بىزلەر شۇنداق ئىنسان ئىكەنمىز ، بۇ دۇنياغا «مېھمان» ئىكەنمىز . يات جايلاردا تارتىنىپ ياشاپ ، يۇرتىمىزدا« سۇلتان »ئىكەنمىز . بىزلەر شۇنداق ئىنسان ئىكەنمىز ، <بۇ ياشلىقتا گۈلخان> ئىكەنمىز . مۇھاببەتتە سۆيگەن يار بىلەن ، <ئايرىلماسقا بىر جان> ئىكەنمىز . بىزلەر شۇنداق ئىنسان ئىكەنمىز ، دوستىمىزغا غەمخان ئىكەنمىز . كەتسە ئەگەر ئارىدىن بىرسى ، ياشلىرىمىز «مارجان» ئىكەنمىز . بىزلەر شۇنداق ئىنسان ئىكەنمىز ، بەزىلەر ھەم دېھقان ئىكەنمىز . جاپاكەشلەر ئۆز - ئارا قاياش ، دەردىمىزگە دەرمان ئىكەنمىز . بىزلەر شۇنداق ئىنسان ئىكەنمىز ، خىيالىمىز «ئىسيان» ئىكەنمىز . چىڭ تۇرمىساق تۇرمۇش مۈشۈكتۇر ، بىز گوياكى «چاشقان» ئىكەنمىز . بىزلەر شۇنداق ئىنسان ئىكەنمىز ، گۈل ئىشقىدا خەندان ئىكەنمىز . تاماكىدەك تاشلاندۇق نەرسە ، ساقلايدىغان «كۈلدان» ئىكەنمىز . بىزلەر شۇنداق ئىنسان ئىكەنمىز ، ياخشىلىقتا «ئاسمان» ئىكەنمىز . ئېزىتقۇدا ئاچا - سىڭىللار ، خىيالدا يوق «ھايۋان» ئىكەنمىز . بىزلەر شۇنداق ئىنسان ئىكەنمىز ، كىچىك ئىشقا ھەيران ئىكەنمىز . ئۆتۈپ كەتسە بىرسى ئالدىغا ، ئازدۇردىغان «شەيتان» ئىكەنمىز . بىزلەر شۇنداق ئىنسان ئىكەنمىز ، يۈز قوغلاشتا «پالۋان» ئىكەنمىز . تۇققانغا يوق ھەتتا زاغرىمۇ ، <تونۇشقا بار- گۆشنان> ئىكەنمىز . بىزلەر شۇنداق ئىنسان ئىكەنمىز ، قېرىنداشلار ھەريان ئىكەنمىز . ئىناقلىقتىن سۆز ئاچسا بىرسى، تورايدىغان «قالقان» ئىكەنمىز . بىزلەر شۇنداق ئىنسان ئىكەنمىز ، <قاتار چايغا ئارمان> ئىكەنمىز . ئۇنتۇلدىغۇ دۇئا - تىلاۋەت ، <ئويۇن تۈگىسە سەرسان> ئىكەنمىز . بىزلەر شۇنداق ئىنسان ئىكەنمىز ، چوڭ باشلىققا «ئايۋان» ئىكەنمىز . يانجىلساقمۇ ئۈندىمەي قىلچە ، ئايىقىدا «پايخان» ئىكەنمىز . بىزلەر شۇنداق ئىنسان ئىكەنمىز ، گاھى «شامال - بوران» ئىكەنمىز . چېپىلساقمۇ ئۆتكۈر تىغ بىلەن ، يەنە كۆكلەر «ئورمان» ئىكەنمىز . بىزلەر شۇنداق ئىنسان ئىكەنمىز ، تاماشادا يامان ئىكەنمىز . ئۆسكەنلەرنىڭ تاپىنىدىن ھەم ، كولايدىغان «چايان» ئىكەنمىز . بىزلەر شۇنداق ئىنسان ئىكەنمىز ، <ھىچ توختىماس كارۋان> ئىكەنمىز . توۋلاپ قويساق بىر - ئىككى ناخشا . ئەل ئاغزىدا «چولپان» ئىكەنمىز . بىزلەر شۇنداق ئىنسان ئىكەنمىز ، بەزى ئۆز بەگ ، ئۆز خان ئىكەنمىز. ئاتا - ئانا كەلگەندە يانغا ، ئىشلەيدىغان «ئىشچان» ئىكەنمىز . بىزلەر شۇنداق ئىنسان ئىكەنمىز ، «ھەممە سۆزلەر يالغان» ئىكەنمىز . ئاغزىمىزدا ئانىلار ئۈچۈن ، «قىلاي جاننى قۇربان» ئىكەنمىز . بىزلەر شۇنداق ئىنسان ئىكەنمىز ، ئىلگىرلىمىسەك ۋەيران ئىكەنمىز . تامام بولسا ھاياتلىق يولى ، توزۇيدىغان «خازان» ئىكەنمىز . بىزلەر شۇنداق ئىنسان ئىكەنمىز ، <ئىزى ئۆچمەس داستان> ئىكەنمىز . بېشىمىزغا كەلگەندە ئەجەل ، بىز ھەممىمىز «گۇمران» ئىكەنمىىز . مەنبە : ئىجادىيىتىم |