۋەرسىز قاپسىلەر» دېگەندەك گەپلىرى بىلەن ئوتتۇرا يولدا قالدى.
ھاكىم سائىتىگە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، شەھەر باشلىقىنىڭ قۇلىقىغا «كەچلىك پائالىيەتنىڭ ۋاقتى بولاي دەپ قاپتۇ» دەپ پىچىرلىدى.
شەھەر باشلىقى بىرەر قۇر خۇلاسە بىلەن سۆھبەتنى ئاياقلاشتۇردى-دە، مەجلىسخانىدىن چىقىپ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ، ھاكىمنىڭ ماشىنىسىنىڭ كەينىدىن «كەچلىك پائالىيەت»كە يۈرۈپ كەتتى.

ھاكىم خىزمەت تەكشۈرۈپ يېزىغا چۈشتى، ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، ئاۋال كۆكتات پارنىكلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، پارنىكلارنىڭ دېھقانلارغا ئېلىپ كەلگەن پايدىسى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشلارنى ئاڭلىدى. باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ بېيىغان دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئارىلاپ كۆردى، پاتقاق گازى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى، ئاخىرىدا يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ كونىراپ كەتكەن بىر قەۋەتلىك خىزمەت بىناسىدىكى چوڭ مەجلىسخانىدا يېزا رەھبەرلىرى، كەنت مۇدىرلىرى، دېھقانلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. ھاكىم ۋە ناھىيەدىن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگەن ئىككى كىشى، يېزا باشلىقى، يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي رەئىسى رەئىس سەھنىسىدە، قالغانلار تۆۋەندە ئولتۇردى. سۆھبەتكە يېزا باشلىقى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاۋال خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي رەئىسى خىزمەتلىرىدىن دوكلات بېرىپ، يېزىنىڭ تاۋۇز تېرىش كۆلىمىنىڭ يىلدىن يىلغا ئېشىۋاتقانلىقى، سۇ قىس، تېخنىكا خادىملىرى كەمچىل بولۇشتەك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، سورتنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ، ئىقتىسادىي كىرىمنى يىلدىن يىلغا ئاشۇرىۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇردى. ئارقىدىن يېزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى خىزمەتلىرىدىن دوكلات بېرىپ، يېزىنىڭ چىلانچىلىق خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىگەنلىكى، چىلان كۆچەتلىرى تىكىلگەن بەش يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ناھايىتى ياخشى مېۋە بەرگەنلىكى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولۇشىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەجلىسخانىنى قويۇق تاماكا ئىسى قاپلىغان ئىدى، ياشتا چوڭ بەزى دېھقانلار پات-پات يۆتىلىپ قوياتتى.
يېزا باشلىقى ھاكىمغا قاراپ «دېھقانلارمۇ گەپ قىلىپ باقسۇنمىكىن» دەپ مەسلىھەت سالغاندىن كېيىن، -سەمىتاخۇن، ئولتۇرۇۋەرمەي بىرەر ئېغىز گەپ قىلپ باقامسىلەر، دەپ قويدى. ئەمەلىيەتتە ئالدىنقى كۈنى يېزا باشلىقى نېمە دېيىش، قانداق يۇسۇندا دېيىشنى سەمەت ئىسىملىك بۇ دېھقاننىڭ قۇلىقىغا قۇيىۋەتكەن ئىدى.
بۇ دېھقان ناھايىتى راۋان سۆزلىدى، سۆزلىرىنىڭ نەزەرىيە سەۋىيىسىمۇ ناھايىتى يۇقىرى ئىدى، بىلمەيدىغان كىشىلەر بولسا ئىدى، ئۇنى ھەرگىز دېھقان دەپ ئويلىمايتتى.
شۇنداق قىلىپ ئۇيان-بۇيان گەپلەر بىلەن ئىشتىن چۈشىدىغان چاغ بولدى. يېزا باشلىقى «بولدى قىلامدۇق» دېگەندەك قىلىپ ھاكىمغا يەنە بىر قارىدى. ھاكىم بېشىنى يېنىك لىڭشىتىپ قويدى. يېزا باشلىقى «يىغىن تۈگىدى، قايتساڭلار بولىدۇ» دەۋەتكەندىن كېيىن ھاكىمنى باشلاپ مەجلىسخانىدىن چىقتى. ھاكىم مەجلىسخانىدىن چىققاندىن كېيىن، «جۇڭخۇا» ماركىلىق تاماكىسىدىن بىر تال چىقىرىپ ئەمدى چىشلەپ تۇرۇشىغا يېزا باشلىقى ئوت يېقىپ ئۈلگۈردى ھەمدە قۇلىقىغا پىچىرلاپ «بىزنىڭ بىر كەنتنىڭ سېكرېتارى كەچكە ئۆيىدە تەييارلىق قىپتىكەن، باشقا ئىش بولمىسا ھازىر ماڭساق بولارمۇ» دېدى.
ھاكىم ئۈندىمەستىن «ئارقامدىن ماڭ» دېگەندەك قىلىپ يېزا باشلىقى ئىشخانىسىغا قاراپ ماڭدى. يېزا باشلىقىمۇ ھاكىمنىڭ مەقسىتىنى دەرھال چۈشىنىپ، يۈگىرەپ بېرىپ ئىشخانىسىنى ئېچىپ، كرىسلونى يىغىشتۇرۇپ ھاكىمنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.
-ئاۋال قايتىدىغانلار قايتىپ تۇرسۇن، -دېدى ھاكىم ئولتۇرماستىن تامدىكى جەدۋەللەرگە قاراپ تۇرۇپ، -باشقىلارنىڭ ئايىقى بىر ئاز بېسىققاندىن كېيىن ئاندىن ماڭايلى.
-بولىدۇ، يەنىلا ھاكىم ئەتراپلىق ئويلايدۇ جۇمۇ، ھى ھى ھى...
كەنت سېكرېتارىنىڭ ئۆيىدىكى كەچلىك سورۇن قاتتىق قىزىپ كەتتى، داستىخانمۇ ناھايىتى مول ئىدى، يېزىدىكى چاپارمەنلەر، چالارمەنلەر، ئېيتارمەنلەر، ئىچەرمەنلەر... ناھايىتى چەبدەس ئىدى. چوڭ ئىستاكاندا خوشكەتتى قىلغاچقا، ھەممىسىنىڭ گىرادۇسى ناھايىتى تېزلا توشۇپ قالدى.
سازلار چېلىنماقتا، ناخشىلار ئۈنلۈك ئېيتىلماقتا ئىدى، ئەمما ھېچكىمنىڭ بۇنىڭغا قۇلاق سالغۇسى يوقتەك، نۆۋەت بىلەن ھاكىمنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ماختاش-تەرىپلەشلەرگە تولغان گەپلەر بىلەن ھاراق تۇتماقتا ئىدى.
خېلى ئوبدانلا تەڭشىلىپ قالغان ھاكىم تېلېفونىنىڭ تىترەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئۇرغان تېلېفوننى ئالدى:
-ھە، نېمە ئىش؟
...
-نېمە نېمە؟
ھاكىم تۇيۇقسىز سەگەكلىشىپ كەتتى، باشقىلار بۇنى سەزدىمۇ يوق، كارى بولمىدى. ئىتتىك-ئىتتىك قەدەملەر بىلەن دەرۋازا سىرتىغا، ۋاراڭ-چۇرۇڭلاردىن يىراقراق جايغا بېرىپ گېپىنى داۋام قىلدى:
-ئۆلكە باشلىقى كېلىۋېتىپتۇ، دېدىڭما؟ شەھەردىن ئۇقتۇرۇش كەلمىگەن بولغىيتتى؟.. نېمە، شەھەرگە ئۇقتۇرماي كېلىۋېتىپتۇما؟
ھەممە ئىشقا دىققەت قىلىپ تۇرۇۋاتقان يېزا باشلىقى بىر ئىشلارنى سېزىپ يەتتى ھەمدە دەرھال ھاكىمنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئىلاجى بار تىك تۇرۇشقا تىرىشىپ، ئۈندىمەي تۇردى.
-دەرھال شوپۇرنى چاقىرىپ چىق، ناھىيەگە قايتمىسام بولمايدۇ، ھاكىم شۇلارنى دېگىنىچە ئالمان-تالمان ماشىنا تەرەپكە قاراپ ماڭدى...
باشلىق كېلىدۇ، ئورۇنلاشتۇرۇلغىنى بويىچە كۆزدىن كەچۈرىدۇ، ئېكىسكۇرسىيە قىلىدۇ، سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ، سۆھبەتكە ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىلى، دېھقانلار ۋەكىلى... قاتنىشىدۇ، ئىشلار ئۆز يولىدا داۋام قىلىۋېرىدۇ...


مەنبە:جوڭگو تور رادىئوسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bzkm تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-26 07:28 PM  


گۈل ئۈزسەم قولۇمغا سانجىلدى تىكەن،
تىكەنسىز ئەمەسكەن ئەسلى گۈل دېگەن.
خۇدايىم ئىنسانغا چىراي بەرگەندە ،
تۈگمىدەك ئەقىلنى قۇشۇپ بەرسىكەن.

مەن 365 كۈن ياشايمەن،ھەرگىزمۇ بىر كۈن ياشاپ 365كۈن تەكرارلىمايمەن.

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 619
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 8700
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 07:55:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋزۇنى ئۇقۇپلا مۇشۇ ناخشا يادىمغا كەلگەنىدى

گـەرچـە مـەن جەمىيـەت تەرىـپىدىن لۈكـچـەك دەپ ئاتالغـان بولـسامـمۇ، لېـكىن  ئۆزەمنـىڭ ھامـان بىر پارلىغـان يۇلـتۇز بولـىدىغانلـىقـىمغا ئىشىنىمـەن ...

ئىمپىراتور

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64728
يازما سانى: 1204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1109
تۆھپە نۇمۇرى: 838
توردا: 749 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 08:01:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاھا  ما ناخشا تىمىنى باشقىچە قىزتىۋىتىدىكەن!

سۈلھى قىلغانلار شۇ پىتى ئىزىلىدۇ!!!! شۇنداق بولغاچقا ئۈلۈپ كەتسەم رازىمەنكى ھەرگىز سۈلھى قىلمايمەن !!

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1461
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16378
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7134 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 08:08:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆلۈكلەرمۇ تىزدىن قوپۇڭلار باشلىق كىلىدۇ ، ئالتۇن ھوجۇردىكى نازىنىنى يىگىلى كىلىدۇ .

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،
ئەقىلسىز دۈشمەننى دۈشمەن تۇتقان پىشاناڭدىن كۆر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85446
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 127
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2012-10-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 08:24:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاڭلىسام .ھازىرقى جۇڭگو ھۈكۈمىتىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىشى (خېشىن دەۋرىدكىدىن ئشىپ كىتىپۇ،،،،
پاك ئەمەلدارلار بەك ئاز ،،چېرىكلىشىش ئەۋج ئالغان بۇ دۆلەتتە بىزمۇ زامان ساڭا باقمىسا ،سەن زامانغا باق دىگەندەك بىز باقايلى بۇ زامانغا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25741
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6156
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 3210 سائەت
تىزىم: 2011-1-10
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 08:29:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قامچا جايىغا تېگىپتۇ، بىراق ئۈلكىدىن قالسا ئوبلاست بولىدۇ، شەھەر بىلەن ناھىيە تەڭ دەرىجىلىك بولىدۇ، ھىچقاچاندا شەھەر باشلىغى  ھاكىمنى باشقۇرالمايدۇ ، شەھەر بىلەن ناھىيە ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرىدۇ، بىر-بىرىنىڭ ئىشىغا ئارلىشالمايدۇ. شۇنىڭغا ئوبلاست باشلىغى ناھىيەگە تەكشۈرۈشكە چۇشۇپتۇ دېگەن بولسىڭىز توغرا بولاتتى...
كەچۇرۇڭ، ئاتكاچىلىق قىلىپ قويدۇم.

ياخشىغا كۈن يوق

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 757
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6507
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 348 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 08:38:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   azrat705 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-26 08:57 PM  


ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

ياخشىغا كۈن يوق

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 757
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6507
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 348 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 08:39:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   azrat705 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-26 08:57 PM  


ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83608
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3158
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2012-8-7
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 10:00:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  يىزىلىپتۇ  .رەھمەت  سىزگە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 984
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14034
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1335 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 10:32:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خالا پوق پۇراپ كىتىدۇ،ھەممەڭلا چىچماي تۇرۇڭلار باشلىق كىلىدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش