|
|
|
|
مەرھۇم ئەخمەتجان مەمتىمىننى ئەسلەپ
ئەخمەتجان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن تالانىتلىق گىتار ماھىرلىرىنىڭ بىرى . ئۇ 1969-يىلى كۈزدە قاراقاش ناھىيىسىدە بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . كىچىكىدىن تارتىپلا سەنئەتكە ھەۋەس قىلىپ ، باشلانغۇچ مەكتەپتىكى چاغلىرىدىن باشلاپ راۋاپ ، تەمبۇر ، دۇتتار ، غىجەك ، قاتارلىق چالغۇلارنى چالالايدىغان ۋە ناخشا ئېيتالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ئىدى . ئۇ 1984-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنىڭ سەنئەت سىنىپىغا قۇبۇل قىلىنىپ ، 1986-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ناخشا - ئۇسۇل ئۆمىكىگە بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلدى . بۇ يەردە ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمى بىلەن گىتار چېلىش ماھارىتىنى ئىگىلىدى . 1987-يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خوتەن ۋىلايەتلىك <<يېڭى قاشتېشى >> سەنئەت ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىندى . ئۇ شۇ يىلى سىنتەبىردە <<تەڭرىتاغدا كۈز >> سەنئەت بايرىمىغا قاتنىشىپ <<ياشلىق كۈيى>> ،<<تاۋار بالىلار>> قاتارلىق ناخشىلىرىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنداپ ھەر مىللەت تاماشىبىنلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى . 1987-يىلى <<شىنجاڭ ياشلىرى >> ژورنىلى ئۇنىڭ سەھنىدىكى ماھارەت كۆرسىتىش كۆرىنىشىنى 11-سانىنىڭ مۇقاۋىسىغا باستى . بۇ ئۇنىڭغا زور ئىلھام بولدى . ئۇ 1988-يىلى نويابىردىن باشلاپ ئاپتونۇم رايۇنلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ئويۇن قويۇشنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن <<كۈلكە چولپانلىرى>> ، <<ياشلار ئويۇن قويۇش گۇرۇپپىسى >> ، <<ئاتاقلىق سەنئەتكارلار ئويۇن قويۇش گۇرۇپپىسى >> ، << 2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ سەنئەت بايرىمى >> ۋە 1989-يىلى <<يىپەك يۇرتىدا نورۇز >> قاتارلىق سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى . ئەخمەتجان بۇ جەرياندا <<كىرىپ قاپتۇ ئانام چۈشۈمگە>> ، <<ئۈرۈكۈم>> ، <<گۈزەل قىز >> ،<< سۇمبۇل چاچ >> قاتارلىق كۆپلىگەن ناخشىلارنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئىلىكتىرونلۇق گىتاردا ئۇرۇنداپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن <<1-دەرىجىلىك ئورۇندىغۇچى>> ، <<مۇنەۋەر ئورۇندىغۇچى>> ، << مۇنەۋەر ياش ناخشىچى >>ۋە << ئىلغار خىزمەتچى >> بولۇپ باھالىنىپ كۆپ قېتىم مۇكاپاتلاندى . كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن ئۇنىڭ بىر قىسىم ناخشىلىرى << شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى >> ۋە << شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى >> تەرىپىدىن تەلەپلەر بويىچە داۋاملىق ئاڭلىتىلىپ كەلگەن . << شىنجاڭ ياشلىرى >>ژورنىلى 1991-يىل 3-سانىدا ئۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ۋە ئىش - ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇپ باستى .
مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىنىڭ قىسقا فىلىمى :
ئەخمەتجان مەمتىمىننىڭ كەڭ دائىرىلىك تونىلىشىغا تۈرتكە بولغان ئەڭ نادېر ئۆچمەس گىتتار بىلەن ئۇرۇندىغان مۇزىكىسى
ئۆزھال مۇقامىدىن ئارىيە
ئەخمەتجان مەمتىمىننىڭ ناخشىلىرى :
ۋەدە :
مىنىڭ گۈلۈم
تەنھا
ئانا
سۇمبۇل ساچلارىڭ
سەھنىدىكى ئاي
كۆڭۈل بەرسەم بىلمەيسىز
قىز بالا
ھىندىستانچە ناخشا
چاتما ناخشىلار
مەنبە : تور دۇنياسىدىن توپلاندى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئوت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-26 04:38 PM
|
|
|
|
|
|